ئۇيغۇرلارنىڭ «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» قا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى «يەھۇدى قەتلىئامى مۇزېيى» دا كۈنتەرتىپكە كىردى
خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ رەھبىرى ئادولف ھىتلېر يەھۇدى خەلقىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا توپلاپ قىرغىنچىلىق قىلغان. ۋاشىنگتوندىكى «يەھۇدى قەتلىئامى مۇزېيى» مانا شۇ تارىختىكى تراگېدىيەنىڭ «ئەسلا تەكرارلانماسلىقى» ۋە «ئۇنتۇلماسلىقى» ئۈچۈن ئابىدە سۈپىتىدە قۇرۇلغان سموۋۇللۇق بىر تارىخىي كۆرگەزمەدۇر. مەزكۇر مۇزېينىڭ