ۋىۋىيانا تايتېلبائۇم بىلەن رۇشەن ئابباس بېلگىيەدە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى تونۇشتۇرغان

بۈگۈن 12-ماي ئامېرىكانىڭ بېلگىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ساھىپخانلىق قىلىشى بىلەن بېلگىيە پايتەختى بېريۇسسېلدىكى «ئاخبارات سارىيى» دا خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېغىر قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان گۈلشەن ئابباسنىڭ كەچمىشلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن «ھەدەمنى ئىزدەپ» ناملىق فىلىم كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر فىلىمنىڭ چۈشەندۈرىشىگە «ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن بىرى بولغان رۇشەن ئابباسنىڭ ھەدىسى گۈلشەن ئابباس خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن جازا لاگېرلىرىغا قامالغان 1 مىليون 800 مىڭ بىلەن 3 مىليون ئارىسىدىكى ئۇيغۇردىن پەقەتلا بىرسى» دېگەن جۈملە قوشۇمچە قىلىنغان. فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمىغا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دېپلوماتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.

90 مىنۇتقا يېقىن داۋام قىلغان فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمىدىن كېيىن، بېريۇسسېلدىكى داڭلىق سىياسەتچى، بېلگىيە ئىسلاھاتچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئەزاسى، ئىرىقچىلىققا قارشى پائالىيەتچى ۋە ياروپادىكى ئاياللار ھوقۇقى كۈرىشىنىڭ ئاكتىپلىرىدىن بىرى بولغان ۋىۋىيانا تايتېلبائۇم خانىم بىلەن مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى رۇشەن ئابباس خانىملار پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ۋە مۇخبىرلارنىڭ جازا لاگېرى ھەم مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. بېلگىيە پارلامېنتى خەلقارا كومىتېتىنىڭ رەئىسى نىما ھايرىي بۇ پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان.
ۋىۋىيانا تايتېلبائۇم خانىم ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، 1977-يىلى بېريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاخباراتچىلىق ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىلىمىنى ئۆگەنگەن، 1979-يىلى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىلىمى بويىچە باكلاۋېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ياۋروپادا تونۇلغان 10 دىن ئارتۇق سىياسىي كىتاب ۋە «پۇقرالار» ناملىق روماننىڭ ئاپتورى ئىكەن. ئۇ 1955-يىلى بېلگىيەنىڭ ئانتىۋېرپېن شەھرىدە تۇغۇلغان. رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىشىغا ئۆزىنىڭ ئىرقچىلىققا قارشى ئىدىيەسى ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» گە قارىتا نەپرىتى سەۋەب بولغان.
يىللاردىن بۇيان ئىرقچىلىققا قارشى كۈرەش سېپىدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كەلگەن ۋىۋىيانا تايتېلبائۇم خانىم بۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئۆزىنىڭ ئەينى زاماندىكى يەھۇدىلار ئۇچرىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا نەپرەتلەنگەنگە ئوخشاش، بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگىمۇ ئالاھىدە جىددىي قارايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتكەن ھەمدە ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ بۇ پاجىئەلەرگە سۈكۈت قىلىشىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ زۇلۇملارغا قارشى تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر قوللىنىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.
بىريۇسسېلدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رۇشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «‹ھەدەمنى ئىزدەپ› ناملىق فىلىم جازا لاگېرلىرىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەم ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى غەرب دېپلوماتلىرىغا، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە، مۇخبىرلارغا، جامائەتكە تونۇتۇشتا مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. ۋىۋىيانا تايتېلبائۇم خانىم بىر سىياسەتچى، مۇخبىر، يازغۇچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى قىيامەتتىن خەۋىرى باركەن. ئۇ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەم ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ناتسىستلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن پەرقسىز ئىكەنلىكىنى، ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ 21-ئەسىردە بۇ پاجىئەلەرگە داۋاملىق سۈكۈت قىلىشىنىڭ ئېغىر بىر ئىنسانىي جىنايەت بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.»
رۇشەن ئابباس خانىم سۆزىدە يەنە غەربلىكلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان جىنايەتلىرىگە شېرىك بولماسلىققا دەۋەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن جازا لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىسىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، گەرچە بىرقىسىم غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› لىرىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇنلىغان غەرب شىركەتلىرىنىڭ يەنىلا خىتاي بىلەن تىجارەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرىدىن يارالغان مەھسۇلاتلاردىن پايدا ئېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە پايدا-مەنپىئەت ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان جىنايەتلىرىگە شېرىك بولىۋاتقانلىقى تەكىتلەپ، ئۇلارنى ئەمدى ئىنساپ قىلىشقا، ئۆزلىرىنىڭ ئادىمىيلىك سۈپىتىنى يوقىتىپ قويماسلىققا دەۋەت قىلدىم. ئەلۋەتتە، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملارنى مىساللىرى بىلەن سۆزلەپ ئۆتتۈم.»
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە بېريۇسسېلدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى گۈلجەننەتمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ مەزكۇر فىلىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەۋجۇت زۇلۇمنى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ۋە كىشىلەرنىڭ فىلىمنى كۈچلۈك ھاياجان ئىلكىدە كۆرگەنلىكىگە ئۆزىنىڭ شاھىد بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
پائالىيەتلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ بېلگىيەدىكى ئەلچىخانىسى مېھمانلار شەرىپىگە زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەرساھە زاتلار ئۈچۈن ئۆزارا تونۇشۇش شارائىتى ھازىرلاپ بەرگەن.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.