ئۆركەش دۆلەت: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى مۇستەقىللىققا مەجبۇرلىماقتا!»

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي پاجىئەلەر غەرب دۇنياسىدا تەدرىجىي ھالدا «قىرغىنچىلىق» دەپ بىلىنىشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېغزىدىن چۈشۈرمەي كېلىۋاتقان «ئۇيغۇرلارنىڭ قالاقلىقى ۋە تېررورلۇققا ھېرىسمەنلىكى» ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارغا ئازدۇر-كۆپتۇر ئىشىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالىغا ۋە خىيالىغا يېقىندىن قاراپ چىقىش ئۈچۈن BBC ئاگېنتلىقىنىڭ مىليونلاپ تاماشىبىنلىرى بولغان «قىيىن سۆھبەتلەر» پروگراممىسى يېقىندا 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئۆركەش دۆلەتنى مۇھاكىمىگە تەكلىپ قىلدى. (قىسقا ئاۋاز)

مۇھاكىمىدە ئالدى بىلەن رىياسەتچى ستىۋېن سەكېر ئۇيغۇرلار دىيارىدا نۆۋەتتە نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللاش چۇقانلىرى ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەدبىر ۋە سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشىگە دائىر قانداق يۈزلىنىشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئۆركەش دۆلەت ئۆزىنىڭ ھازىرچە بۇنىڭدا تۈپلۈك بىرەر ئۆزگىرىشنى كۆرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. (ئاۋاز، قىسقا ئۆركەش) بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن قانداشلىق ۋە مەدەنىيەت ئورتاقلىقى بولغان تۈركىيەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىشى ئارقىسىدا لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلاردىن تۈركىيەدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ مۇشۇ ئارقىلىق تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغزىنى تۇۋاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرغا سېلىشتۇرغاندا قويۇپ بېرىلگەن بۇ ئۇيغۇرلار سانىنىڭ «ئۆزگىرىش پەيدا بولدى» دېگۈدەك دەرىجىدە ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

رىياسەتچى ستىۋېن سۆھبەتتە ئۆركەشنىڭ 1989-يىلى بېيجىڭدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانلىق باستۇرۇۋېتىلگەن دېموكراتىيە ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان ئەھۋالنى ئەسلەپ ئۆتكەچ «ھازىر سىزنىڭ ئۇيغۇرلۇق كىملىكىڭىزنىڭ ۋەزنى خىتاي كىملىكىڭىزدىنمۇ سالماقلىقراق كۆرۈنىدۇ. شۇنداقمۇ؟» دەپ سورىدى. . ئۆركەش بۇنىڭغا قارىتا ئۆزىنىڭ تۇغۇلغاندا ئۇيغۇر كىملىكىدە تۇغۇلغانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ ئازغىنە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بېيجىڭدا چوڭ بولۇش جەريانىدا ھەرقاچان ئائىلىدە ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشتەك ئەنئەنىنى داۋام قىلىپ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ كېلىپ، دەل مۇشۇ ھالنىڭ ئۆزىدە ھۆكۈمران ئورۇندىكى خىتاي كىملىكىگە ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە خاراكتېردىكى ئۇيغۇر كىملىكىنى يېتىلدۈرۈپ چىققانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۆزى بېيجىڭدا «خىتاي ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى» دەپ قارىلىۋاتقان مەزگىلدىمۇ ئۆزىنىڭ ھېچقاچان ئۆزىگە خاس ئۇيغۇر كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۆركەشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىلگىرى خىتاينىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچراتقان ھەمدە ھەممىلا ئۇيغۇرغا ئۇچرايدىغان «ئۇيغۇر كىملىكى» نى كەمسىتىش خاھىشى ئۇ بېيجىڭدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان 50 كۈندە بىراقلا غايىب بولغان.

