خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيىتىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن قەبرىستانلىقلارنى چاقماقتا

ئامېرىكا سى ئىن ئىن قانىلى (CNN) تورىنىڭ 2-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇخبىر سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، 60 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر قەبرىستانلىقىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە چېقىپ يۆتكىۋېتىلگەنلىكىنى بايقىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەتتا خوتەندىكى 1000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە سۇلتانىم قەبرىستانلىقىمۇ بار بولۇپ، 2019-يىلى 4-ئايدا تۈزلىۋېتىلىپ، ماشىنا توختىتىش مەيدانى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى 2019-يىلى 10-ئايدا شايار ناھىيەسىدىكى ۋەيران بولغان ئۇيغۇر قەبرىستانلىقىدا تاشلىۋېتىلگەن جەسەت سۆڭەكلىرىنى كۆرگەنلىكىنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ئەھۋالغا قارىتا شايار ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاسىم قادىر مۇخبىرغا: «يېڭى مازارلىق ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن، پاكىزە، قولايلىق» دەپ جاۋاپ بەرگەن. سى ئېن ئېن تورى ئاقسۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ: «شەھەر باشقۇرۇش ۋە شەھەر قۇرۇلۇش خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قەبرىستانلىقلارنى كۆچۈرۈش لازىم» دېگەن ئۇقتۇرۇشىنى نەقىل كەلتۈرگەن.
ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تەتقىقاتى مۇتەخەسسىسى رىئان سام بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرىستانلىقىنى ۋەيران قىلىش قىلمىشى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان داۋاملىق يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇ قىلمىش ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي كومپارتىيەسى تەستىقلىغان ئاتالمىش ئىلغار مەدەنىيەتنى دەسسىتىش يولىدىكى تىرىشچانلىق، خالاس».
خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بىر باياناتچىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئاتالمىش ئاپتونۇم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مىللەتلەرنىڭ قەبرىستانلىق، دەپنە قىلىش ئۇسۇلىنى تاللاش ئەركىنلىكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جىنايىتىنى ئاقلىغان.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.