ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك: دەلىللەر ۋە تەدبىرلەر

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاباھەتلىك قىلمىشلىرىدىن لاگېر ۋە زور كۆلەملىك تۇتقۇن مەلۇم بولغاندىن كېيىن تاشقى دۇنيانى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇرغان تېخىمۇ قاباھەتلىك ۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» شەكلىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى بولدى. بولۇپمۇ پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساس قىلغان ساھەلەردە، جۈملىدىن توقۇمىچىلىق، چاچ مەھسۇلاتلىرى ۋە كونسېرۋالىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەشتە غايەت زور ساندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئەركىنلىك دۇنياسى ئاللىقاچان تۈكۈرۈپ تاشلىغان «قۇللار ئەمگىكى» نى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلدى. ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە شىركەتلەرنىڭ بۇ خىل «مەجبۇرىي ئەمگەك» ھەققىدىكى كەسكىن ئەيىبلەشلىرى تېگىشلىك نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈۋاتسىمۇ، بۇنىڭدا يەنىلا كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولمايۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى 16-دېكابىر كۈنى مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بۇ قېتىمقى يىغىن رىياسەتچىسى، مەزكۇر فوند جەمئىيەتنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مۇرراي بېسسات ئەپەندى ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرى ھەمدە بۇنىڭ نەتىجىسى بولغان لاگېرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن قانداق باغلىنىدىغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى ھەمدە سۆز قىلغۇچىلارنى تونۇشتۇردى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمانلارنىڭ بىرى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان توم سۋازى بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ ئادەمنى چۆچۈتەرلىك بىر ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. . ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا 1970-يىللاردا ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسوننىڭ خىتاي زىيارىتى ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن ئامېرىكادىكى زور كۆپچىلىك سىياسىيونلارنىڭ «خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە گۈللەنسە تەدرىجىي ھالدا بىزگە ئوخشايدىغان ھالغا كېلىدۇ» دەپ قاراشقا باشلىغانلىقىنى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە خىتاي باي بولغان بولسىمۇ ئۇنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك دۇنياسى ئۈمىد قىلغان ھالغا كەلمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئەركىنلىك دۇنياسىنى ئۆزىگە ئوخشاش ھالغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى ۋەھشىيلىكى، نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىنىڭ ئاشكارا بولۇشى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى رامزان مەزگىلىدە چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئۇلارنى لاگېرغا قاماشقا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزىلا بۇ قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتكە ۋە ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ قاباھەتلەرنىڭ بىر مىنۇتمۇ توختىماستىن داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا ماس ھالدا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردە توختاۋسىز كېڭەيمىچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ بۇ رەزىللىكنى چەكلەيدىغان ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. توم سۋازى يەنە بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم بىر قەدەمنىڭ نۆۋەتتە مۇزاكىرە باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى چەكلەش قانۇنى» نى ماقۇللاش ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھازىر پاختا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن زور دەرىجىدە باغلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بولسا ئۇيغۇرلار دىيارىدىن كېلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ھازىر ئەڭ جىددىي مەسىلىلەردىن بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلغان دوكتور ئادريان زېنزمۇ مەخسۇس سۆز قىلدى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشى چەمبەرچاس باغلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا تېرىشتا قول ئارقىلىق تېرىشنىڭ ھازىر ئەڭ ئاساسلىق شەكىل ئىكەنلىكىنى، دەل مۇشۇ ئەمگەك ئۈچۈن ئۆتكەن بىر يىلدا ئاز دېگەندىمۇ 500 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئىچكىرىدىن كېلىپ پاختا تېرىيدىغان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئورنىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىنى، بۇ خىل مەجبۇرىي شەكىلدىكى پاختا تېرىشنىڭ ھازىر پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىغا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە شەرھلەپ ئۆتتى. ئادريان زېنزنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىليونلاپ لاگېرلارغا قامىلىشى لاگېرلارنىڭ بىقىنىدىكى ياكى ئۇنىڭغا ئانچە يىراق بولمىغان نۇقتىلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغان. بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەككە قاتناشتۇرۇلىدىغانلار شۇ جايلاردىكى يەرلىك ئەمەلدارلار ھەمدە ساقچىلارنىڭ يېقىندىن ھەمدەم بولۇشى بىلەن يۇقىرىدىن چۈشۈرۈلگەن سان بويىچە مەجبۇرىي شەكىلدە توپلىنىدىكەن. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل «نامراتلىقنى تۈگىتىش» ھەققىدە ۋەز ئېيتىش ئارقىلىق بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق «باي» بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ مۇشۇ «ئالتۇن ئاچقۇچ» ئارقىلىق «ھۇرۇنلۇق ۋە يالقاۋلىق ئىدىيەلىرىدىن خالاس بولغانلىقى» نى تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما بۇنىڭدىكى ھەقىقىي مۇددىئا ئۇيغۇرلارنى جىسمانىي ۋە ئىدىيىۋى جەھەتلەردە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن. بولۇپمۇ مۇشۇ بىر يىلدا ئۇيغۇر دىيارىدىن يىغىۋېلىنغان پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 70 پىرسەنتى قولدا يىغىلغان. يەنە كېلىپ بىڭتۇەنلەردە پاختا تېرىشكە تەشكىللەنگەن بۇ كىشىلەر ئاقسۇ، قەشقەر ۋە خوتەندىن گۇرۇپپا بويىچە كوللېكتىپ ھالدا يۆتكەپ كېلىنگەن. ئەمما پاختا تېرىشتا ماشىنا ئىشلىتىش 20 پىرسەنتكە بارمىغان ئەھۋالدا ئۆتكەن يىللارغا قارىغاندا بۇ يىلنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا تېرىشنىڭ مىقدارى 136 پىرسەنت ئاشقان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل پاختا تېرىشقا سېلىنغان ئۇيغۇرلار كادىرلار ۋە ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە ئاي-ئايلاپ سىرتتا قونىدىكەن، پاختا تېرىش جەريانىدىمۇ ئۇلارنىڭ «سىياسىي ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى» توختاپ قالمايدىكەن. ھالبۇكى بۇ ئۇزۇن ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئۆيدە قالغان بالىلىرى قارانچۇقسىز قالىدىكەن. ئەنە شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكادىكى پاختا مەھسۇلاتىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولغان ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشنىڭ پەيتى ئاللىقاچان يېتىپ كەلگەن. يەنە بىر ياقتىن ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە تاغدەك دەلىل-ئىسپاتلار مەۋجۇت. شۇنداق بولغانىكەن، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل چەكلىشى تەخىرسىز بولۇپ قالماقتا.

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباسمۇ بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. . بولۇپمۇ ئادريان زېنزنىڭ پاكىتلار ۋە سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدىكى دوكلاتىغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىپ، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ھەدىسى گۈلشەن ئابباسقا ئوخشاش مىڭلىغان ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ ھازىر مۇشۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، غەرب دۇنياسىدىكى كۆپلىگەن شىركەتلەرنىڭ بولسا بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا نۆۋەتتە ئاشۇ شىركەتلەرنىڭ بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى رەت قىلىشىنىڭ بەكمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. بولۇپمۇ 21-ئەسىردە مۇشۇ خىل قەبىھ «قۇللار ئەمگىكى» نىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نامراتلىقنى تۈگىتىش» ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ نۇرغۇن كۆزلەرنى «كۆرمەس» قىلىپ قويۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىشتەك «ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى» نىڭ ھەمدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل يېڭى جاھانگىرلىك ۋە مۇستەملىكىچىلىكنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەنلا توختاپ قالمايدىغانلىقى، ئەكسىچە ھازىر بۇنىڭ ئاللىقاچان ئەركىنلىك دۇنياسىغا كېڭىيىۋاتقانلىقى، بۇنى ئەمدى توسمىغاندا بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ بەكمۇ خەتەرلىك بولىدىغانلىقىنى كۆپلىگەن مىساللار ئارقىلىق بايان قىلدى.

يىغىندا سۆز قىلغان «خايمان كاپىتال شىركىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى كايل باسنىڭ سۆزلىرى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ھەمدە قىرغىنچىلىق بىلەن ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق ئىكەن. نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ تېكساس ۋە باشقا شتاتلىرىدىن زور مىقداردا زېمىن سېتىۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قولىدىكى غايەت زور ئىقتىسادىي جۇغلانما ئارقىلىق ئامېرىكا زېمىنىدا ئامېرىكا ئۈچۈن يېڭىدىن يېڭى «بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى» پەيدا قىلىۋاتقان بۇ كىشىلەر دەل ئاشۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىقتىسادىي «مېۋىسى» نى قانغۇچە تېتىغان مۇستەملىكىچى شەخسلەرنىڭ ئەۋلادى ئىكەن. ئۇلار ئامېرىكادا خەجلەۋاتقان بۇ پۇللار بولسا ئاشۇنداق «قانغا بويالغان» پۇل بولۇپ، بۇنىڭغا چېتىشلىق بەزى كىشىلەر بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر «ئىككى قولى ئۇيغۇرنىڭ قېنى بىلەن بويالغان جاللات» دەپ ئاتايدىغان ۋاڭ جىن ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىكەن. شۇڭا مۇشۇ خىل رېئاللىقنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھەقىقەتەن ئاددىيلا بولغان ئىقتىسادىي ھادىسە ئەمەسلىكىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. .

يىغىننىڭ ئاخىرىدا خىتاي بىلەن باغلىنىشلىق بولغان پاختا تەمىنات زەنجىرىنى چەكلەش، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋە شىركەتلىرىنى جازالاش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە كۆپلىگەن سوئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرىمۇ ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن بۇ سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.