روشەن ئابباس خانىم خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قىلمىشلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇشقا چاقىرغان

روشەن ئابباس دوختۇر گۈلشەن ئابباس خانىم تۇتۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىشى قىلدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ پرېزىدېنتى روشەن ئابباس خانىم خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇشقا چاقىرغان.

«زې5» خەۋەر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ بۇ سۆزلەرنى 13-نويابىر تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە مېدىيا ساھەسىگە بەرگەن باياناتىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىدا قۇللۇققا مەجبۇرلانغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.

ئۇ، تۈركىيەدىكى بىر مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە خەلقئارا جەمئىيەتتىن بۇنىڭغا قارشى مۇۋاپىق ئىنكاس كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنىڭ چەتئەل بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى خەلقئارا قانۇنلار ئارقىلىق ئېلىش كېرەك.»

ئۇ يەنە خەلقئارا جەمئىيەتتىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «1948-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ماقۇللانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسىگە ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئىشلار بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. بۇنداق بىر ئەھۋالنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئىزاھلايدىغان بەش ماددا بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتىدۇ.»

روشەن ئابباس، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئاشكارا تەنقىد قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى خىتاينىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغان ۋە ئۇنىڭ ھەدىسى دوختۇر گۈلشەن ئابباس 2018-يىلى ماي ئايلىرىدا تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.