Campaign for Uyghurs

«مىسلىسىز زۇلۇمغا ئادالەت ئىزدەش: ئېزىلگەنلەر قوللانمىسى» نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيانىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئوخشىمىغان جايلاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشىمۇ ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىدە بولۇۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ قالماقتا. ئەمما زالىم ھۆكۈمەتلەرنىڭ باستۇرۇش قىلمىشلىرى بارغانسېرى يۇقىرى سەۋىيە ئېلىشقا يۈزلىنىۋاتقان بولسىمۇ، باستۇرۇلۇۋاتقان مەزلۇم خەلقنىڭ بۇنىڭغا

يېڭى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىشقا چۈشكەندىن بۇيان ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى قارارنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا قارىتا بىرەر ئەمەلىي ھەركەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقى ئىزچىل ھەر ساھەنىڭ دىققىتىدە بولۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىليونلاپ لاگېرلارغا قامىلىپ زور كۆلەمدىكى

ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

  يېڭى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى 18-مارت كۈنى ئالياسكىدا باشلىنىش ھارپىسىدا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە يىغىلىش پائالىيىتى تەشكىللىدى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى 2022-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنى

«بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى رەت قىلىش» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 2022-يىلى قىشتا ساھىبخانىلىق قىلماقچى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى چەكلەش ھەققىدىكى چۇقانلار ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرۈلۈۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ خۇلاسە چىقىرىشىدىن كېيىن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باشقۇرۇش

سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن ئۇچراشتى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قوللۇق تەشكىللىشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا ئىزچىل ئەۋج ئېلىۋاتقان «ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ مايك پومپېيونى ئەيىبلەش سىياسىي ھەرىكىتى» جىددىي داۋام قىلىۋاتقاندا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىنى ھەمدە بىر قىسىم ئۇيغۇر شاھىتلارنى قوبۇل

جېمىسقا توغرا سوئال: <<سىز خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قاچان سۆزلەيسىز؟>>

(ئالدۇلھەكىم ئىدرىس) يېقىندا ، تەنتەربىيە دۇنياسىدىكى ئىككى چوڭ ئىسىم ئوتتۇرىسىدا قىزىقارلىق مۇنازىرە بولۇپ ئۆتتى. ئامېرىكىلىق داڭلىق ۋاسكېتبول ماھىرى (LeBron James) لې برون جېمىس بىلەن شىۋىتسىيە پۇتبول ماھىرى زلاتان ئىبراھىموۋىچ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ئاخىرىدا: «مەن خاتا كۆرگەنلىرىمگە ھەرگىز سۈكۈت قىلمايمەن» دېدى جېمىس.

گېرمانىيە ئىقتىسادىي مەنپىئەت ئۈچۈن ”قايتا تەكرارلانمايدۇ“ دېگەن ۋەدىسىنى قۇربان قىلماقچىمۇ؟

(ئالدۇلھەكىم ئىدرىس) دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدرىس 15-فېۋرال ”زىمىستان“ تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن سودا قىلىۋاتقان گېرمانىيەگە تارىختىن قايتا ساۋاق ئېلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە خىتاب قىلغان. توۋەندىكى شۇ ماقالىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى گېرمانىيە ھىتلەرنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى قوللىغان ئالدىنقى قاتارىدىكى

«ئۇلارنى جىمىقتۇرساق ئۇيغۇر مەسىلىسى قالمايدۇ» دەپ خام خىيال قىلمىسۇن!

(ئابدۇلھەكىم ئىدرىس) ئىنسانلارنىڭ ناھەقچىلىق ئالدىدا سۈكۈت قىلمايدىغانلىقى ۋە زالىملارنىڭ ھامان مەغلۇب بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن سىرىيەلەردىن بىرسى  «بىز سۇكۇت قىلساق، ئۇلار مەسىلە قالمايدۇ دەپ خام خىيال قىلىشىدۇ»  دىگەن سىرىيەدۇر. ھالبۇكى بىز جىم تۇرساق تارىخ جىم تۇرمايدۇ. تارىخ جىم تۇرسىمۇ ھەقىقەت جىم تۇرمايدۇ.

گۈلشەن ئابباسنىڭ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) نىڭ ئەزالىرى 30-دېكابىر كۈنى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان ئۇيغۇر دوختۇر گۈلشەن ئابباسنى قانۇنسىز ھالدا 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. نۇرغۇن مۇھىم شەخسلەرنىڭ قاتنىشىشى

دىسسېنى خوجايىنى روبېرت ئىگېر خىتايغا باش ئەلچى بولامدۇ؟

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى كېيىنكى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىققا سايلانغان جوۋ بايدىننىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ توغرا ئاتىغانلىقىدىن خۇشال بولغانىدى. چۈنكى كېلەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە قارشى تۇرۇشى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ئەگەر

Recent Posts