مۇسۇلمانلار جامائىتى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقىردى

خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش ساداسى بارغانسېرى يۇقۇرى كۆتۈرۈلىۋاتقاندا ئەڭ چوڭ ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ ئېغىر باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىشى ئىزچىل خەلقئارانىڭ تەنقىد ئوبېكتى بولۇپ كەلمەكتە. ئەنە شۇنداق ئاچچىق رېئاللىققا قارشى ئورتاق سادا ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 140 تىن ئارتۇق تەشكىلات ۋە 25 دۆلەت ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ بىر كىشىلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ كەلمەكتە. ئەنە شۇ خىل تىرىشچانلىقنىڭ بىرى 17-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا مۇسۇلمان تەشكلاتلار كېڭىشى، «ئۇيغۇرلارغا تېزدىن ئازادلىق» قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئاچقان تور مۇھاكىمە يىغىنى بولدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن رىياسەتچى ئايۇب رازىق سۆز ئېلىپ، نۆۋەتتە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ياشلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر ھەققىدە ھېچقانچە چۈشەنچىنىڭ يوقلۇقىنى، شۇ سەۋەبتىن بۇ ھەقتىكى رېئاللىقنى تېخىمۇ كۆپ مۇسۇلمانلار جامائىتىگە بىلدۈرۈش ئارزۇسىنىڭ مۇشۇنداق بىر تور مۇھاكىمىسى ئېچىشنىڭ جىددىي زۆرۈرىيەتلەردىن بولۇپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە كۆرسەتتى.

ئامېرىكا مۇسۇلمان تەشكىلاتلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئوسسامە جامال ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە مىليونلاپ لاگېرلارغا قامىلىش ھەمدە ئېغىر ئىجتىمائىي باستۇرۇشقا دۇچار بولۇشى ھەققىدە ئومۇمىييۈزلۈك ئەھۋال تونۇشتۇردى. ئارقىدىن خەلقئارادا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندىكى چوڭ تەشكىلات بولغان «ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا شۇنچە كۆپ زۇلۇملارنى سېلىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىىتنى ئەيىبلەش ئورنىغا ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى كەسكىن ئەيىبلىدى. شۇنداقلا ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلاردا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ھەرقانداق مۇسۇلمانلار جامائىتىگە ئوخشاش مۇئامىلىگە مۇيەسسەر بولۇش ھەققىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا يېقىنقى مەزگىللەردە قۇرۇلغان «ئۇيغۇرلارغا تېزدىن ئازادلىق» تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب ئوقۇغۇچىلاردىن بولغان ۋەكىللىرى تەسنىم بېناللاھ ۋە ئەمەل ئەلتراب ئاكتىپ پىكىر قىلدى. بولۇپمۇ يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەمەل ئەلتراب ئۆزىنىڭ ياشلارغا خاس جۇشقۇنلۇقى بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى ئ‍سلام ئېتىقادىنىڭ نۆۋەتتە جىنايەت سانىلىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللىقاچان مىليونلاپ ئۇيغۇرنى لاگىرلارغا قاماش بىلەن بولدى قىلمىغانلىقى، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، ئۇلارنى ھامىلە چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلاش، بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن جۇدا قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى كۆپلەپ سادىر قىلىۋاتقانلىقى سېپى ئۆزىدىن قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى شۇنچە كۆپ قەبىھ قىلمىشلارنى سادىر قىلىۋاتسىمۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇنى ئەيىبلەش ئورنىغا ئىزچىل سۈكۈتنى تاللاپ كەلگەنلىكى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خەلقئارا سورۇنلاردا مۇشۇنداق بىر ھۆكۈمەتنى ئاقلىشىنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۈچۈن قانچىلىك زور نومۇس ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھېمايە قىلىش ھەركىتىگە ئاۋاز قوشۇش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇ قاتاردا ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتىغا ئىسلامىي ئەھكاملارغا ئەمەل قىلغان ھالدا دۇنيادىكى باشقا مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ سېپىگە يېقىندىن ئەگىشىش، ئېنىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەش، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا باش پاناھ بولۇش قاتارلىق بەش تۈرلۈك تەكلىپنى سۇندى. شۇنىڭدەك «قۇرئان» ئايەتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرقاچان ئادالەتنى ياقلاش مەجبۇرىيىتى بارلىقى، زالىملارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇلارنى ئادالەتنى ياقلاشتىن توسۇپ قالماسلىقى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان يەنە بىر ئەزىز مېھمان ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا مۇئەييەن شۆھرەتكە ئىگە ئىسلام ئالىملىرىدىن بىرى، داللاس شەھرىدىكى جەنۇبىي مېتودىست ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئۆمەر سۇلايمان ئىدى. ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ياخشى مەلۇماتلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئاۋازى ئ‍ۆچۈرۈلگەن بىر مىللەت ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئالاھىدە كۆرسەتتى. بولۇپمۇ ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتى ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەممىگە مەلۇم بولۇۋاتقان شۇنچە كۆپ زۇلۇمغا ۋە باستۇرۇشقا دۇچ كېلىۋاتقاندا بىر چەتتە قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرۇشتىن ئاكتىپ ھالدا زالىمغا ماسلىشىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىل قىلمىشلىرىنى قوللىشىنىڭ بەكمۇ نومۇسلۇق ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئىكەنلىكى، ھازىرقىدەك «ئىسلام ۋەھىمىسى» ھەممە جاينى قاپلاۋاتقاندا مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىنىڭ ئەڭ ئېغرى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلىكى، ھازىر مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ھەققىدە خىتاينى قوللاپلا قالماستىن، يەنە خىتايغا ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ھازىر ئىقتىسادىي كوزىر ئارقىلىق ھەرقايسى مۇسۇلمان ئەللىرىنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاغزاكى بولسىمۇ سۆز قىلالمايدىغان بىر ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۆمەر سۇلايماننىڭ پىكرىچە، پەلەستىنگە ياردەم بېرىش ھەققىدە ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆز قىلىۋاتقان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ «ئۇيغۇرلار تېرورلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ئۇلارنى باستۇرىۋاتىدۇ» دېگەندەك سۆز ئويۇنىغا ھاماقەتلەرچە ئەگىشىشىنى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىسلامىي تەشكىلات بولغان ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىق بولغان ئۇيغۇرلار پاجىئەسى ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ تۆت ئېغىز سۆز قىلالماسلىقىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ چۈشەنگىلى بولمايدىكەن. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇشۇنىمۇ قىلالمىساڭلار سىلەر نېمىگە مەۋجۇت بولىسىلەر؟» دەپ سوئال قويدى.

