خەۋەر

گۈلشەن ئابباسنىڭ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) نىڭ ئەزالىرى 30-دېكابىر كۈنى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان ئۇيغۇر دوختۇر گۈلشەن ئابباسنى قانۇنسىز ھالدا 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. نۇرغۇن مۇھىم شەخسلەرنىڭ قاتنىشىشى

مۇسۇلمانلار جامائىتى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقىردى

خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش ساداسى بارغانسېرى يۇقۇرى كۆتۈرۈلىۋاتقاندا ئەڭ چوڭ ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ ئېغىر باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىشى ئىزچىل خەلقئارانىڭ تەنقىد ئوبېكتى بولۇپ كەلمەكتە. ئەنە

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك: دەلىللەر ۋە تەدبىرلەر

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاباھەتلىك قىلمىشلىرىدىن لاگېر ۋە زور كۆلەملىك تۇتقۇن مەلۇم بولغاندىن كېيىن تاشقى دۇنيانى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇرغان تېخىمۇ قاباھەتلىك ۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» شەكلىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى بولدى. بولۇپمۇ پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساس قىلغان

روشەن ئابباس خانىم خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قىلمىشلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇشقا چاقىرغان

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ پرېزىدېنتى روشەن ئابباس خانىم خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇشقا چاقىرغان. «زې5» خەۋەر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ بۇ سۆزلەرنى 13-نويابىر تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە مېدىيا ساھەسىگە بەرگەن باياناتىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە

تۈركىيەدىكى 4 پارتىيەنىڭ رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە دەۋا پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىقلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەمدە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىنى ئەنقەرەدىكى پارتىيە مەركەزلىرىدە قوبۇل قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مالىيە قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

17-سېنتەبىر، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مالىيە قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ «ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن كەلگەن ئىمپورت ماللارنى چەكلەش» ئىسپات ئاڭلاش تور يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلاردىن تەشكىل تاپقان مالىيە قانۇن چىقىرىش كومىتېتى ئەزالىرىدىن ئېرىل بلۇمىناۋۇر (Earl Blumenauer)، بىل

«نيۇ-يورك مودا كىيىم ھەپتىلىكى» دە ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ ئىشلىتىشكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

9-ئاينىڭ 13-كۈنى نيۇ-يورك شەھىرى «مودا كىيىم ھەپتىلىكى» نىڭ ئېچىلىش كۈنىدە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى مودېللار بىرلەشمىسى، ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىشكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نيۇ-يورك شەھىرى

روشەن ئابباس دوختۇر گۈلشەن ئابباس خانىم تۇتۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىشى قىلدى

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس دوختۇر گۈلشەن ئابباس خانىم تۇتۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىشى قىلىپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يوللىغان تۋىتتېر ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «دوختۇر گۈلشەن ئابباس قانۇنسىز تۇتۇلغانلىقىنىڭ

دىسنېي فىلىمىنىڭ ئۇيغۇر مەستانىلىرى: «دىسنېي شىركىتى بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈردى»

10-سېنتەبىر كۈنى «كۈندىلىك خەۋەر تورى» (Daily Beast) بىلەن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن جەۋھەر ئىلھام ۋە زىبا مۇراتنىڭ دىسنېي شىركىتى بىر قىسمىنى تۇرپاندا سۈرەتكە ئالغان «مۇلەن» فىلىمى ھەققىدىكى يازمىلىرىنى ئېلان قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، «مۇلەن» فىلىمنىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى

روشەن ئابباس: ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا داۋاملىق بىلدۈرۈش كېرەك

يېقىندا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ئىسلامى ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان قىلمىشلىرىغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى. ئۇ ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ يۇتۇب قانىلىدا ئېلان قىلغان ۋىدىيوسىدا ئۇلارغا خىتاب قىلىپ: «دۇنيا، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار

Recent Posts