روشەن ئابباس: ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا داۋاملىق بىلدۈرۈش كېرەك

يېقىندا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ئىسلامى ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان قىلمىشلىرىغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى. ئۇ ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ يۇتۇب قانىلىدا ئېلان قىلغان ۋىدىيوسىدا ئۇلارغا خىتاب قىلىپ: «دۇنيا، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار دۇنياسى كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ» دېدى.

روشەن ئابباس خانىمنىڭ بۇ ۋىدىيوسى چوڭ خەۋەرلەرتورى(Big News Network.com) ۋە مۇھاكىمە تورى (devdiscourse.com) قاتارلىق تورلاردا «مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى خىتاينىڭ زۇلۇمدىن قوغدىشى كېرەك» دېگەن تېمىلاردا ئېلان قىلىنغان.

ئۇ بۇ ۋىدىيودا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان ناھەقچىلىك ۋە زۇلۇمنى ئىخچام، ئۆتكۈر ئىبارىلەر بىلەن چۈشەندۈرگەندىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە سەل قاراۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرى رەت قىلىندى، ئىشەنچسىز دەپ قارالدى. ھالبۇكى، خىتاي ئىسلام ئېتىقادىنى قارىغۇلارچە ئېتىقاد دەپ جاكارلاپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولىدى. ئېتىقادىمىز چەكلەندى، ئىچكى ئەزالىرىمىز ئوغرىلاندى، چاچلىرىمىز سېتىلدى. خەلقىمىز ئېتنىك قىرغىنچىلىققا ئۇچرىدى. ئۇيغۇر بولغانلىقى، مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاي زاۋۇتلىرىدا قۇل قىلىنغان ئۇيغۇرلار سىلەرگە ‹نايك› ماركىلىق ئاياغلارنى، ‹زارا› ماركىلىق كىيىملەرنى، ‹كېلۋىن› ماركىلىق ھەميانلارنى ئىشلەپ بېرىۋاتىدۇ. «ئەمدى بۇنداق قىرغىنچىلىق يۈز بەرمەيدۇ» دېيىلگەن قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ. تۈرمە ۋە لاگېرلاردا دەھشەتلىك قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نالە-پەريادىغا، ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن بالىلارنىڭ يىغا-زارىسىغا، جىنسىي خورلۇققا ئۇچرىغان، تۇغماس قىلىۋېتىلگەن ۋە بالىسى چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئاياللارنىڭ ئۆكسۈپ يىغلاشلىرىغا خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ بىزنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز قۇلاق سالمايۋاتىدۇ. دېڭىز قولتۇقى ئەللىرى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىدىن كېلىدىغان مەنپەئەتنى دەپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ، ئەمما بۇنىڭدىن نەپ ئالىدىغان بىردىنبىر دۆلەت يەنىلا خىتايدۇر. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامنى قانداق يوقاتماقچى بولغان بولسا ئىسلام ئەللىرىدىمۇ شۇنداق قىلىدۇ ۋە كوممۇنىزمنىڭ دىنسىزلىق ئىدىيەسىنى تارقىتىدۇ».

روشەن ئابباس خانىم پاكىستاننىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرۇلۇق خىتايغا ھېچنېمە دېمىگەنلىكىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى: «پاكىستان خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش بىزگە پايدىلىق دەپ ئەخمەقلەرچە ئىشىنىپ يۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالاي دېدى. مەكتەپلىرىدە خىتايچە ئۆتۈلىدۇ، خىتاي ئەسكەرلىرى پاكىستان كوچىلىرىدا مېڭىپ يۈرىدۇ. ئۇ يەردە نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقىنى ناھايىتى ئېنىق».

ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىسلام ئەللىرىنى ۋە ئۆز بۇرچىنى ئۇنتۇپ قالغان ئىسلامى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئويغىنىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيىسى ئىسلام ئەللىرىنى ئۆزىنىڭ قورچىقىغا ئايلاندۇرماقتا. خىتاينىڭ ھارام پۇلى ئۇلارنىڭ كۆزى، بۇرنى ۋە قۇلاقلىرىنى ئېتىپ قويدى. ھالبۇكى بۇ ئەللەردىكى خەلق بىزنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزدۇر. بۇ بىزنى ناھايىتى ئازابلايدۇ. ئەگەر ئۇلار بالدۇرراق ئويغانمىسا، بىزگە ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كېلىدۇ. ئىسلامى ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھازىر خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوللايدىغان تەرەپكە ئۆتتى. بىز بارلىق مۇسۇلمان ئۈممەتنى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇۋېلىشقا، ئىسلامنى خىتاينىڭ دۈشمەنلىكى ۋە ھۇجۇمىدىن قوغداشقا چاقىرىمىز، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز دىنىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار. بۈگۈنكى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان قىرغىنچىلىقتۇر، بۇنى قەتئىي توختىتىشىمىز كېرەك. مۇسۇلمان قېرىندىشىڭلار بولغان ئۇيغۇرلاردىن ۋاز كەچمەڭلار، ئىمانىڭلار بىلەن دەس تۇرۇڭلار».

ئىسلامى ھەمكارلىق تەشكىلاتى 1969-يىلى قۇرۇلغان تەشكىلات بولۇپ، 57 دۆلەت بۇنىڭغا ئەزا بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە 53 دۆلەت مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان دۆلەتلەر بولۇپ، 2018-يىلىغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ نوپۇسى جەمئىي 1مىليارد 810 مىليونغا يەتكەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ شوئارى «دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق ئاۋازى بولۇش، ئۇلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ھەمدە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئىكەن.

روشەن ئابباس خانىم غەرب ئەللىرىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمدىن ئاساسەن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنىڭدىن تېخىچە تولۇق خەۋەردار ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۇلارغا بىلدۈرۈش ۋە تەكىتلەشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان زۇلۇمنى ھەر تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئاڭلاتقاندا مۇسۇلمانلارنىڭ خىتايغا بولغان ھۇشيارلىقىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىكەن، نەتىجىدە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىگە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش توغرۇلۇق بېسىم قىلالايدىكەن. روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرىقىدەك پائالىيەتلەرنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خەلقئاراغا، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا تېخىمۇ كەڭ بىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىنى، جۈملىدىن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يۇتۇب قانىلى (Campaign for Uyghurs) غا ئەزا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.