ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مالىيە قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

17-سېنتەبىر، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مالىيە قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ «ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن كەلگەن ئىمپورت ماللارنى چەكلەش» ئىسپات ئاڭلاش تور يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلاردىن تەشكىل تاپقان مالىيە قانۇن چىقىرىش كومىتېتى ئەزالىرىدىن ئېرىل بلۇمىناۋۇر (Earl Blumenauer)، بىل پاسكرېل (Bill Pascrell)، تېررى سىۋېل (Terri Sewell) قاتارلىق ئون نەچچە كېڭەش پالاتا ئەزاسى قاتناشتى.

يىغىندا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم، ئىشچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش بىرلەشمىسى مۇدىرى سكوت نوۋا (Scott Nova)، ئىستراتېگىيە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلىش ئىجرائىيە مۇدىرى ئېمىي لېر خانىم (Amy Lehr)، ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر ۋە سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى كېتىي فىنگولد خانىم (Cathy Feingold)، ئامېرىكا كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغ كەسپى جەمئىيىتىنىڭ باش دىرېكتورى ستىفىن لامار (Stephen Lamar) قاتارلىقلار ئىسپات بەردى.

بۇ قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئېرىل بلۇمىناۋۇر رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ باشلىنىش سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ترامپ ھۆكۈمىتى سودا ئىشلىرى گۇرۇپپىسى بۈگۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن كېلىدىغان ئىمپورت ماللارغا چەكلىمە قويۇش ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەجبۇرىي ئەمگەك زامانىۋى قۇللۇق دېمەكتۇر. ئىسپاتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنى پىلانلىق، سىستېمىلىق ھالدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلماقتا، ئۇلارنى مەجبۇرلاپ ئىشلىتىپ ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارماقتا. مالىيە قانۇن چىقىرىش كومىتېتىمىزنىڭ زامانىۋى قۇللۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەكتىن كەلگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىدا سېتىلىشىنى چەكلەشكە كاپالەتلىك قىلالايدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىر ئەسىر ئىلگىرىلا قانۇن ماقۇللاپ، بۇنداق ماللارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلىگەن. ئامېرىكىنىڭ بۇ قانۇنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىشىچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتەك ئەخلاق پرىنسىپى، شۇنداقلا ئادىل رىقابەتنى ساقلاشتەك سودا پرىنسىپى ئۈستىگە قۇرۇلغان».

ئۇ يەنە سۆزىدە، ئامېرىكادا گەرچە مۇشۇنداق قانۇن بولسىمۇ ئامېرىكا زاۋۇتلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەرلىك قامدىيالمايۋاتقانلىقى سەۋەبلىك بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا ئېگىز-پەسلىك كۆرۈلگەنلىكىنى، ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجى پەيدا قىلغان يوچۇقنىڭ ئاقىۋەت ئەخلاق ۋە ئادىللىق پرىنسىپىدا يوچۇق پەيدا قىلغانلىقىنى، شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى(NAFTA )گە ئەزا دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇنىڭغا ئەمدى خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاندىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللەتلەرگە زۇلۇم سېلىشىنى توختىتىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇلارنى قۇل قىلىپ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىشنى تېزدىن چەكلەشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ئىشتا ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىسىتىرلىقىنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە جەھەتتە ھەمكارلىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ئورگانلارنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە بۇ قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ خىتايغا چەكلىمە قويىدىغان قانۇن ۋە سىياسەت بەلگىلەشتىكى رولىنى ئەسكەرتتى.

يىغىندا بىرىنچى بولۇپ ئىسپات بەرگەن روشەن ئابباس خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قەبىھ جىنايەتلىرىنى بىرمۇ بىر كۆرسىتىپ، 3 مىليون ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلاغا قامىلىپ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ۋەيران قىلىنغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ قىيىن-قىستاقتا ئۆلۈپ، بەزىلىرىنىڭ لاگېر سىرتىدا قۇل قىلىنغانلىقىنى، بۇلارنىڭ تامامەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويدى؛ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ قان-تەرىنى سۈمۈرۈۋاتقانلىقىنى، غەرب ئەللىرىدىكى بەزى شەخسلەر، ئورگانلار ۋە شىركەتلەرنىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇپ، زامانىۋى قۇللۇقتىن مەنپەئەتلىنىۋاتقانلىقىنى ئېنىق پاكىتلار بىلەن بايان قىلدى، بۇ جەرياندا ھەدىسى ۋە يولدىشىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئۇچرىغان زىيانكەشلىك ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.

