ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ بۇ يىللىق دۆلەت ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش نۇتۇقىغا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ۋەكىلى قاتناشتى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ۋاشىنگتون ۋاقتى 4-فېۋرال كەچ سائەت 21:00 دە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ دۆلەت ۋەزىيىتى بويىچە مەلۇمات بېرىش نۇتۇق مۇراسىمى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭەش پالاتاسىغا مەنسۇپ بارلىق ئەزالىرى، ئاقسارايدىكىلەر، يوقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار، ئامېرىكا ئالىي سوتى ھەمدە فېدېرال ھۆكۈمەتنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك خادىملىرى بولۇپ، نۇرغۇن كىشى قاتناشتى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ بۇ يىللىق دۆلەت ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش بويىچە نۇتۇق سۆزلەش مۇراسىمىغا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم قاتناشتى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ دۆلەت ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش نۇتۇق مۇراسىمىغا قاتنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ بۇ يىللىق دۆلەت ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش نۇتۇقىدا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئۆرلەش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ تاشقىي سودىدا، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن بولغان «سودا ئۇرۇشى» دا خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئامېرىكادىن پايدىللىنىش، ئامېرىكانىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى ئوغرىلاش قاتارلىق بىر قاتار قىلمىشلىرىغا ئۈنۈملۈك چەك قويغانلىقىنى، خىتايغا «يېتەر ئەمدى» دېگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ترامپنىڭ بۇ قېتىملىق نۇتۇقى ئۇنىڭ ئاقسارايغا كىرگەندىن بۇيان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە دۆلەت ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش بويىچە سۆزلىگەن ئۈچىنچى قېتىملىق مۇھىم سۆزى ئىكەن. ئۇ ئۆتكەن يىلى سۆزلىگەن سۆزىدە ئامېرىكانىڭ «بۈيۈكلۈكنى تاللاش» نى تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇ يىللىق سۆزىدە ناھايىتى ئىشەنچ بىلەن «ئامېرىكانىڭ بۈيۈكلىكىنى قايتا قۇرۇپ چىقتۇق،» دېدى. ئۇ نۇتۇقىدا يەنە ئامېرىكانىڭ خەلق تۇرمۇشى، مائارىپ، ساقلىقنى ساقلاش، كۆچمەنلەر، قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دۇنيا دېموكراتىيەسىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەڭ يېڭى يۈزلىنىشلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئىگىلىنىشىچە، روشەن ئابباس خانىم بۇ مۇراسىمىغا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيونىڭ ئالاھىدە مېھمىنى سۈپىتىدە قاتناشقان. ماركو رۇبىيو ئۆزىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ بۇ يىللىق دۆلەت ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى روشەن ئابباس خانىم بىلەن فىلورىدا شىتاتىنىڭ باشلىقى جەنېت نۇنېزنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مېھمىنى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردگەن.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاش ۋە لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ قىيىن ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش جەھەتتە ئاكتىپ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. ئۇنىڭ ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئەنئەنىسى ھېسابلىنىدىغان بۇ مۇراسىمىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى سۆيۈندۈرمەكتە. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى پرېزىدېنتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش نۇتۇق مۇراسىمى (State of the Union) ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر يىللىق خىزمەت كالېندارىنىڭ باشلىنىدىغان كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭەش پالاتاسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئەھۋالىدىن يىللىق مەلۇمات بېرىدىكەن

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.