مۇتەخەسسىسلەر: «ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقانلىرى قىرغىنچىلىقنىڭ پۈتۈن ماددىلىرىنى نامايەن قىلماقتا!»

ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كىلىمات سۆھبىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى تېمىلار سەل پسكويغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. 30-ئۆكتەبىر كۈنى ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات فاكۇلتېتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تىلى ۋە مىللىي كىملىكىگە قارىتا داۋاملىشىۋاتقان تەھدىتلەر» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمىيە يىغىنى بۇ مەسىلىنى يەنە بىر قېتىم ھەر ساھەنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ رىياسەتچىسى، ئ‍ىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتتى، دوكتۇر گاردنېر بوۋىڭدون سۆز ئېلىپ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك تەھدىتلەر ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئۇ يەنە نۆۋەتتىكى رېئاللىققا قارىتا سۆز قىلىشتا پائالىيەتچىلەردىن باشقا ئىلمىي ساھەنىڭمۇ بۇنىڭغا ئىشتىراك قىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى سۆزلەپ ئۆتۈشنى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى گۈلنىسا نەزەروۋاغا ھاۋالە قىلدى.

ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇچسى گۈلنىسا نەزەروۋا بۇ ھەقتىكى مەۋجۇت رېئاللىقنىڭ ھازىر كۆپلىگەن ساھەلەرگە يېيىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدە ئاللىقاچان يۇقۇرى پەللىگە چىقىۋاتقان نۆۋەتتىكى غايەت زور كىرىزىسنىڭ ھازىر ئاددىيلا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، شۇڭا بۇ مەسىلە ھەققىدە ھەممىلا ساھەنىڭ ۋىجدانىنى ئويغىتىش لازىملىقىنى، شۇڭا بۇنىڭدا پائالىيەتچىلەردىن باشقا يەنە ئىلمىي ساھەنىڭمۇ تېگىشلىك رول ئوينىشى لازىملىقىنى سۆزلەپ ئ‍ۆتتى.

ئىندىيانا شىتاتىدىكى روس خۇلمەن تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، يېتىلىۋاتقان ياش ئۇيغۇرشۇناس تىموسىي گروس نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.

تىم گروسنىڭ پىكرىچە، بۇنىڭدىن 22 يىل ئىلگىرى باشلانغان «ئىچكىرىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەر» ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئاسمىلاتسىيە قىلىش ۋە ئۆچۈرۈپ تاشلاشنىڭ دەسلەپكى باشلىنىشى ئىكەن. شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ يىلىغا مىڭدىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىچكىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلگەن بولسا كېيىنچە بۇ سان يىلدىن يىلغا زورىيىپ ماڭغان. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىلا ئۇيغۇر جەمىيىتىدە پەرزەنتلەر بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ جۇدالىقى ھەمدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتقا يەتكۈزۈلىشى ئۈزۈلۈشكە باشلىغان. لاگىرلار ۋە زور كۆلەملىك تۇتقۇندىن كېيىن بولسا بۇ خىل ئاسمىلاتسىيە ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرىگە يۆتكەپ يۈرمەستىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردە تىل ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە تەڭلا ئىجرا قىلىنىشقا كىرىشكەن. خىتايچە مەدەنىيەت ۋە تىل ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئاساسلىق ئۆگىنىش تېمىلىرى بولۇپ قالغان.

ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن بەھرام سىنتاش ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدە قانداق تەھدىتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئەھۋال تونۇشتۇردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە تارىخىي يادىكارلىقلار، مازارلار ۋە مەسچىتلەرنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە داۋام قىلىشى ئۈچۈن قايسى دەرىجىدە ئېغىر خىرىسلارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، بۇنىڭ يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىلارنىمۇ يوقىتىش ئوبېكتى قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە نۆۋەتتە نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنىمۇ پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشنى بىر مۇھىم تەدىبر سۈپىتىدە ئىجرا قىلماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىقتا نوپۇس مەسىلىسىدە قانداق كىرىزىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر ئادريان زېنز ئالاھىدە سۆز قىلدى. ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا كېمەيتىلىشى، بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر ھەمدە بۇنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە توختىلىپ، مەلۇم بىر مىللەتنىڭ نوپۇسىنى غەرەزلىك ھالدا كېمەيتىشنىڭ ئۆزىلا «قىرغىنچىلىق» ھەققىدىكى تەبىرگە تولۇق چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە «جەنۇبي شىنجاڭدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇش» نى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىجرا قىلماقتا ئىكەن. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى «تېرورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە» دەپ قارىماقتا ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنە شۇ تەرىقىدە بىر ياقتىن تۇغۇلغۇسى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى چەكلەپ كەلگەن بولسا، تۇغۇلۇپ بولغان ئۇيغۇرلارنى «ئوشۇقچە ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ئىچكىرىگە ئۆلكىلەرگە ۋە باشقا رايونلارغا يۆتكەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە قاتناشتۇرماقتا ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشىنىڭ دۇنيا ئۈچۈن نېمىلەردىن دېرەك بېرىشى ھەققىدە ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «ئۇيغۇر ھەركىتى» تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىدىن ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئالاھىدە سۆز قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىندا ئۇيغۇرچە ۋە ئېنگلىزچە ئىككى خىل تىلدا نەشردىن چىققان «قىزىل قىيامەت» ناملىق ئەسىرىدە تەكىتلىگىنىدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىقى يالغۇز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور تەھدىت بولۇپلا قالماستىن يەنە دۇنيا ئۈچۈنمۇ غايەت زور خەتەرنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر دۇنيا تەرتىۋىنى، توغرا بىلەن خاتانى ئۆز خاھىشى بويىچە شەرھىلىمەكچى بولغانلىقى دۇنيا خەلقى ئۈچۈن ئېغىر قاباھەتنىڭ باشلىنىشى ئىكەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەركىتىنى ئۆتكەن 70 يىللىق مۇساپە بويىچە ئەسلەپ چىقىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئاشۇ ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن باستۇرۇشنىڭ يۇقۇرى پەللىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل قاباھەتنىڭ ئالدى ئېلىنمىغاندا ئۇنىڭ دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە ئېغىر قارا سايە تاشلايدىغانلىقى مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا ھەرقايسى مۇتەخەسسسلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك ھەرقايسى ئامىللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەمدە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

يىغىندىن كېيىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئابدۇلھەكىم ئىدرىس رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى مۇشۇنداق بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىدە ئۆتكۈزۈلىشىنىڭ بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان مۇشۇ خىلدىكى لېكسىيەلەر ۋە مۇھاكىمە يىغىنلىرى ھەرقايسى جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەردە كۆپلەپ ئۆتكۈزىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ھەرقايسى ساھە ئارىسىدا ئۇيغۇر كىرىزىسى ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنى ئاشۇرۇش رولى ئوينايدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.