خىتاي كۈندىلىك گېزىتى «قاراقاش ھۆججەتلىرى» نىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ قويدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ يىل 17‏-فېۋرال كۈنى دۇنيادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمىگە ئائىت يەنە بىر مەخپىي ھۆججىتى بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

«قاراقاش ھۆججەتلىرى» دەپ ئاتالغان137 بەتلىك ھۆججەت خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىگە قاراشلىق «بوستان» ئاھالىلەر رايونىدىكى 650 دىن ئارتۇق ئائىلىگە چېتىشلىق 300 دەك كىشىنىڭ ئارخىپى بولۇپ، ھۆججەتتە شۇ تەۋەلىكتىكى كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى، كۈندىلىك ھاياتى، يۈرۈش-تۇرۇشى، خاراكتېرى، ئىپادىسىدىن باشقا يەنە، لاگېرغا قامالغان ۋە كېسىلگەن كىشىلەرنىڭ ئىسمى، ئۇلارنىڭ لاگېرغا قامىلىش ياكى كېسىلىپ كېتىشتىكى سەۋەبىگە ئائىت مەلۇماتلار ئورۇن ئالغان. ھۆججەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ بېرىشتە زور رول ئوينىغان.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدىن كېيىنكى باياناتلىرىدا خۇددى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ساختىلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 23-فېۋرال كۈنى، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» تىۋىتتىر ئارقىلىق «قاراقاش ھۆججەتلىرى» نى رەتلەپ ئاشكارىلاشتا كۈچ چىقارغان تەتقىقاتچى ۋە پائالىيەتچىلەردىن بىرى بولغان ئادرىيان زېنزگە ھۇجۇم قىلىنغان بىر ۋىدىيو تارقاتتى. مەزكۇر ۋىدىيودا بۇلتاجى بارات، ئابدۇلئەخەت يۈسۈپ، خەبەر مەخسۇت ۋە ماھىنۇر تۇرسۇن ئىسىملىك 4 كىشى سۆزلىتىلگەن.

ۋىدىيونىڭ كىرىش قىسمى «بىزنىڭ مۇخبىرلىرىمىز ئادرىيان زېنز ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان قاراقاش ھۆججەتلىرىدىكى بۇلتاجى باراتنى تېپىپ زىيارەت قىلدى» دېگەن خەت بىلەن باشلانغان بولۇپ، بۇلتاجى بارات ئېكرانغا چىقىرىلىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەندىن كېيىن بىردىنلا پەيلىنى ئۆزگەرتىپ ئۆزىنىڭ لاگېرغا قامالمىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
«خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» گەرچە ۋىدىيو ئارقىلىق ئادرىيان زېنز ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان «قاراقاش ھۆججەتلىرى» نىڭ يالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئويلىمىغان يەردىن ئۆز قولى بىلەن بۇنىڭ چىنلىقىنى دەلىللەپ بەرگەن. تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ تىۋىتتىردىكى ئىنكاسىدىن قارىغاندا، بۇلتاجى باراتنىڭ ئىسمى تىزىملىكنىڭ ئاخباراتقا ئاشكارىلانغان قىسمى بولغان 298-590 قۇرلىرىدا ئەمەسكەن.

ئادىرىيان زېنزنىڭ ئىزاھلىشىچە، قاراقاش بوستان مەھەللىسىدە ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن لاگېرلارغا قامالغان 337 كىشىگە ئائىت تىزىملىكتە ھەقىقەتەن 46 ياشلىق بۇلتاجى باراتنىڭ ئىسمى بار بولۇپ، تىزىملىكتە ئۇنىڭ 2-يىغىۋېلىش مەركىزىدە تۇرغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغانلىقتىن قويۇپ بېرىلىپ، بۇ ھالىتىنى داۋام قىلىشىغا يول قويۇلغانلىقى ھەققىدە ئىزاھات بېرىلگەن.

قىزىقارلىقى، بۇلتاجى باراتنىڭ ئىسمى ئادىرىيان زېنزنىڭ دوكلاتىدىمۇ، خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ خەۋەرلىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنىپ باقمىغانىكەن. ئادرىيان زېنز تىۋىتتىردىكى ئىنكاسىدا مانا بۇ نۇقتىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قولىدىمۇ قاراقاش تىزىملىكى بارلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى. بۇلتاجى باراتنىڭ ئىسمى مەيلى مېنىڭ دوكلاتىمدا ياكى خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا تىلغا ئېلىنىپ باقمىغان، قىسقىسى ئۇنىڭ ئىسمى ھۆججەتنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان قىسمىدا يوق ئىدى. دېمەك بۇ خىتاينىڭ قولىدا بۇ تىزىملىكنىڭ تولۇق نۇسخىسى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دەپ يازغان.

ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك بۈگۈن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىدىيو ئارقىلىق ئەمەلىيەتنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇنداق ۋىدىيولار ئامېرىكىلىق سىياسەتچىلەرنى، تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنى بىلىدىغان كىشىلەرنى يەنە كېلىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە ھەقىقەتەن ئىزدەنگەن كىشىلەرنى ئۆزىگە ئىشەندۈرەلمەيدۇ. ئەكسىچە خىتاي بۇ ۋىدىيو بىلەن ‹قاراقاش ھۆججەتلىرى› دىكى تىزىملىكنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ قويدى. مەنچە خىتاينىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتى بولغان ‹خىتاي كۈندىلىك گېزىتى› نىڭ ۋىدىيولىرى پەقەت ئەمەلىيەت ھەققىدە مەلۇماتى بولمىغان ياكى ئامېرىكىغا نىسبەتەن ياخشى كۆز قارىشى بولمىغان دۆلەتلەردىكى كىشىلەر ئارىسىدىلا بەلگىلىك پىكىر قالايمىقانچىلىقى پەيدا قىلىشقا يارىشى مۇمكىن»

ئادرىيان زېنز، ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە ئاسىيە ئابلەت قاتارلىق تەتقىقاتچى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا دۇنياغا ئاشكارىلانغان بۇ «قاراقاش ھۆججەتلىرى» دىكى تىزىملىكتە «گۇمانلىق ۋە ئىشەنچسىز» دەپ قارالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ناماز ئوقۇغانلىقى، تەبلىغ ئاڭلىغانلىقى، ساقال قويغانلىقى، ھىجابلانغانلىقى، پاسپورت ئالغانلىقى، چەتئەلگە چىققانلىقى، چەتئەللەردە تۇغقىنى بولغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى شۇنىڭدەك بۇ خاھىشلارنىڭ ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامىلىشى ياكى كېسىلىشى ئۈچۈن «جىنايى دەلىل» دەپ قارالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى يۇقىرىدىكى ۋىدىيودا ئابدۇلئەخەت يۈسۈپ، خەبەر مەخسۇت قاتارلىق ئىككى كىشىنى سۆزلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ چەتئەللەردە ئۇرۇق-تۇغقىنى بارلىقى سەۋەبلىك لاگېرغا قامالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ساراھ كۇك خانىم بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قاراقاش ھۆججەتلىرى» دا ئاشكارىلانغان بۇ دېتاللارنىڭ چىنلىقىنىڭ گەپ كەتمەيدىغان بىر پاكىتلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ تېخى يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «چەتئەل ۋاكالەتخانىسى» قىلىپ بەلگىلىنىپ توغرا بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ بۇنداق ۋىدىيو تارقىتىشى بولۇپمۇ شىنجاڭ رايونىغا ئوخشاش مۇستەقىل ژۇرنالىستلارنىڭ بېرىشى ئىنتايىن قېيىن بولغان بىر يەردىن تۇيۇقسىزلا بۇ 4 كىشىنى زىيارەت قىلىپ ۋىدىيو تارقىتىشى ئۇنىڭ دۆلەت تەشۋىقات ماشىنىسى ئىكەنلىكىدەك گۇمانلارنى كۈچەيتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ چەتئەل ۋاكالەتچىسى دەپ تىزىمغا ئالدۇرۇلۇشى كېرەكلىكى ھەتتا ئۇنىڭ يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن چەت دۆلەت ئەلچىخانىلىرى بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە كۆرىدىغان «چەتئەل ۋاكالەتخانىسى» دەپ تىزىمغا ئېلىنىشىنىڭ ئىنتايىن توغرا قارار بولغانلىقىنى كۈچلۈك ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. چۈنكى بۇ ۋىدىيودىن ئۇلارنىڭ ئوبيېكتىپ ۋە مۇستەقىل ئەمەسلىكى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ»

دەرۋەقە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 18-فېۋرال سەيشەنبە كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى، يەنى «CGTN» قانىلى، خىتاي خەلقئارا رادىيوسى، خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلىرى، يەنى «China Daily» ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى «قاتارلىقلارنى «چەتئەل ۋاكالەتخانىسى» دەپ تىزىملىككە ئېلىش ئارقىلىق، بۇ ئورگانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقى ئاستىدىكى ئورۇنلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.