«ئامېرىكا دۆلەتلىك تىلاۋەت ناشتىلىق زىياپىتى» دە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا قىلىندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

6‏-فېۋرال كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئامېرىكا دۆلەتلىك ناشتىلىق زىياپىتى» ئامېرىكىدا 1953-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ كېلىنىۋاتقان بىر ئەنئەنىۋى پائالىيەت. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسنىڭ ساھىبخانىلىقىدا شۇنداقلا ئامېرىكادىكى تەسىرى كۈچلۈك سىياسىي ۋە خرىستىئان دىنى تەشكىلاتى بولغان «ئائىلە ۋە خەلقئارا فوندى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى بۇ زىياپەتكە ئامېرىكانىڭ سىياسەت، جەمئىيەت ۋە تىجارەت ساھەسىدىكى سەرخىللەر ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ دۇئا-تىلەكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرلىكتە دۇئا قىلىدىغان مۇھىم سورۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قېتىملىق زىياپەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە بىر ئەھمىيىتى بار بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ۋە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. شۇنداقلا يەنە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم لاگېرلاردا قامىلىپ ياتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

نەنسى پېلوسى دۇئاسىدا مۇنداق دېگەن: «ئەي تەڭرىم، بىزنىڭ بۈگۈنكى ناشتىدا بۇ يەرگە جەم بولۇپ، دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك جازالانغان مەزلۇملارغا، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن مىليونلىغان كىشىلەرگە دۇئا قىلىشىمىزغا ئىمكانىيەت بەرگىنىڭ ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز. بىز بەنچەن لاماغا ۋە ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئەگىشىپ، خىتايدا تۈرمىلەرگە تاشلانغان ھەم غايىب بولغان بارلىق تىبەت بۇددىستلىرىغا دۇئا قىلىمىز. . . بىز ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي ھالدا جۇدا قىلىنىپ، خىتاينىڭ لاگېرلىرىغا قامالغان بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇرلارغا دۇئا قىلىمىز. شۇنداقلا بىز سەئۇدى ئەرەبىستانلىق رائىف بەداۋىغا، ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ئەركىن ئىپادىلەپ، تۈرمىلەرگە قامالغان يازغۇچى ھەم ئەركىن دىنىي مۇتەپەككۇرلارغا دۇئا قىلىمىز!».

مەزكۇر زىياپەتتە دىنى ئەركىنلىكنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكى ۋە ھەربىر ئىنساننىڭ ئۆز دىنى ئېتىقادى بىلەن خالىغانچە ۋە ئەركىن ھالدا ياشاش ۋە ئۆز ئېتىقادىنى ياشنىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكانىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ دۇنيا مىقياسىدا دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى. زىياپەت جەريانىدا زىياپەت ئەھلىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ھەر خىل دىنلارغا تەۋە مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە 11 كىشى ۋىدىيو فىلىمى ئارقىلىق تونۇشتۇرۇلدى. ئۇلار ئىچىدە روشەن ئابباس خانىم ۋە جەۋھەر ئىلھام بولۇپ، ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئورۇن ئالدى.

تونۇشتۇرۇشتا، روشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا دىققەت تارتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى باشلىقى، دېيىلدى. جەۋھەر ئىلھام بولسا، «خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلار ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يازغان يازمىلىرى سەۋەبلىك بېيجىڭ ئايرودرومىدا قولغا ئېلىنغان ئىلھام توختىنىڭ قىزى» ئىكەنلىكى تونۇشتۇرۇلدى.

قىسقا ۋىدىيو فىلىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، زىياپەت باشقۇرغۇچىسى تۆۋەندىكىلەرنى دېدى: «بىز بۈگۈن يۇقىرىدا ئېكراندا كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ بىر قىسىملىرىنى بۇ زىياپىتىمىزگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلدۇق. بىز بۇ ئارقىلىق ھەربىرىڭلارغا شۇنى دېمەكچىمىزكى، سىلەرنىڭ دەردىڭلار ئەمدى بىر سىر ئەمەس. بىز سىلەرنى بىلىمىز ۋە سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز، سىلەر ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دىنى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلارنىڭ ھەقىقىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز. بىز جۇمھۇرىيەتچىلەر، دېموكراتلار، دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمەت ھەممىمىز سىلەرگە دۇئا قىلىمىز».

ئارقىدىن رىياسەتچىنىڭ يۇقىرىدىكى ۋىدىيودا كۆرسىتىلگەن كىشىلەرنى ئورنىدىن تۇرۇشقا دەۋەت قىلىشى بىلەن زال ئىچىدە گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

روشەن ئابباس خانىم بۈگۈن بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ شۇ مىنۇتلاردىكى ھېسسىياتىنى ئورتاقلاشتى.

ئۇ، ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئۆزىنىڭ ھەم قايغۇرغانلىقىنى ھەم ئۈمىدكە تولغانلىقىنى ئېيتتى. روشەن خانىم سۆزىدە: «ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ بۈگۈنكىدەك سەۋىيەدە تونۇلۇشى ئۈچۈن لاگېرغا قامالغان 1-3 مىليون ئەتراپىدا خەلقىمىز زور بەدەل تۆلىدى» دېدى. بىراق ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ چەكسىز ئۈمىدكە تولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمدى يالغۇز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر زىياپەتكە يەنە دۇنيانىڭ 140 قا يېقىن دۆلەت ۋە رايونلىرىدىن كەلگەن سىياسەتچىلەر، مۇھىم ئەربابلار ۋە شۇنداقلا دۆلەت پرېزىدېنتلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، بۇنداق بىر سورۇندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا قاراتقان سىياسەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئالغا سۈرىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

جەۋھەر ئىلھام بۈگۈن رادىيومىزغا بۇ ھەقتە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا: «مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ زىياپەتكە قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدىم، چۈنكى ئۇيغۇرلار مىللىي ۋە دىنى كىملىكى سەۋەبىدىن ئۇچراۋاتقان زۇلۇم يورۇتۇلغان بۇ زىياپەتتە ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى 140 دىن ئوشۇق دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن كىشىلەر ئورتاق ھالدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جۈملىدىن لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلدى» دېدى.

روشەن خانىم بۇنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ئىنتايىن زورلۇقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ، مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس، ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم ۋە دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى شۇنداقلا يەنە ھەرقايسى شتاتلاردىن كەلگەن شتات باشلىقلىرى، كېنىيە پرېزىدېنتى ۋە سابىق باش مىنىستىرى، ئالبانىيە پرېزىدېنتى ۋە شۇنداقلا كوسوۋا باش مىنىستىرى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك زاتلار قاتناشقان بۇ زىياپەت ئامېرىكىنىڭ تەرەققىياتى، تىنچلىقى شۇنداقلا دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ھەرساھە كىشىلىرىگە دۇئا قىلىش ۋە شۇنداقلا يەنىمۇ گۈزەل بىر دۇنيا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەرنى تىلەش بىلەن ئاياغلاشتى.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.