سادام ئابدۇسالامنىڭ ئايالى ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئاۋسترالىيەنىڭ ABC قانىلىنىڭ داڭلىق پروگراممىلىرىدىن بولغان «سوئال-جاۋابلار» پروگراممىسىدا بۇ ھەپتە خىتاي ۋە ئۇنىڭ ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تالاش-تارتىش تېمىسى بولدى. پروگراممىغا خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ئەلچىسى ۋاڭ شىنىڭ بىلەن بىرلىكتە، بىر قىسىم مۇستەقىل ژۇرنالىستلار، ۋىرۇس مۇتەخەسسىسى ۋە ئىقتىسادشۇناسلار تەكلىپ قىلىنغان. پروگراممىدا خىتاي ئەلچى خىتاينىڭ ھازىرقى ۋىرۇس مەسىلىسى، خىتايدىكى بېسىم تۈزۈمىنىڭ كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىدا ئوينىغان رولى، خىتاي ئىقتىسادىي، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق تېمىلاردا ئاڭلىغۇچىلاردىن كەلگەن سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن. پروگراممىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېرلار سىياسىتى مەسىلىسىمۇ ئەڭ كەسكىن مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى بولدى. خىتاي ئەلچى بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتە قاتتىق قىينالدى. پروگراممىدا خىتاي ئەلچىگە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن سادام ئابدۇسالام ۋە ئالماس نىزامىدىننىڭ سورىغان سوئالى كۆرسىتىلدى. سادام خىتاي ئەلچىدىن ئالماس نىزامىدىننىڭ ئايالىنىڭ ھېچقانداق جىنايىتى يوق تۇرۇپ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئاۋسترالىيە پۇقراسى بولغان 3 ياشلىق بالىسى بىلەن ئايالىنىڭ نەزەربەنتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاۋسترالىيەگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، خىتايدىن نېمىشقا ئۇلارنىڭ ئاۋسترالىيەگە كېلىشىگە يول قويمايۋاتقانلىقىنى ۋە نېمە ئۈچۈن مىليونلارچە ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلاردا ئىكەنلىكىنى سورىدى.

خىتاي ئەلچى بۇ سوئالغا ئۇدۇل جاۋاب بېرىش ئورنىغا گەپنى يورغىلىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى 55 مىللەتنىڭ پەقەت بىرى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ نوپۇسىنىڭ رايوننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ بەشتىن ئىككىسىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ۋە رايوندا ئېغىر تېررورلۇق مەسىلىسى بارلىقىنى سۆزلىگەن. رىياسەتچى خىتاي ئەلچىگە سوئالدىن چەتنەپ كەتمەسلىكنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن، خىتاي ئەلچى يەنە گەپنى يورغىلىتىپ «سادامنىڭ ئۇيغۇر ئەمەس، ئۆزبېك مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ قانۇنى بويىچە قوش پۇقرالىققا يول قويۇلمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ بالىسىنىڭ ئاۋسترالىيە پۇقرالىقىنى تونۇمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ. ئۇ بۇنىڭ بىلەن قالماي سادام ئابدۇسالامنىڭ ئايالىنىڭ ئاۋسترالىيەگە كېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ: «يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بىزگە ئېيتىشىچە نادىرە ئۆمەر ۋە ئۇنىڭ ئوغلى كېتىشنى خالىمايدىكەن» دەيدۇ.

پروگرامما تارقىتىلغاندىن كېيىن، سادام ئابدۇسالام تىۋىتتىرغا 25-فېۋرال كۈنى ئايالى «مەن يولدىشىمنىڭ يېنىغا كېتىشنى خالايمەن» دەپ خەت يېزىلغان قەغەزنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ چۈشكەن رەسىمىنى چىقىرىش ئارقىلىق خىتاي ئەلچىنىڭ ئىلگىرى سۈرگەنلىرىنى رەت قىلدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاۋسترالىيە شۆبىسى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاۋسترالىيە شۆبىسى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇئاۋىن خىتاي ئەلچى ۋاڭ شىنىڭنىڭ ئىلگىرى سۈرگەنلىرىنى رەت قىلدى. ئۇلار باياناتىدا «سادام ۋە ئالماس نىزامىدىن ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئاياللىرى ئەرلىرى بىلەن جەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ» دېدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنى سادام ئابدۇسالامنىڭ مەسىلىسىدە خىتايغا قارىتىلغان بېسىمنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ، ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن جەم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

مۇئاۋىن خىتاي ئەلچى ۋاڭ شىنىڭ پروگرامما جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى ئاقلاپ قىلغان گەپلىرى بىلەن كۆپ قېتىم كۈلكىگە قالغان بولۇپ، ئۇ تاماشىبىنلارغا «سىلەر مېنىڭ گەپلىرىمگە كۈلۈۋاتىسىلەر، چۈنكى سىلەر ساختا خەۋەرلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان» دەپ ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان. ئۇ چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە سادام ئابدۇسالام ھەققىدە ۋە رايون ھەققىدە چىقىۋاتقان خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغانلىقىنى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ شەخسىي مەنپەئەتلىرىنى كۆزلىگەنلىكى سەۋەبلىك ۋە ياكى بىر قىسىم چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئاۋسترالىيە جامائەتچىلىكىگە خىتاينى يامان كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن رىياسەتچى «سىز قايسى چەتئەل كۈچىنى دېمەكچى» دەپ سورايدۇ. مۇئاۋىن خىتاي ئەلچىسى بۇنىڭغا «ئامېرىكا» دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ جاۋابى زال ئىچىدىكى تاماشىبىنلارنىڭ كۈلكىسىگە قالىدۇ.

پروگراممىغا تەكلىپ قىلىنغان شۈ فامىلىلىك مۇستەقىل ژۇرنالىست ۋە تەتقىقاتچى بولسا تاشقى كۈچلەر ئەمەس، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماررىس پەيننىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتىپ: «سىز ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى يالغان خەۋەر ئوقۇيدۇ-دېمەكچىمۇ؟» دەيدۇ.

خىتاي ئەلچى ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە دېيىلىۋاتقانلارنىڭ يالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى داۋام قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن رىياسەتچى ئۇنىڭدىن «ئەمىسە نېمىشقا سىلەر مۇستەقىل مۇخبىرلارنىڭ ئۇ يەرنى زىيارەت قىلىپ ئەمەلىيەتنى كۆرۈشىگە يول قويمايسىلەر؟» دەپ سورايدۇ. ئۇ بۇنىڭغا: «بىز ئەلۋەتتە رۇخسەت قىلىمىز، بىز مۇخبىرلارنى چەكلىمەيمىز. مانا بىز بىلەن ئولتۇرغان ستان بىر قانچە قېتىم شىنجاڭنى زىيارەت قىلىپ باققانغۇ» دەيدۇ. مەزكۇر پروگراممىغا تەكلىپ قىلىنغانلار ئىچىدە ئىلگىرى CNN قاتارلىق ھەر قايسى تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ مۇخبىرى بولۇپ خىتايدا ئۇزۇن يىل تۇرغان ستان گرانتمۇ بار بولۇپ، ئۇ بۇنىڭغا قارىتا: «شۇنداق، بىز بارغاندا كەينىمىزگە داۋاملىق ئادەم چۈشكەن، قولغا ئېلىنغان ھەتتا زورلۇق-زومبۇلۇققا ئۇچرىغان» دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ.

مۇئاۋىن خىتاي ئەلچىسى ۋاڭ شىنىڭ پروگرامما داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىزچىل رەت قىلىدۇ. ئۇ بۇ ئورۇنلارنىڭ لاگېر ئەمەس، كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇنلىغان ئىسلام دۆلەتلىرىدىن كەلگەن زىيارەتچىلەرنىڭ بۇ ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قوللىغانلىقىنى دەيدۇ. ۋىكىي شۈ بولسا مۇئاۋىن خىتاي ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىگە قاتتىق رەددىيە بېرىپ: «بۇ ئورۇنلارنىڭ ئەتراپى سىم توسۇقلار بىلەن ئورالغان، كۆزىتىش مۇنارلىرى ئارقىلىق نازارەت قىلىنىدىغان لاگېرلىقىنى، زىيارەتچىلەرنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايلارنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، خىتاينى قوللاپ سۆزلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي بىلەن ئوخشاش كۆز قاراشتىكى دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ۋىكىي شۈ سۆزى داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشى قامالغانلىقىنى ۋە بۇ رەقەمنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلار تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان رەقەملىكىنى بايان قىلىدۇ.

مۇئاۋىن خىتاي ئەلچىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ھەققىدە ئىلگىرى سۈرگەنلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ سادام ئابدۇسالامنىڭ ئايالىنىڭ «ئۆزىنىڭ ئاۋسترالىيەگە كەلگۈسى يوق»، دېگەنلىرى BBCتېلېۋىزىيەسى، ئەل-جەزىرە تېلېۋىزىيەسى قاتارلىقلاردىمۇ خەۋەر قىلىندى. ئۇلار بىردەك، سادامنىڭ ئايالى ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.