يىغىندا كانادا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى خەتزىر مەكفېرسون خانىممۇ ئالاھىدە سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ كانادا پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىدە تېگىشلىك ئىنكاسلارنى قوزغاۋاتقانلىقىنى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ «باشقا ھۆكۈمەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئەيىبلىمىسە بىز ئەيىبلەيمىز» دېدى. شۇنىڭدەك ئۆتكەن ئ‍ككى يىلدا كانادا پارلامېنتى قارمىقىدىكى تارماق كومىتېتلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى ۋە ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ «بىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشىمىز بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ. بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق بۇ تېمىدىكى پائالىيەتلىرىمىزنى توختاتمايمىز» دېدى. بولۇپمۇ ھازىرقى زور كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەك ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن چېتىشلىق تەمىنات زەنجىرى مەسىلىىسىدە داۋاملىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا مەخسۇس سۆز قىلدى. دولقۇن ئەيسا سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە بىردەك زور قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقىدەك ئەھۋالدا خىتاينىڭ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ چەتئەللەردىكى بارلىق ھەققانىيەت سادالىرىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ مەسىلىدە خىتاينى قوللاش مەۋقەسىدە بولسىمۇ، يەنە يۈزلىگەن پۇقراۋىي ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمدە تۈركىيەگە ئوخشاش بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى بىلەن جەنۋەدە كۆرۈشكەن ۋاقىتتا ئۇلاردىن ياردەم سورىغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرمىگەنلىكىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقاندا بۇنداق بىر زور ئىسلامىي تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ۋاشىنگتون شەھرىدىكى ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباسمۇ يىغىندا سۆز قىلدى. ئۇ ئۇيغۇرلاردىكى «دوست يىغلىتىپ ئېيتار» دېگەن تەمسىلنى نەقىل ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ ئاددىيلا بىر مىللەتنىڭ بوزەك بولۇشى ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار مۇشۇنچە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقاندا ئىسلام دۇنياسى بىر چەتتە قاراپ تۇرىۋەرسە ئۇلارنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئاچچىق پاجىئەنىڭ كېيىنكى نىشانى بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئاللىقاچان ئىسلامغا قارشى جەڭ ئېلان قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنى كونترول قىلىۋېلىش ئارقىلىق ئاخىرىدا ھەمممىسىنى يوقىتىش نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان بۇ خىل ھاماقەتلەرچە خائىنلىقى داۋام قىلىۋەرسە بۇنىڭ ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىغا ئېغىر بالايى-ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن سەرۋى ھۈسەيىنمۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن باغلانغان بارلىق پائالىيەتلىرى، جۈملىدىن پەرزەنتلىرىگە ئىسلامىي مەزمۇندا ئىسىم قويۇش ياكى ئىسلامىي شەكىلدە سالام بېرىشكىچە بولغان ھەممىلا ئىش مەنئى قىلىنىۋاتقاندا، يەنە كېلىپ كېيىنكى بىر ئەۋلات ئۇيغۇر بوغۇنلىرى ئاتىئىزىمچە روھ بىلەن سۇغۇرىلىۋاتقاندا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا «نۆۋەتتىكى پاجىئەلەر ئەنە شۇ تەرىقىدە داۋام قىلىۋەرسە بىھۇدە ھاياتىدىن ئايرىلغان بىگۇناھ ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ قىزىل تىرنىقى قىيامەتتە خىتاينى قوللىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بوينىنى قاماللايدۇ» دېدى.

يىغىندا ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن روبېرت مەككاۋ، ئىسماخان ئابدۇللاھى، ناكىبۇر راھمان، سامىر فالاخ قاتارلىق ئون نەچچە ۋەكىلمۇ ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئاشكارا داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ مۇسۇلمانلار ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى شەرھىلەپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك يىغىن ئەھلىنىڭ نامىدىن ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتىغا يوللىنىدىغان ئوچۇق مەكتۇپقا ئۆزلىرىنىڭمۇ ئىمزا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يىغىن ئاخىرىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ تۈرلۈك سوئاللىرىغا قىسقىچە جاۋاب بېرىلدى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.