رۇشەن ئابباسنىڭ ب د ت دا تىلغا ئالغان كەسكىن ئىبارىلىرى غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان / RFA
غەرب مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى رۇشەن ئابباسنىڭ ب د ت دا قىلغان سۆزلىرىنى قىزىق تېما سۈپىتىدە تارقاتماقتا.

بىر ھەپتىدىن بۇيان جەنۋەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەركىزى ۋاشىڭتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى رۇشەن ئابباس خانىم ئالدىنقى كۈنى ب د ت دا جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات تەقدىم قىلغان. ئۇنىڭ دوكلاتى يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك ئالقىشلىرىغا سازاۋەر بولۇپلا قالماي، بىرقىسىم غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى جەلپ قىلغان. بولۇپمۇ فرانسىيەدىكى بەزى مۇھىم ئاخبارات قاناللىرى ئۆز سەھىپىلىرىدە ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن.
فرانسىيەنىڭ دۇنيادىكى ھەر تۈرلۈك جىددىي مەسىلىلەرنى ئاساسلىق خەۋەر قىلىپ تارقىتىدىغان «فرانسىيە 24» ناملىق خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە قانىلى 7-ئاپرىل كۈنى ئۆز سەھىپىلىرىدە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى: ب د ت نىڭ خىتايغا تۇتقان پاسسىپ پوزىتسىيەسى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە رۇشەن ئابباسنىڭ ب د ت قىلغان سۆزلىرىدىكى بەزى كەسكىن ئىبارىلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ب د ت دىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ماقالە «داڭلىق بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مەسئۇلىنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توسۇپ قىلىشتا ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى. ب د ت نى ئاللىبۇرۇن ھازىرلاپ بولغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇزۇن سەھىپىلىك دوكلاتنى دەرھال ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى» دېگەن جۈملە بىلەن باشلانغان. ئاندىن رۇشەن ئابباسنىڭ «مەن ئۇنىڭدىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندىم، شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە بىتەرەپلىك دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس،» دېگەن ئىبارىسىنى تەكلىتلىگەن.
ماقالىنىڭ «ئۇ نېمىنى ساقلاۋاتىدۇ؟» ناملىق بۆلۈكىدە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مەسئۇلى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇست ئايلىرىدا پۈتۈپ بولغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت دوكلاتنى خىتاينىڭ توسقۇنلىقى سەۋەبلىك ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلالمىغانلىقى، بۇنىڭغا بۇ يىل 5-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى باھانە قىلىپ كۆرسەتكەنلىكى ئىزاھلانغان بولۇپ، رۇشەن ئابباسنىڭ «بۇ دوكلات مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشىدىنمۇ مۇھىم، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا دائىر نۇرغۇن دەلىل-ئىسپاتلار بار. ئۇنىڭ زىيارىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەس، بەلكى زور دەرىجىدە زىيانلىق، چۈنكى خىتاي يالغان سەھنە ياساپ ئۇنى ئالدايدۇ، ئۆز تەشۋىقاتلىرىغا دەسمايە قىلىۋالىدۇ،» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ «ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺳﯩﺰﯨﻘﻼﺭ» ﺧﻮﯕﻜﻮﯕﻨﯩﯔ ﺭﻭﮪﯩﻨﻰ ﺑﯘﺭﯗﺧﺘﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ

ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ «ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺳﯩﺰﯨﻘﻼﺭ» ﺧﻮﯕﻜﻮﯕﻨﯩﯔ ﺭﻭﮪﯩﻨﻰ ﺑﯘﺭﯗﺧﺘﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، ﺧﻮﯕﻜﻮﯕﺪﯨﻤﯘ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ. . ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺧﻮﯕﻜﻮﯕﺪﺍ 2020-ﻳﯩﻠﻰ «ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺧﻪﯞﯨﭙﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ»ﻧﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ

ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎ ﺷﯩﯖﺮﯛﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯦﺘﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻩ ﺑﻮﻟﺪﻯ

ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎ ﺷﯩﯖﺮﯛﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯦﺘﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻩ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، 2025-ﻳﯩﻠﻰ 7-ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻣﻨﯩﯔ ﺳﯧﻜﺮﯨﺘﺎﺭﻯ ﻣﺎ ﺷﯩﯖﺮﯛﻳﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺩﯨﻦ ﻗﻮﻏﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ

ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ

ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﻴﯘﻟﻨﯩﯔ 13-ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯩﺪﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ (Resilience Innovation Lab) ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ «ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺘﻠﻪﺭﭼﻪ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﯧﯖﻰ ﺩﻭﻛﻼﺗﺘﺎ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺳﯜﻥﺋﯩﻲ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺩﯦﺘﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ <<DeepSeek>>ﻛﻪ

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتايغا قارىتا يەنە بىر جازا تەدبىرى

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتايغا قارىتا يەنە بىر جازا تەدبىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىرغا قەدەر رەسمىي رەۋىشتە چەكلىيەلمەيۋاتقان خىتاينىڭ ئېلېكتىرلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە كۈنتاختىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى ئۇزۇندىن بۇيان ئوتتۇرىغا

بۇ پېتېر ماگيارنىڭ خىتايغا قارىتا تۇنجى زەربىسى ھېسابلىنامدۇ؟

بۇ پېتېر ماگيارنىڭ خىتايغا قارىتا تۇنجى زەربىسى ھېسابلىنامدۇ؟ ئەينى يىللىرىدىكى ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى ۋىكتور ئورباننىڭ ھەم خىتاينىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان، ھەم رۇسىيەگە چوقۇنغان, ھەم ئامېرىكىغا بېقىنغان، ئەمما ياۋروپا

رۇشەن خانىم : خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى دۇنياۋىي تەھدىتكە ئايلاندى

رۇشەن خانىم <Fox News>دا: خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى دۇنياۋىي تەھدىتكە ئايلاندى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ 8-ئىيۇل <<Fox News>>دا ئېلان قىلغان «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېڭى چىقارغان مىللەتلەر

چېكىنىش يولى يوق ئارال دۆلىتىنىڭ، دۇنيانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان مەركىزىگە ئايلىنىپ قېلىش ئىھتىمالى بار

چېكىنىش يولى يوق ئارال دۆلىتىنىڭ، دۇنيانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان مەركىزىگە ئايلىنىپ قېلىش ئىھتىمالى بار «ئارقا ئىشىك»تىن كىرىش ۋە «تېخنىكا ئوغۇرلاش» بىلەن سەلبىي ئوبراز ياراتقان قىزىل خىتاي ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