روشەن ئابباس: «قېنى، ئۇ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار؟»

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم گېرمانىيە پۇقرالىرىنى خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.

12-نويابىر كۈنى گېرمانىيەدىكى مەشھۇر گېزىتلەردىن بىرى بولغان «سۈرەتلەر» گېزىتى «بۇ ئايالنىڭ ھەدىسىنى ئىزدەۋاتقىنىغا 3 يىل بولدى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىگە «خىتايدا باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار» دېگەن قوشۇمچە ماۋزۇ ئىلاۋە قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم بۇ ماقالىنىڭ زىيارەت ئوبيېكتى بولۇپ تاللانغان ئىدى.

ماقالە مۇنداق باشلىنىدۇ: «2018-يىلى بۇ دوختۇر ئايال خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدا غايىپ بولغان. بۇنىڭغا ئۇنىڭ سىڭلىسى روشەن ئابباسنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيىلەش مەركىزى› گە تۈركۈملەپ قامىشىغا دىققىتىنى ئاغدۇرغانلىقى سەۋەب بولغان ئىدى». «‹ھېچكىم مېنى سۈكۈتكە مەجبۇرلىيالمايدۇ. مېنىڭ ھەدەم قېنى؟ ئۇ ھازىرمۇ ھاياتمۇ؟ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا› دېگەنلەرنى ‹سۈرەتلەر› گېزىتىگە بايان قىلدى، رۇشەن ئابباس خانىم.»

«بۇ ئايالنىڭ ھەدىسىنى ئىزدەۋاتقىنىغا 3 يىل بولدى» ناملىق ماقالىدە روشەن ئابباس خانىم باش رول ئالغان «ھەدەمنى ئىزدەپ» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ گېرمانىيەدە قويۇلۇشقا باشلىغانلىقى، روشەن ئابباسنىڭ 2020-يىلى 12-ئايغا كەلگەندىلا ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ 2019-يىلى 3-ئايدا 20 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقى، نۆۋەتتە گۈلشەن ئابباسقا ئوخشاش مىليونلىغان گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنىڭ «تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىك» قالپاقلىرى بىلەن تۈرمىلەرگە ياكى جازا لاگېرلىرىغا بەنت قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن ئىدى.

چېخىيە پايتەختى پراگادا 7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان روشەن ئابباس خانىم مەزكۇر ماقالىنىڭ نەشىر قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «پۈتۈن دۇنيانىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىقىشىنى ھەم دۇنيانىڭ ‹قايتا تەكرارلانمايدۇ› دېگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشى» نى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ماقالىدە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن بۇيان ھەر تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەرنى قوزغاپ، ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىپ كەلگەنلىكى، روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ 1966-يىلىدىن 1976-يىلىغا قەدەر داۋام قىلغان «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە «ئەكسىلئىنقىلاپچى» ئاتىلىپ 3 يىل «قايتا تەربىيە» ئېلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خۇددى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ناتسىستلارغا ئوخشاش ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، بۈگۈنكى كۈندە مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنى تىببىي تەجرىبە بويۇمىغا ئايلاندۇرىۋاتقانلىقى، ئاياللارغا خالىغانچە جىنسىي زوراۋانلىق قىلىۋاتقانلىقى، تۇتقۇنلارغا ھەر تۈرلۈك ئىنسانىيەتسىز مۇئامىلىلەردە بولىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

رۇشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتە خەلقئارالىق بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىغا قارىماي خىتاي زۇلۇمىنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، بىزنىڭ مەسىلىمىزنى تېخىمۇ كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا، تېخىمۇ زور خەلقئارالىق تەسىر يارىتىشقا ئىھتىياجىمىز بار» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.

ماقالىنىڭ خاتىمىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىمۇ زور خەلقئارالىق قوللاشقا، ياردەمگە مۇھتاج بولىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان روشەن ئابباس خانىمنىڭ «قېنى، ئۇ ئاياللار ھوقۇقىنى ئىزدىگۈچىلەر؟ قېنى، ئۇ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار؟» دېگەن خىتاپلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن ئىدى. روشەن ئابباس خانىم بۇ خۇسۇستا پىكىر بايان قىلغاندا: «ھەدەم گۈلشەن ئابباس شەرقىي تۈركىستاندا ھەقسىز ھالدا زۇلۇمغا، زىيانكەشلىككە دۇچار بولغان مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ پەقەت بىرسى. مەن بۇ دەلىلنى چۆرىدەپ تۇرۇپ، ئاخبارات ۋاستىلىرىغا پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتنى تونۇشتۇرىۋاتىمەن ھەم بۇ كۈرىشىمنى تاكى بىر خۇلاسىگە ئېرىشكەنگە قەدەر داۋاملاشتۇرىمەن،» دېدى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.