«مىسلىسىز زۇلۇمغا ئادالەت ئىزدەش: ئېزىلگەنلەر قوللانمىسى» نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيانىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئوخشىمىغان جايلاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشىمۇ ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىدە بولۇۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ قالماقتا. ئەمما زالىم ھۆكۈمەتلەرنىڭ باستۇرۇش قىلمىشلىرى بارغانسېرى يۇقىرى سەۋىيە ئېلىشقا يۈزلىنىۋاتقان بولسىمۇ، باستۇرۇلۇۋاتقان مەزلۇم خەلقنىڭ بۇنىڭغا قارشى ئەڭ ئەقەللىي تەدبىر ئېلىش ئىمكانىيىتىنىڭمۇ بولماسلىقى بۇنىڭدىكى يەنە بىر ئېچىنىشلىق رېئاللىققا ئايلىنىپ قالدى. ئەنە شۇ خىل ئەھۋالغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بولۇشى ئۈچۈن «يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» يېقىندا تەييارلاپ چىققان «مىسلىسىز زۇلۇمغا ئادالەت ئىزدەش: ئېزىلگەنلەر قوللانمىسى» ناملىق زور ھەجىملىك دوكلاتنى ئېلان قىلىپ دۇنيا جامائىتىگە سۇندى.

210 بەتلىك بۇ دوكلاتتا ئۆتكەن يىگىرمە يىل مابەينىدە ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان يەزىدىيلەر، روھىنگا مۇسۇلمانلىرى، سۈرىيە مۇساپىرلىرى، ئۇيغۇرلار قاتارلىق قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇش ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان. تەتقىقاتچى ساراخ ماكىنتوشنىڭ بىۋاسىتە قەلەم تەۋرىتىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن بۇ ئوقۇشلۇقتا زۇلۇمغا ۋە قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن خەلقلەرنىڭ ئادالەتكە ئېرىشىش يولىدا نېمىلەرنى قىلالىشى لازىملىقى ئوخشىمىغان مىساللار ئارقىلىق تەپسىلىي شەرھلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئادالەتكە مەنسۇپ تەدبىرلەر ۋە قانۇن ماددىلىرى ئارقىلىق زور كۆلەمدىكى باستۇرۇش ھەمدە قىرغىنچىلىق ھادىسىلىرىنىڭ ھېسابىنى ئېلىش، شۇنىڭدەك مۇشۇ زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقى ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىش بىرلىكى ھاسىل قىلىش ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلاش بۇنىڭدىكى ئەڭ دەسلەپكى قەدەملەر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ.

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ئەنە شۇ خىلدىكى قەدەملەر ئېلىنغاندىن كېيىن دىپلوماتىيە ۋە سىياسىي ساھەلەر ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھادىسىسىگە ئادالەت تەلەپ قىلىشقا مۇمكىن بولىدىكەن. بۇنىڭدا ئاممىۋى سىياسەت، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئادالەتنىڭ جارى بولۇشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يول ئېچىلىدىكەن.

25-مارت كۈنى سەھەردە ئېچىلغان بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسلىق ئىدىيەلەر مۇھاكىمە قىلىنىش بىلەن بىرگە بۇنىڭدىكى بىر قىسىم جانلىق مىساللار شۇ خىل زۇلۇملارغا ئۇچرىغۇچى خەلقلەرگە مەنسۇپ پائالىيەتچىلەرنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىتىلدى. يىغىندا ئالدى بىلەن «يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن نائوۋمىي كىكولېر خانىم سۆز ئېلىپ، نۆۋەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ھەمدە زور كۆلەملىك باستۇرۇشنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان سانسىزلىغان كىشىلەرگە ئادالەتنىڭ نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكى، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئادالەتنى قانداق ئىزدەشنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ يېڭىدىن تارقىتىلغان بۇ قوللانمىنىڭ دەل ئەنە شۇ خىل ئېھتىياجنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ھالدا تەييارلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھېچقاچان ئالدىراپ ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىنىڭ بەكمۇ مۇھىملىقىنى يەھۇدىيلارنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنى مىسال قىلغان ھالدا بايان قىلىپ بەردى. .

شۇ قاتاردا ئەينى ۋاقىتتىكى نيورېمبۇرگ خەلقئارا سوتىنىڭ سوتچىسى توم بۇرگېنتال، ئامېرىكىنىڭ سابىق ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىگە دائىر مەسىلىلەر باش ئەلچىسى كلىنت ۋىلليامسون قاتارلىقلارمۇ تارىخىي مىساللار ئارقىلىق ئادالەتنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، قانداق قىلغاندا ئۇنىڭغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

سۆھبەتنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاپتورى ساراخ ماكىنتوش يېقىنقى مەزگىللەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھۋالىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئەۋج ئېلىشى، شۇنىڭدەك بۇ خىل قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان شەخسلەرنىڭ زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىققا قارشى ئادالەت ئىزدەشتىكى رولىنىڭ قانداق مۇھىم نەتىجىلەرگە سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدە توختالدى. . بولۇپمۇ ئىراقتىكى «دائىش» گۇرۇھىنىڭ زوراۋانلىقىغا قۇربان بولغان يەزىدىي قىز-چوكانلىرى ھەققىدە ئەھۋال تونۇشتۇرغان پارى ئىبراھىم، جەنۇبىي سۇداندىكى پائالىيەتچى جامى كولوك، روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ۋايۋاي نۇ قاتارلىقلار مۇھاجىرەتتىكى ئىنسانلارنىڭ زۇلۇمغا ۋە قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن جامائەت پىكىرى توپلاش، گۇۋاھلىق بېرىش، ھۆكۈمەتلەرنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تەمىن ئېتىش قاتارلىق ساھەلەردە نېمىلەرنى قىلالىشى توغرىسىدا ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ سۆز قىلدى. شۇ قاتاردا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباسمۇ ئايرىم سۆز قىلىپ، بۇ جەھەتتىكى ئىستراتېگىيەلەر توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر گۇۋاھچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنىڭ بەكمۇ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئ‍ۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن بۇنى ناھايىتى ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە يەنە ھەرقايسى تەرەپنىڭ زۇلۇمنى ئىجرا قىلغۇچى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىنى نورمال سودا، دەپ قارىماسلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ يەنە بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇ بولدىكى، ئۇ ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان يىغىنلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ يىغىندىكى نۇتۇقلارنىڭ مەزمۇنىنى ماس قەدەمدە ئەرەب، فىرانسۇز ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىپ ئاڭلاتتى. بۇنىڭ بىلەن يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقۇچىلار ئىنگلىزچە بىلمىسىمۇ يىغىندىكى ئاساسىي مەزمۇننى ئۆزلىرى خالىغان تىلدا ئاڭلاش ئىمكانىغا ئىگە قىلىندى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى قىرغىنچىلىقتىن ھېساب ئېلىش ۋە ئادالەتنى ئىزدەش تىرىشچانلىقلىرى يېقىندىن بۇيان مۇئەييەن ئۈنۈملەرگە ئېرىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ شەخسلەرنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى تېخىمۇ مۇھىم بولماقتا ئىكەن.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.