12-نۆۋەتلىك جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ئۇن ۋاتچ يەنى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى كۆزىتىش گۇرۇپپىسى» نىڭ 2020-يىللىق «12-نۆۋەتلىك جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە يىغىنى» 18-فېۋرال كۈنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلدى.

UN Watch نىڭ 18-فېۋرال جەنۋەدە ئېچىلغان بۇ نۆۋەتلىك يىغىنىغا، ئىران، ۋىيېتنام، خىتاي قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى يۈرگۈزگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە دوكلات بېرىشكە پائالىيەتچىلەر تەكلىپ قىلىنغان. ئۇيغۇرلاردىن ئامېرىكادىكى ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى ۋە ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ۋە خىتاي تەرىپىدىن «مىللىي قۇتراتقۇلۇق ۋە دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى ئارتىلىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان.

جەنۋە ۋاقتى 18-فېۋرال ئەتىگەنكى يىغىنغا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى خېلىل نېئۇر (Hillel Neuer) ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان.

ئەتىگەنلىك يىغىندا دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان نۇرى تۈركەل ئەپەندى سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق ئامېرىكادىن يىغىنغا قاتناشقان. ئۇ دوكلاتىدا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 1949-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان لاگېرلارغا قاماش، ئېغىر دەرىجىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىش ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ھەر قايسى ئەللەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىغا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى سۆزىدە چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا سېكرېتار بولۇپ كەلگەن 2017-يىلىدىن بۇيان 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، ئەركىنلىكىدىن ئايرىلغان، ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلەر نامىدىكى بالىلار لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالغان.

ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەقىبلەشلىرىنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ تەقىبلەشلەرنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىلا ئەمەس ھەتتا چەتئەللەردە ئوقۇش ۋە خىزمەت بىلەن ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارغىمۇ قارىتىلغانلىقىنى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنىڭ ئۈزۈپ تاشلانغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بايان قىلغان.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى سۆزىدە يەنە، گەرچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى يېقىندىن بىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىۋاتقان، بولۇپمۇ 2019-يىلدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار سىياسىتىگە دائىر مەخپىي ھۆججەتلىرى ئاشكارىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېر ئىچى-سىرتىدىكى جىددىي ۋەزىيىتىگە دائىر كۆپلەپ خەۋەرلەر بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى يەنىلا يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ۋە تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نۇرى تۈركەل مۇنداق دەيدۇ. «بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمىز دېگۈچىلەرگە تەۋسىيەم:

1-ئۆزۈڭلار تۇرۇشلۇق رايوننىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ، سىياسىي ۋە دىنىي زاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تىلغا ئېلىشنى تەلەپ قىلىڭلار.

2-خەت يېزىڭلار، مەسىلەن قىزىل كىرىست جەمئىيىتىگە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ خەت يازساڭلار بولىدۇ. ھەتتا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشى ھەققىدە قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىپ خەت يېزىڭلار.

3-ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ئارقىلىق، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلارنى، دوستلىرىڭلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىش ھەمدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن باشلانغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىڭلار.

4-ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ۋاقتىڭلارنى چىقىرىش ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا پۇل ئىئانە قىلىڭلار ۋە قاتنىشىڭلار. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتەي، ھازىر بۇ، مەسىلە ئۇيغۇرلارنىڭلا ياكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئەركىن ياشاۋاتقان مەدەنىيەتلىك خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەممىمىزنىڭ مەسىلىسى. نېمە قىلىشنى تاللىغان بولسىڭىز، ياكى قانداق جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلاشقان بولسىڭىز، ھازىرنىڭ ئۆزى ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان پەيت. ھېچكىم ئۇلار بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەرسىز دېمىسۇن، ھازىر ھەممەيلەن بىلىدۇ.»

يىغىننىڭ 18-فېۋرال چۈشتىن كېيىنكى قىسمىغا كانادا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇدىرى، Raoul Wallenberg كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ باشلىقى پروفېسسور ئىرۋىن كوتلېر (Irvin Cotler) ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، يىغىندا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ئىلھام دوكلات بەرگەن.

جەۋھەر دوكلاتىدا ئاۋۋال 2014-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «مىللىي قۇتراتقۇلۇق ۋە دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى ئارتىلىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان دادىسى ئىلھام توختىنىڭ كىملىكى ۋە نېمە سەۋەبتىن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇ يەنە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

جەۋھەر دادىسى ئىلھام توختى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ 2013-يىلى 18 يېشىدا بېيجىڭ ئايرودرومىدا دادىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا كېلىپ مۇستەقىل ياشاشقا مەجبۇر بولغاندىن كېيىنكى ئەھۋاللارنى بايان قىلغان.

ئۇ، سۆزىدە گەرچە ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن، دادىسى ئىلھام توختىنىڭ نېمە سەۋەبتىن بېيجىڭ ئايرودرومىدا مەجبۇرىي توسۇپ قېلىنغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ بالىلىق مەزگىلىدە دادىسىنىڭ دائىم خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەقىب قىلىشىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى تېخى بىلمىگەن بىر قىز بولسىمۇ، لېكىن 2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى دادىسى ئىلھام توختىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، «مىللىي قۇتراتقۇلۇق ۋە دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى ئارتىلىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىنلا، دادىسىنىڭ ئۆز مىللىتى-ئۇيغۇرلارنىڭ باراۋەرلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.

جەۋھەر دوكلاتىدا يەنە ئۆزىنىڭ بىر ئاددىي ئوقۇغۇچىدىن بىر ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىسىگە ئايلىنىش جەريانى ھەققىدىمۇ توختالغان.

ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خىتاي پائالىيەتچىلىرى ۋە خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىغا يۈرگۈزگەن قاتتىق قول سىياسەتلىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس بەلكى خىتايدىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان بىر مۇستەبىت ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

جەۋھەر يەنە دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن دادىسى ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۆز خەلقىنىڭ باراۋەرلىكى ئەركىنلىكى ئۈچۈن سۆزلىگەن ئۇيغۇر ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىغا ۋە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

جەۋھەر سۆزىدە نۆۋەتتە تېز سۈرەتتە خىتايدىكى ھەرقايسى رايونلار ۋە دۇنياغا تارقىلىۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسى، يەنى كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ ئىچى-تېشىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ خەتەرلىك ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، «12-نۆۋەتلىك جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە يىغىنى» نى تەشكىللىگەن UN Watch يەنى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى كۆزىتىش گۇرۇپپىسى» دەپ ئاتىلىدىغان مەزكۇر تەشكىلات، 1993-يىلى ئامېرىكىلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى Morris B. Abram تەرىپىدىن قۇرۇلغان. مەزكۇر تەشكىلات ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە دېموكراتىيە ۋەزىيىتى مەسىلىلىرىنى كۆزىتىش ۋە باھالاشنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق خىزمەت دائىرىسىگە كىرگۈزگەن.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.