ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئامېرىكادىكى ھەر ساھە كىشىلىرىگە تونۇشتۇرۇلماقتا

رايىس (Rice) ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» تېمىسىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كېيىن خاتىرە سۈرەت. 2021-يىلى 4-نويابىر، تېكساس، ئامېرىكا.

ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا دائىر تۈرلۈك ئۇچۇرلار غەرب دۇنياسىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىگە كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا دۇچ كېلىۋاتقان بېسىملارمۇ تەدرىجى ھالدا ئېشىپ بېرىشقا باشلىغان ئىدى.

ئىلىم ساھەسىنىڭ، بولۇپمۇ «ئىلىم-پەننىڭ قۇدرىتى ئەڭ تولۇق دەرىجىدە نامايەن بولغان دۆلەت» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇشمۇ نۆۋەتتە بۇ جەھەتتىكى بىر مۇھىم خىزمەت، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

4-نويابىر كۈنى ئامېرىكانىڭ تېكساس شىتاتىدىكى خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان رايىس (Rice) ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» تېمىسىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنىنى بۇ جەھەتتىكى بىر ئۈلگە، دېيىش مۇمكىن.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئۇيۇشتۇرۇشقا يېقىندىن ھەمدەم بولغۇچىلارنىڭ بىرى رايس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى كرايگ كونسداين بولۇپ، ئۇ بۇ يىغىننىڭ ئالدىدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى نۆۋەتتە پۈتكۈل دۇنيا جامائىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئىجتىمائىي ھادىسە ھېسابلىنىدۇ» دېگەن. بىز بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن خيۇستون شەھرىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئىككى مەيدان لېكسىيە بەرگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «ئۇيغۇر ھەركىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئ‍ابباس بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئاڭلايسىلەر.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.