ئۆركەش دۆلەت: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى مۇستەقىللىققا مەجبۇرلىماقتا!»
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي پاجىئەلەر غەرب دۇنياسىدا تەدرىجىي ھالدا «قىرغىنچىلىق» دەپ بىلىنىشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېغزىدىن چۈشۈرمەي كېلىۋاتقان «ئۇيغۇرلارنىڭ قالاقلىقى ۋە تېررورلۇققا ھېرىسمەنلىكى» ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارغا ئازدۇر-كۆپتۇر ئىشىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالىغا