تايلاندتىكى ئۇيغۇرلاردىن يەنە بىر قۇتقۇزۇش مۇراجىئىتى: «7 يىلغا سوزۇلغان ئۈمىدسىزلىك»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

تايلاندنىڭ مۇساپىرلار لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «7 يىلغا سوزۇلغان ئۈمىدسىزلىك» تېمىسىدىكى، ئامېرىكادىن تارقىتىلىدىغان ئىجتىمائىي ئۇچۇر-ئاخبارات ۋاسىتىسى تورى «مېدىئۇم» دا ئېلان قىلىنغان خېتى، 2014-يىلىدىن باشلاپ تايلاندنىڭ ئوخشىمىغان مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا تۇرۇۋاتقان 52 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىزتىراپلار ئىچىدە دۇنياغا قىلغان يەنە بىر قېتىملىق «قۇتقۇزۇش مۇراجىئىتى» دۇر.

بۇ مۇراجىئەتنامە يېقىنقى كۈنلەردە يەنە ئۇيغۇر ۋە تۈرك تىللىرىدا باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ تارقالغان.

تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر مۇراجىئەت خېتىدە ئاۋۋالقىغا ئوخشاش تايلاندتىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ خىتايغا يوللىنىپ، يەنە بىر قىسمىنىڭ تۈركىيەگە يولغا سېلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىنىڭ پارچىلىنىپ، قېرىنداشلىرىنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلغانلىقى، بۇ جەرياندا بەزى بالىلارنىڭ يېتىم بولۇپ قالغانلىقى، ھەتتا بەزىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مۇراجىئەتتە يەنە تايلاندنىڭ 5 مۇساپىرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكتىن مەھرۇم، تاماق، ياتاق ۋە داۋالىنىش شارائىتلىرى ئىنتايىن ناچار بولغان قىيىنچىلىقتا تۇرۇۋاتقانلىقى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنە شۇ خىل ناچار شارائىت تۈپەيلى قازا قىلغانلىقى، ھەتتا قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆلۈۋېلىش ھادىسىلىرىنىڭمۇ يۈز بەرگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

مەزكۇر ئۇيغۇرلار ئۆز مۇراجىتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار كومىتېتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا بارلىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكنى ئۈستۈن كۆرىدىغان دۆلەت ھەم تەشكىلاتلاردىن 7 يىلدىن بۇيان ئۈمىدسىزلىككە تولغان ئۆزلىرىنى تايلاندتىن قۇتقۇزۇپ ئېلىپ كېتىشى ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئەنە شۇنداق قىيىن شارائىتلار تۈپەيلىدىن مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قېچىش ۋەقەلىرىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، تايلاند دائىرىلىرى 10‏-يانۋار كۈنى تايلاندنىڭ مۇكداخان ئۆلكىسىگە قاراشلىق مۇئاڭ رايونىدىكى مۇساپىرلار قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 7 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ قاماقخانىدىن قاچقانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدى-كەينى بولۇپ قولغا چۈشكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇيغۇرلار «تۈرمىدىن قېچىشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى» بىلەن ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

مۇكداخان ئۆلكىلىك كۆچمەنلەر دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قاماقخانىدىن قاچقان 7 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرى 22-38 ياشلار ئارىلىقىدا بولۇپ، ئۇلار ھازىر تايلاندتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى 4 مۇساپىرلار مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان جەمئىي 50 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

تايلاندتىكى مەلۇم مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىرى بىلەن ئالاقە باغلىدۇق. ئۇنىڭ دېيىشىچە، يېقىندا بۇ 7 ئۇيغۇرنىڭ قاماقخانىدىن قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تايلاند دائىرىلىرى ھەر قايسى قاماقخانىلاردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەندىن باشقا، 2 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى بىر جايغا قامىماسلىق تەدبىرى ئالغان. ئۇلار يەنە بۇ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىشنى كۈچەيتكەن ۋە ئۇلارنى ھەر خىل قاماقخانىلارغا يۆتكىگەن. ئەڭ جىق ساندا ئۇيغۇر بىللە قامالغان باڭكوكتىكى ئى د س دەپ ئاتىلىدىغان تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن جەمئىي 9 ئۇيغۇر يۆتكەپ كېتىلگەن، بۇ يەردە ھازىر يەنە 15ئۇيغۇر قالغان بولۇپ، ئۇلارمۇ يۆتكىلىش ئالدىدا ئىكەن.

يەنە بىر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ مۇراجىئەتنامىنى تارقىتىشىغا سەۋەب بولغان مەسىلىلەر تايلاندنىڭ 5 ئوخشىمىغان مۇساپىرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم، تاماق، ياتاق ۋە داۋالىنىش شارائىتلىرى ئىنتايىن ناچار قىيىنچىلىقلاردىن باشقا يەنە يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان سالامەتلىك تەكشۈرگۈچىلەر دېگەن نامدا بۇ جايلارغا خىتايلار كېلىپ، ئۇلارنى تەكشۈرگەنلىكىدۇر. مەزكۇر ئۇيغۇرنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار خىتايلار ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن مەزكۇر تەكشۈرگۈچىلەر نۇقتىلىق ھالدا بۇ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قان ئەۋرىشكىلىرىنى ئېلىپ كەتكەنىكەن. بۇ ئەھۋال مەزكۇر ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىدىكى ۋەھىمىنى ئاشۇرغان.

بىز بىلەن ئالاقە قىلغان بۇ ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سالامەتلىك تەكشۈرگۈچىلەر گەرچە تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇيغۇرلار بىلەن گەپ قىلىشمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ چىراي تۇرقىدىن ۋە مۇئامىلىلىرىدىن خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشقان. بىزنىڭ تايلاندتىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدىن شۇنداق ئەھۋالنىڭ بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈشىمىزگە ئىمكانىيەت يار بەرمىدى.

2014-يىلىدىن بۇيان 300 گە يېقىن ئۇيغۇر مۇساپىر تايلاندتا تۇتۇلۇپ «چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش جىنايىتى» بىلەن مۇساپىرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغانىدى. كېيىنكى يىللاردا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 175 نەپىرى تۈركىيەگە يەرلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، يەنە 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولماي كەلمەكتە.

ھازىر تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەزكۇر ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭمۇ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقان كىشىلىك ۋە مۇساپىرلار ھوقۇقى قوغدىغۇچىلىرىمۇ مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.

2019-يىلى، دۇنيا مۇساپىرلار كۈنىدە تايلاندتىكى بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلار نامىدىن «دۇنيا، بىزنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!» دېگەن ماۋزۇدا بىر مۇراجىئەتنامە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە تارتقان ئىدى. ھالبۇكى ئوخشىمىغان كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپا ۋە كىشىلەر، تايلاندتىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا دۆلەتلەردە پاناھلىنىشى ئۈچۈن يول مېڭىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە ئېنىق بىر تەدبىر ئېلىنمىدى.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.