مالايسىيا ھۆكۈمىتى بېيجىڭغا باش ئەگدى، ئامېرىكالىق ئۇيغۇر ئالىمىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە قوغلاپ چىقاردى
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئاخباراتى . مالايسىيا ھۆكۈمىتى بېيجىڭغا باش ئەگدى، ئامېرىكالىق ئۇيغۇر ئالىمىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە قوغلاپ چىقاردى . ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ 2026-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكالىق ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە مەجبۇرىي قوغلاپ چىقارغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلەيدۇ.