روشەن ئابباس دوختۇر گۈلشەن ئابباس خانىم تۇتۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىشى قىلدى

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس دوختۇر گۈلشەن ئابباس خانىم تۇتۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىشى قىلىپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يوللىغان تۋىتتېر ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «دوختۇر گۈلشەن ئابباس قانۇنسىز تۇتۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى ۋە 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاي لاگېرلىرىغا تاشلانغانلىقىغا قارشى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىۋاتىمەن.»

ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە قارىتىپ مۇنداق دېدى: «ئەلچى سۇي تيەنكەي، بىز ئائىلە ئەزالىرىمىزنىڭ تىنچ-ئامان ۋە تىزىدىن قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىزگە ئۇلارنىڭ ھايات ئىكەنلىكنى ئىسپاتلاپ بەر.»

جۈمە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىش، دىسنېي شىركىتى يېقىندا بازارغا سالغان «مۇلەن» فىلىمى دۇنياۋىي قارشىلىقلارغا ئۇچراپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دىققەت قايتىدىن مەركەزلەشكەن پەيتلەرگە توغرا كەلدى.

«مۇلەن» فىلىمىنىڭ بەزى كۆرۈنۈشلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۇرپان ۋىلايىتى تەۋەسىدە سۈرەتكە ئېلىنغان. فىلىم ئاخىرىدا تۇرپان ۋىلايەتلىك ج خ ئورگانلىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتىلغان.
كېيىن تۇرپاندا 8 ئورۇندا جازا لاگېرلىرى بارلىقى، فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ بۇلارنى كۆرمەي قېلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دىسنېي شىركىتىنىڭ بۇ قىلمىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن «مۇلەن» نى بايقۇت قىلىش سادالىرى ئۇلغايغان ئىدى.
روشەن ئابباس بۇ ھەقتە توختىلىپ دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ 2018-يىلىدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدىن تا ھازىرقىغىچە خەۋەر يوقلۇقىنى ئېيتتى ۋە مۇنداق دېدى: «مەن دىسنېينىڭ مۇلەن فىلىمى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئوقۇغاندىن، دىسنېي فىلىم گۇرۇپپىسى خادىملىرى ئاچام قامالغان لاگېرنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنمىدۇ، دەپ ئەجەبلەندىم.»

دوختۇر گۈلشەن ئابباس ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئۆز ئاچىسى بولۇپ، ئۇ ئىككى يىل ئاۋۋالقى بۈگۈنكى كۈندە روشەن ئابباسنىڭ ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان.

رادىئومىز ئىلگىرى گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەندىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.