ئامېرىكادىكى ئىككى ئۇيغۇر تەشكىلاتى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ كوللېكتىپ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى
خىتاي ھۆكۈمىتى 2022-يىلى 4-فېۋرالدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلىش ھارپىسىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن تام سۋازى ۋە كرىستوفېر سىمىس نورۋېگىيە نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىغا بىرلىكتە مەكتۇپ يوللىغان. مەكتۇپتا ئۇلار ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە