Campaign for Uyghurs

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى يەر شارى سىياسىتى مەركىزىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك توغرۇلۇق يېڭى دوكلات ئېلان قىلغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى دوكتور ئادرىئان زېنزنىڭ يەر شارى سىياسىتى مەركىزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پىلانى توغرىسىدىكى يەنە بىر مۇھىم دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ. مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ تەپسىلىي مەشغۇلات پىلانى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى

دوكتور راھىلە داۋۇتتەك زىيالىلارنىڭ تۇتقۇندا بولۇشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش غەرىزىنى يەنە بىر قەدەم ئىسپاتلاپ بېرىدۇ

(ئابدۇلھاكىم ئىدرىس) تارىختا بىر مىللەتنى يوقىتىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئۇلارنىڭ تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ھەمدە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇش. دۇنيا تارىخىدا بۇ ئىسپاتلانغان. مەسىلەن، موڭغۇللارنىڭ ئوتتۇرا شەرققە ھۇجۇم قىلىشى، يەھۇدىيلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشى قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالىدۇر. تۈركىيە شائىرى مەھمەت ئاكىف ئەرسوي

ئادەم بارمۇ؟

(ئابدۇلھاكىم ئىدرىس) كىشى بىرەر يەردە پالاكەتكە ئۇچرىغاندا بىر كىمدىن ياردەم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن «ئادەم بارمۇ؟» دەپ توۋلايدۇ. بۇ، شۇ كىشىنىڭ ئۆز جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىرەر ئىنساندىن ياردەم تەلەپ قىلشىدۇر. بۈگۈن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشغالىيىتىدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى دۇنياغا «ئادەم بارمۇ؟»

ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇيغۇرلار

9-دىكابىر، خەلقئارالىق ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش ۋە بۇ جىنايەتنى توسۇش كۈنى. بۇ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قەبىھ تەرىپىنى ئۇنۇتمايدىغان ھەمدە ئۇنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىنى چەكلەيدىغان كۈن. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتلەرنى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۇ ئاپەتلىك قارا داغنى بىر-بىرلەپ يوقىتىشقا چاقىرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى – بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق نۇقتىئنەزەرىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە نەزەر

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق نۇقتىئنەزەرىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە نەزەر مەزكۇر دوكلات ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ تارقىتىلدى. مەزكۇر دوكلاتنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈۋېلىڭ.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خەنداننىڭ BBC تاللىغان «2020-يىل دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز ئايال» تىزىملىكىگە كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەيدۇ

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خەنداننىڭ BBC تاللىغان «2020-يىل دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز ئايال»تىزىملىكىگە كىرگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ. مۇيەسسەر قۇرغان «ئايخان مائارىپى» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىدىغان ئوقۇتۇش ئورنى بولۇپ، چەت ئەلدە پاناھلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى

دۇنيا بالىلار كۈنىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قىسمىتى

بۈگۈن دۇنيا بالىلار كۈنى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بۈگۈن ئىنسانلارنى 500 مىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىرىدۇ. بۇ پاجىئە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىنى زېدە قىلدى ۋە ئۆچمەس داغ پەيدا

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەيدۇ

بۈگۈن (12-نويابىر) شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت بايرىمى كۈنىدۇر. بۈگۈن 1933-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن، 1944-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەيدىغان كۈندۇر. ئۇيغۇر خەلقى نەچچە ئون يىلدىن بېرى كوممۇنىست خىتاينىڭ ئېغىر زۇلمى ۋە زىيانكەشلىكىگە

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى قارشى ئالىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى خۇشال قىلدى. چۈنكى ئىسمى بار جىسمى يوق بۇ تەشكىلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىدىكى ئەڭ چوڭ باھانىسى بولۇپ كەلگەنىدى. خىتاي گۇناھسىز ئۇيغۇر

روشەن ئابباس خانىم خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قىلمىشلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇشقا چاقىرغان

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ پرېزىدېنتى روشەن ئابباس خانىم خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇشقا چاقىرغان. «زې5» خەۋەر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ بۇ سۆزلەرنى 13-نويابىر تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە مېدىيا ساھەسىگە بەرگەن باياناتىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە

Recent Posts