ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

 

يېڭى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى 18-مارت كۈنى ئالياسكىدا باشلىنىش ھارپىسىدا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە يىغىلىش پائالىيىتى تەشكىللىدى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى 2022-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.

17-مارت كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋاشىنگتون شەھىرى ھەمدە بىر قىسىم قوشنا شىتاتلاردىن كەلگەن ھەر ساھەگە خاس پائالىيەتچىلەر ئاقساراينىڭ شىمالىي قىسمىدىكى لافايېت مەيدانىغا توپلاندى. مەيداننىڭ ئەتراپى «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى» ھەمدە تىبەتلەرنىڭ بايراقلىرى بىلەن، شۇنىڭدەك تىبەت ۋە ئ‍ۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇملارنى ئەيىبلەش شوئارلىرى بىلەن تولغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە بۈگۈنكى بۇ يىغىلىش پائالىيىتىنى «ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى»، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قاتارلىق پۇقراۋىي جەمئىيەتلەر بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇلار مۇشۇ پەۋقۇلئاددە ئورۇنغا جەم بولۇش ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىشنى كۆزلىگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئالدىنقى بۆلىكىدە ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنىڭدەك خىتاي زۇلمىنىڭ شاھىتلىرى سۆزلىدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارا ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىپ تۇرۇپ يەنە ئولىمپىك روھىغا خىلاپ ھالدا بېيجىڭدا يەنە بىر قېتىم ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئ‍ۆتكۈزمەكچى بولغانلىقى كەسكىن ئەيىبلەندى (قىسقا ئاۋاز). سابىق تىبەت سىياسىي جىنايەتچى دوندۇب ۋاڭچېنمۇ ئۆزىنىڭ 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلىدە قولغا ئېلىنىشتەك قىسمىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا 2008-يىلىدىكى تارىخىي خاتالىقنى ئەمدى تەكرارلاشتىن ساقلىنىش ھەققىدە سۆز قىلدى. شۇ قاتاردا ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئەلفىدار ئىلتەبىرنىڭ تەرجىمانلىقىدا يىغىلىشتىكى جامائەتكە ئۆزىنىڭ لاگېر ھاياتىنى ئ‍ىخچام شەكىلدە بايان قىلىپ بەردى. (قىسقا ئاۋاز) بولۇپمۇ ئۇنىڭ بىرمۇ خىتاي قامالمىغان لاگېرلارنىڭ ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنى قىرىش رولىنى ئويناۋاتقانلىقىنى، مۇشۇنداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىگە يول قويغىلى بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرى زور تەسىر قوزغىدى. .

پائالىيەتچىلەردىن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئ‍ابباسمۇ سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان زور ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاللىقاچان «سىياسىي» تۈس ئېلىپ بولغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە شەرھلەپ ئۆتتى. . ئۇ سۆزىدە ئ‍ۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جىنسىي خورلۇققا دۇچ كېلىشى، سەبىيلەرنىڭ جۇدالىققا گىرىپتار بولۇشى، ئەمدىلىكتە غايەت زور ساندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سېپىنىڭ ھاسىل بولۇۋاتقانلىقى دېگەنلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلەرنى ئاشكارا قىلىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇسابىقىنى «سىياسىيلاشتۇرماسلىق» ھەققىدىكى باھانىلىرىنىڭ مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇش، جىنسىي خورلۇق، قىز-چوكانلارنى تۇغماس قىلىۋېتىش دېگەندەك شۇنچە كۆپ «سىياسىيلاشقان» ھادىسىلەر ئالدىدا زادىلا ئاقمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ «بىز ھازىر بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تاماشىبىنلىرى ئەمەس، بەلكى شېرىكلىرى بولۇپ قېلىۋاتىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا تەشكىلاتلارنى زۇۋان سۈرەلمەس قىلىۋېتىش ھىيلىسىنى ئەمدى ئولىمپىك كومىتېتىغا كېڭەيتمەكتە» دەپ خىتاب قىلدى.

پائالىيەتنىڭ ئىككىنچى بۆلىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بولدى. بۇ باسقۇچتا شاھىتلار مۇخبىرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى، شۇنداقلا ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن شەخسلەر ۋە پائالىيەتچىلەر نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، دۇنياۋى تەرتىپنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. شۇ قاتاردا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئەلفىدارمۇ سۆز ئېلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىنىڭ بولمايدىغانلىقى ئەمەلىيەتتە بەكمۇ ئاددىي بىر قائىدە ئىكەنلىكىنى ئىخچام شەرھلەپ ئۆتتى.

ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنچە زور قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى سادىر قىلىۋاتقان ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقاچان زۇلۇمغا ۋە باستۇرۇشقا قارشى كۈرەشتىن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى، ئاللىقاچان فاشىستىك تۈس ئېلىپ بولغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئەمدىلىكتە زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىققا ئايلىنىپ بولغانلىقىنى، بۇنداق بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىشىنى توسۇش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەلفىدار بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىلىشنى تەشكىللەشكە كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مەسىلىسىدە خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق مەۋقەدە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. .

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە ئوخشىمىغان ساھەلەر ئارىسىدا خىتايدىكى قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش چۇقانلىرى بارغانسېرى كۆپلەپ ئ‍وتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ قىسمەن بولسىمۇ ئىجابىي نەتىجىلەرنى پەيدا قىلىشى ئۈمىد قىلىنماقتىكەن.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.