ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «قاراقاش ھۆججەتلىرى» تېمىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىدە «كۆپ قىسىم كۇرسانتلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۆيلىرىگە قايتقانلىقى» نى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتقاندا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىكى لاگېرلارغا دائىر بىر قىسىم ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى دۇنياغا ئاشكارا بولدى.

بۇ ھۆججەتلەر دەسلەپكى قەدەمدە قاراقاش ناھىيەسى بوستان يېزىسىدىكى 311 نەپەر لاگېر مەھبۇسىنىڭ ئارخىپى ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ ھەقىقىي رېياللىق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم جانلىق كۆرسىتىپ بەردى. بولۇپمۇ لاگېرغا قامالغانلارنىڭ پۈتۈنلەي يوللۇق بولغان ھاياتلىق سەۋەبلىرىدىن لاگېرلارغا قامالغانلىقىدەك پاجىئەنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسنىڭ ماھىيىتى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىلدى. ئەنە شۇ ھۆججەتلەر توغرىسىدا جامائەتچىلىككە مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 18-فېۋرال كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «بىر ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ دەردى: زور تۇتقۇن خاتىرىلىرى» تېمىسىدىكى بۇ يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات سۆز ئالدى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان «قاراقاش ھۆججەتلىرى» نىڭ بىر قىسىم شىجائەتلىك ئىنسانلارنىڭ زور خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشى ئارقىسىدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، چۈنكى بۇ پاجىئەلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى دۇنياغا ئاشكارىلانمىسا، ئۇنىڭدىنمۇ زور خەتەرلەرگە يول ئېچىلىدىغانلىقى كۆرسەتتى. شۇنىڭدەك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللاشنىڭ پەيتى كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «قاراقاش ھۆججەتلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنىڭ ئەمدى كۈتۈپ تۇرۇشقا بولمايدىغان ھالغا يەتكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلقئارانىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بۇ ئىشلارغا جىددىي ئارىلىشىشى لازىملىقىنى تەقەززا قىلىدۇ،» دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئالاقە ئىشلارغا مەسئۇل مۇدىرى لۇئىسا خانىم بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەرتىپى ھەمدە سۆز قىلغۇچىلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىدە زور ئەمگەكلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس، كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادريان زېنز سۆز ئالدى. ئۇ «قاراقاش ھۆججەتلىرى» نى مەزمۇن جەھەتتىن تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى لاگېرغا قامالغان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان ھەمدە «ئىشەنچلىك ئەمەس» دەپ قارالغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ بۇ كىشىلەرنىڭ ئىزچىل لاگېردىن چىقالماي كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

ئۇنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ دەسلەپكى ئەندىزىسى ۋە تەييارلىق خىزمەتلىرى 2016-يىلى ئاۋغۇستتا چېن چۇەنگو سېكرېتار بولۇپ كېلىشتىن خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سابىق سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ قولى ئارقىلىق ئاللىقاچان تەييار قىلىپ قويۇلغان. لاگېرغا قامىلىدىغانلارنىڭ تەبىرىمۇ شۇ چاغدىلا بېكىتىلىپ بولۇنغان. چېن چۇەنگە بولسا مۇشۇ ئاساستا بەرپا بولغان ساقچى دۆلىتى ئارقىلىق ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسىتەلمەس ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان، ئاندىن ئۇلارنى زور كۆلەمدە لاگېرلارغا قامىغان. «قارىقاش ھۆججەتلىرى» بولسا دەل مۇشۇنداق بىر جەرياننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى جانلىق كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

بۇ قېتىم ئاشكارا بولغان «قاراقاش ھۆججەتلىرى» نىڭ دۇنياغا ئاڭلىنىشىغا زور تۆھپە قوشقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن نورۋېگىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇۋەلى ئايۇبمۇ يىغىندا ئالاھىدە سۆز قىلدى. ئۇ بۇ قېتىمقى ھۆججەتلەرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا مەلۇم بولۇشى، ئۇلارنىڭ دەلىللىنىشى ھەمدە دۇنيا ئاخباراتلىرىغا يەتكۈزۈلۈشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھۆججەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تۇغقانلىرىنى ئىزدەش ھەمدە ئۇلارنى بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىشكە تەشكىللەش خىزمىتى ھەققىدىمۇ ئۇچۇر بەردى. بۇ جەرياندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاللىقاچان 80 ياشتىن ھالقىغان بوۋىلىرىنىڭ ئون نەچچە يىلدىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

ئابدۇۋەلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار كۆپىنچە سانائەت رايونلىرىدا بولۇپ، بۇ ئۇلارنى زاۋۇتلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىكەن. يەنە بىر قىسىم لاگېرلار پويىز ئىستانسىلىرىغا يېقىن جايدا بولۇپ، بۇ ئۇلارنى يۆتكەش ئىشلىرىغا قۇلايلىق ئېلىپ كېلىدىكەن. چۈنكى بۇ كىشىلەر ھەرقاچان تۈرمە بىلەن لاگېر ئوتتۇرىسىدا ئالمىشىپ تۇرىدىكەن. لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ كۆپ قىسمى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىش سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلار بولۇپ، ئابدۇۋەلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇتتىن سىرت پەرزەنتلىك بولغان ئۇيغۇرلارنى «سۈكۈت ئىچىدە قارشىلىق كۆرسەتكەنلەر» دەپ قارىغان. شۇنىڭدەك بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينى «ئۆز دۆلىتىمىز» دەپ ئېتىراپ قىلمىغانلىقى، شۇڭا «بۇ يات دۆلەت» نىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلماسلىقنى تاللىشى، دەپ چۈشەنگەن. 80-ۋە 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «ئىشەنچسىز كىشىلەر» دىن بولۇپ قېلىشىدا بولسا يەنە يالقۇن روزى قاتارلىق كىشىلەر يېڭىدىن تۈزۈپ چىققان «ئېغىر مەسىلە بىلەن تولغان» دەرسلىك كىتابلارنىڭ دەل مۇشۇ ياشلارغا «زەھەرلىك ئىدىيەلەرنى يۇقتۇرغانلىقى» نى دەستەك قىلغان. شۇ قاتاردا پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ پاسپورت ئېلىپ باقمىغان ياكى چەتئەلگە چىقىپ باقمىغانلارمۇ بىر يولىلا لاگېرغا قامىلىۋەرگەن. ئابدۇۋەلىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇشۇ قېتىملىق «قاراقاش ھۆججەتلىرى» دىن بۇ نۇقتىنى بەكمۇ ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.

يىغىن ئاخىرىدا كىشىلەر ئۆزلىرى قىزىققان مەسىلىلەر بويىچە بەس-بەستە سوئاللار سورىدى. مۇتەخەسسىسلەرمۇ ۋاقىتنىڭ يېتىشىچە جاۋاب بەردى. يىغىندىن كېيىن بۇ قېتىمقى يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئورۇنلارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

دوكتور ئادريان زېنزنى ئۆتكەندە خىتاي ھۆكۈمىتى «مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ جاسۇسى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى «قاراقاش ھۆججەتلىرى» نى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا ئۇنىڭ ئوينىغان رولى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئېغىر ئەيىبلەرنى ئارتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقىنىمىزدا، ئۇ بۇنىڭ كارى چاغلىق ئىش ئىكەنلىكىنى، ئەڭ مۇھىمى بۇ ھۆججەتلەرنى دۇنياغا بىلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

«مېنىڭ ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خادىمى ئەمەسلىكىمنىڭ ئەڭ كۈچلۈك بەلگىسى شۇكى، مەن نورمال كۆزەينەك تاقايمەن. ئەمما ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ئادەتتە قارا كۆزەينەك تاقايدۇ. ئەمدى ‹قاراقاش ھۆججەتلىرى› گە كەلسەك، ئۇلارنى بەكمۇ ئىستراتېگىيەلىك قىممەتكە ئىگە، دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئىككى قېتىملىق ئاشكارا بولغان ھۆججەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان پاجىئەنىڭ ئومۇمى كارتىنىسىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بەرگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى ‹قاراقاش ھۆججەتلىرى› بولسا شەخسلەرنىڭ ئەھۋالى ئارقىلىق ئاشۇ ئومۇمىي تەسۋىرنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ. ئەمدى ۋاقىت نۇقتىسىدىن ئالغاندىمۇ بۇ شىنجاڭنى داۋاملىق ھالدا دۇنيا ئاخباراتىدىكى مۇھىم نۇقتىلاردىن بىرى قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشقا پايدىلىق. شۇنىڭدەك بۇنى شىنجاڭدا زادى نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى دۇنياغا بايان قىلىپ بېرىشنىڭ ئەپچىل پۇرسىتى، دېسەكمۇ بولىدۇ. يەنە بىر ياقتىن قارايدىغان بولساق بۇ ھۆججەتلەردىن بىزگە شۇ نەرسە مەلۇم بولىدۇكى، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ كۆپ قىسمى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر. چۈنكى ئۇيغۇرلاردا كۆپىنچە ئائىلىدە ئەرلەر قارار چىقىرىدۇ ۋە ئائىلىنى ئۆز تىزگىنىدە تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر بۇ ئەرلەر پاك-پاكىزە يىغىشتۇرۇلۇپ يەنچىپ تاشلانسا، ئۇيغۇرلاردىكى ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىۋېتىش جىق ئاسانغا چۈشىدۇ، بالىلار ئاتىسىز يىتىملەردىن بولۇپ قالىدۇ. بۇ يىتىملەر بولسا مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلىپ، ئۇ جايدا خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇمۇ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزگەرتىش ئىستراتېگىيەسىگە نەق چۈشىدۇ.»

«قاراقاش ھۆججەتلىرى» نىڭ گۇۋاھچىلىرىنى ئىزدەش خىزمىتىگە زور ئەجىر سىڭدۈرگەن ئابدۇۋەلى بۇ ھەقتە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، بۇنىڭدىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي ھادىسىلەرنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتتى.

بۇ قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققۇچى ھەر ساھە كىشىلىرى شۇنداقلا بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.