22-مارت كۈنى ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «ئۇيغۇر ھەركىتى» تەشكىلاتى نيو-يورك شەھرىدىكى پۇقراۋىي تەشكىلاتلىرىدىن «يېشىۋا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە»، «ئۇيغۇر توپلانتىسى»، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەھۇدىيلار ھەركەتتە»، «تەرەققىياتتىكى مۇسۇلمانلار» قاتارلىقلار بىرلىكتە ب د ت نىڭ يېنىدىكى «ب د ت مەيدانى» دا بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزدى.

يېڭى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىشقا چۈشكەندىن بۇيان ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى قارارنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا قارىتا بىرەر ئەمەلىي ھەركەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقى ئىزچىل ھەر ساھەنىڭ دىققىتىدە بولۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىليونلاپ لاگېرلارغا قامىلىپ زور كۆلەمدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولغاندىن كېيىن يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارىتا دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەر بويىچە تەدبىر ئېلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچى ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ جىددىي ئارزۇسىغا ئايلاندى.

22-مارت كۈنى ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «ئۇيغۇر ھەركىتى» تەشكىلاتى نيو-يورك شەھرىدىكى پۇقراۋىي تەشكىلاتلىرىدىن «يېشىۋا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە»، «ئۇيغۇر توپلانتىسى»، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەھۇدىيلار ھەركەتتە»، «تەرەققىياتتىكى مۇسۇلمانلار» قاتارلىقلار بىرلىكتە دەل مۇشۇ مەسىلىنى ئاساسىي تېما قىلغان ھالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ يېنىدىكى «ب د ت مەيدانى» دا بىرلەشمە نامايىش ۋە نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

نامايىشنى تەشكىللەشكە يېقىندىن ھەمكارلاشقان كىشىلەرنىڭ بىرى، نيو-يورك شەھرىدىكى يەھۇدىي ئوقۇغۇچى دېۋارا شايت ئالدى بىلەن سۆز ئالدى ھەمدە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەنىڭ ئاللىقاچان ئاشكارا شەكىل ئالغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلىنىپ بولغانلىقىنى پائالىيەت ئەھلىگە، شۇنىڭدەك ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ بايان قىلىپ بەردى.

ئۇ سۆزىدە نۆۋەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇيغۇرلارغا خاس ھادىسە ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھېچقانداق دۆلەتنىڭ «ئىچكى ئىشى» ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئاشكارا خىرىس قىلىشتەك قەبىھ قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ، بۇنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىمۇ شۇنداق بولغانلىقىنى، بۇ قىرغىنچىلىققا بىۋاستە شېرىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا بېرىش لازىملىقىنى، شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا دىپلوماتىك بېسىم قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن رۇشەن ئابباس سۆز ئالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا نۆۋەتتە ئۇيغۇر دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قايسى دەرىجىدە ئېغىر بولۇۋاتقانلىقىنى كۆپلىگەن جانلىق مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىپ بەردى. ئۇ ھازىرقى ۋەزىيەتتە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقى، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قانداق خورلۇقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بارلىق شەرتلىرىگە تولۇق چۈشىدىغان ھادىسىلەردىن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايلار بىلەن تويلاشتۇرۇش، مىليونلىغان سەبىيلەرنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ سىستېمىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىشى مەلۇم بولۇۋاتقان بولسىمۇ دۇنيانىڭ يەنىلا بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم نۇقتا قاتارىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتتىكى دەسلەپكى قەدەم ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان بارلىق سودا پائالىيەتلىرىنى چەكلەش، شۇنىڭدەك بۇ خىل تېرورچى ھاكىمىيەت بىلەن بولغان ئالاقىنىمۇ ئۈزۈش لازىملىقىنى شەرھىلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «بىز ئۇچىمىزدىكى كىيىۋاتقان كىيىملىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پۈتۈپ چىققانلىقىدەك رېئاللىقنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم،» دېدى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنى ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا بىۋاستە زىيارەت قىلغان شاھىدلارنىڭ بىرى، دوكتۇر ئولزىي يازىجىمۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىتاي كومپارتىيەسى تەشۋىقاتىدىكى «بىزدە لاگېر يوق» دېگەن مەزمۇنلارغا ساددىلارچە ئىشىنىپ قالغانلىقىنى، كېيىن ئۇ جايغا ئەمەلىي تەكشۈرۈشكە بېرىپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىنىڭ پۈتۈنلەي تاشقىي دۇنيا ئۈچۈن ياساپ چىقىلغان ساختا مەيدان ئىكەنلىكى، شۇنىڭدىن بۇيانمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل مۇشۇ خىلدىكى ئالدامچىلىق ئويۇنلىرىنى ئويناپ كېلىۋاتقانلىقى، شۇڭا دۇنيانىڭ بۇ خىل ھىيلە-مىكىرگە داۋاملىق ئالدىنىپ قالماسلىقى لازىملىقىنى ئ‍الاھىدە ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان توم سۋازىي ئەپەندىمۇ بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە سكايپ ئارقىلىق قاتناشتى. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئوتتۇز نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاينى باي بولسا دېموكراتىيەگە ۋە قانۇن دۆلىتىگە دەپ ئايلىنىدۇ، دەپ قاراپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا تەمىن ئەتكەن پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرىۋالغاندىن كېيىن ئامېرىكا بەرپا قىلغان ئادىل سىستېمىغا قاراپ يۈزلىنىش ئورنىغا ئامېرىكانى ئۆزلىرىنىڭ سەنىمىگە دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماستىن ئۇلارنىڭ يەنە ئۇيغۇرلارنى مىليونلاپ لاگىرلارغا قاماپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش ئارقىلىق دۇنياغا جەڭ ئېلان قىلغانلىقىنى كەسكىن ئەيىبلىدى.

شۇ قاتاردا نيو-يورك شەھرىدىكى يامايكا مۇسۇلمانلىرى مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئىمام شەمسى ئەپەندىمۇ ئالاھىدە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقاندا مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ سۈكۈت قىلىشنى تاللىشى ھەمدە خىتايغا يان تاياق بولۇشىنى كەسكىن قامچىلىدى. پائالىيەتتە يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن يوسېف روس، «يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقى» نىڭ تىرىك شاھىدلىرىدىن سامى ستېگمان، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىتىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسون قاتارلىق كۆپلىگەن شەخسلەرمۇ سۆز قىلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارىتا بىرەر تەدبىر ئېلىشتەك جىددىي تەلىۋى يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە، شۇنىڭدەك ب د ت غا بىۋاستە يوللاندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدرىس بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇنىڭ بىر قېتىملىق جانلىق ۋە ئەمەلىي دەرسخانا پائالىيىتىمۇ بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھەرقايسى جايلاردىكى يەھۇدى ۋە مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش مەزمۇنىدىكى بۇ خىل پائالىيەتلىرى يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەلب ساداسىنى تېخىمۇ كۆپ ساھەگە ئاڭلىتىشتا ئىجابىي ئۈنۈم ئوينىشى ئۈمىت قىلىنماقتا ئىكەن.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.