روشەن ئابباس خانىم بۇ قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللىنىشى ئۈچۈن بېسىلغان مۇھىم قەدەم ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىشچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش بىرلەشمىسى مۇدىرى سكوت نوۋا بۇ يىغىندا بەرگەن ئىسپاتىدا ۋالمارت، ئامازون، زارا قاتارلىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ خىتايدىن كىيىم ئېلىپ سېتىپ كۆپ پايدا تاپىدىغانلىقىنى، خىتايدىكى ئەمگەك كۈچى ئەرزان بولغاچقا مېىلىنىڭمۇ ئەرزان بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ خىتايدا قۇل قىلىنغان ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە بەزى شىركەتلەرنىڭ پايدىنى دەپ ئەخلاقنى قايرىپ قويىدىغانلىقىنى، ھەتتا كۆز بويامچىلىق قىلىدىغانلىقىنى، قانۇن يوچۇقلىرىدىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مېلىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشتە ئامېرىكا تاموژنىسى ۋە چېگرا مۇداپىئەسى ئىدارىسىنىڭ رولىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلىش ئىجرائىيە مۇدىرى ئېمىي لېر خانىم بۇ يىغىندا بەرگەن ئىسپاتىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ باشقا جايلاردىكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە باستۇرۇشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يېزا ئىگىلىك، توقۇمىچىلىق، رەڭلىك مېتال، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى ۋە بەزى كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئۈچىنچى دۆلەت ئارقىلىق ئامېرىكاغا كېلىدىغانلىقىنى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ دەسلەپكى ئىككى ھالقىسىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەسىلە كۆرۈلگەن بولسا ۋاقتىدا بايقاش ۋە تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە «ئامېرىكا بۇنىڭغا قارىتا كۆپ تەرەپلىمىلىك سىياسەت تۈزۈشى ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىمۇ شۇنداق قىلىشقا قايىل قىلىشى كېرەك؛ ماگنىتىسكى قانۇنىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش كېرەك» دېدى.

ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر ۋە سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى كېتىي فىنگولد خانىم ئۇيغۇر رايونىدىكى زامانىۋى قۇللۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا خەلقئارالىق ئىشلاردا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئەمدى بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى؛ مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە خەلقئارالىق تەپتىش ئورگىنى تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنى تەكشۈرۈشى ۋە ئۇنىڭدىن نەپ ئالغان بارلىق شىركەتلەرنىڭ خەلقئارالىق سودىسىنى دەرھال توختىتىشقا ئاتلىنىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئامېرىكانىڭ چوقۇم ئۆزىدە بار بولغان سودا ۋە ئىقتىساد تەدبىرلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە ئادىل سودا مۇھىتىنى قوغدايدىغان مۇھىت بەرپا قىلىشقا تىرىشىشىنى، ئىنسانلارنى خارلايدىغان ئۇنداق قەبىھلىك ۋە نومۇسسىزلىقنى تۈگىتىشكە ئاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

ئامېرىكا كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغ كەسپى جەمئىيىتىنىڭ باش دىرېكتورى ستىفىن لامار بۇ يىغىندا ئىسپات بېرىپ، «ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمگەك كۈچى دەپسەندىچىلىكىگە تاقەت قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى. ئۇ ئامېرىكادىكى توپ ۋە پارچە سېتىش دۇكانلىرىدا بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بۇنىڭ بىلەن جان باقىدىغانلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى، ئۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش ۋە سېتىشنى چەكلەشتە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رولىدىنىمۇ پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىننىڭ داۋامىدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مالىيە قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئىسپات بەرگۈچىلەردىن سوئال سورىدى. ئىسپات بەرگۈچىلەر ئۆز خىزمەت دائىرىسىدىكى ئىشلاردىن مەلۇمات بەردى ۋە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىككى تەرەپ ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش مەسىلىسى ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇنازىرە قىلىشتى.

روشەن ئابباس خانىم بۇ خىل قانۇن لايىھەلىرىنىڭ ئامېرىكا سىياسىتىدىكى ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، «سىياسەتچىلەر ئۆتكۈنچى بولسىمۇ قانۇن-نىزام ساقلىنىپ قالىدۇ» دېدى. ئۇ يەنە «بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە خىتاي بىلەن سودا قىلىش ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە شېرىك بولغانلىق. بىز بۇ نۇقتىنى ھەر دائىم تەكىتلەش ئارقىلىق، خىتاي بىلەن سودا قىلىۋاتقانلارنى بۇ قىلمىشتىن ۋاز كېچىشكە ئۈندەپ تۇرۇشىمىز لازىم» دېدى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.