رىياسەتچى ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر مەسىلە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزگىچە پىكىردىكى بارلىق زاتلارغا «ئۈچ خىل كۈچلەر» دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇشلارنى بولسا «بىز مۇشۇ خىل ئەڭ زور تەھدىتكە ئايلىنىپ قالغان ‹ئۈچ خىل كۈچلەر›گە قارشى تۇرۇۋاتىمىز» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە باشقا جايلاردىكى خىتايلارنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىشى بولدى.

ئۆركەش دۆلەت بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، مىسلىسىز كىملىك كرىزىسىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇستەقىل بولۇشتىن باشقا ھېچقانداق تاللىشى قالمىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش «ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك خاھىشى» نىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن 70 يىل مابەينىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ۋە تەڭسىز مۇئامىلىسىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى، موڭغۇل ئىمپېرىيەسى ۋە مانچۇ ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە ئاشۇ ئىمپېرىيە پۈتۈنلۈكىدە توسقۇنسىز مەۋجۇت بولغان ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى دەۋرىگە كەلگەندە ئۆچۈرۈلۈش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى، بۇ خىل مەجبۇرىي يوقىلىش گىردابىغا قىستالغان ئۇيغۇرلارنىڭ «بۆلگۈنچى» بولۇشتىن باشقا چارىسىنىڭ قالمىغانلىقىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن خەلقئاراغا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە كۆپلىگەن ماددىي ئىسپاتلارنىڭ ئاشكارا بولۇشى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان ئىنكاسى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئۆركەش دۆلەت ئەينى ۋاقىتتا ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسى بېرلىننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئاندىن مىليونلىغان يەھۇدىيلارنىڭ قىرغىن قىلىنىپ بولغانلىقىنى بايقىغانلىقىدىن سۆز باشلاپ، غەرب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ، غەرب ئاخباراتلىرىنىڭ، جۈملىدىن BBC ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى دۇنيا جامائىتىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ھەمدە ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىغا ئۆز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۇلارنىڭ «ماددىي ئىسپاتلار يېتەرلىك ئەمەس» دېگەن قاراش تۈپەيلىدىن بۇ جەھەتتىكى كۆپلىگەن ئەھۋاللارنى ئاخبارات يۈزىگە چىقارمىغانلىقىنى، پۈتۈن دۇنيا مەرىپەتكە ۋە مەدەنىيەتكە يۈزلىنىۋاتقان 21-ئەسىردە مىليونلىغان كىشىنى لاگېرغا قاماشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ستىۋېن تەكىتلىگەن «يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى» نى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا سېلىشتۇرۇش «بەكلا ئاشۇرۇۋەتكەنلىك» دېگەن قاراشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆركەش دۆلەت بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئىپادىلەپ «مۇشۇنداق ئېغىر باستۇرۇش ۋە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان بىر خەلق ھازىرقى ۋەزىيەتتە يەنە بۇنىڭدىن باشقا قانداق ئىسپاتلار بىلەن تەمىن ئېتەلەيدۇ؟» دەپ سوئال قويدى.

سۆھبەتتە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن يەنە بىر نۇقتا غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سودا ئالاقىسى بولدى. ئۆركەش دۆلەت ئۆتكەن ئوتتۇز يىلدا غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاي بىلەن سودا ئالاقىسىدە بولۇش جەريانىدا سودىدىن باشقا نەرسىگە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى، بۇ خىل ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشنىڭ پەقەت دونالد ترامپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەنلىكىنى، چۈنكى دونالد ترامپ سودا ساھەسىدىن چىققان دۇنياۋى رەھبەر بولۇش سۈپىتىدە خىتاي بىلەن نوقۇل سودا ئالاقىسىدە بولۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ئۈچۈن ھېچقانداق مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى، شۇڭا دۇنيانىڭ ھېلىھەم بولسىمۇ ئۇيقۇسىنى ئېچىپ بۇ «سودا مۇناسىۋىتى» ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ كۆرۈشى لازىملىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ تەيۋەن ۋە خوڭكوڭدىكى سىياسىي ۋەزىيەتكە پەيدا قىلىۋاتقان بېسىملىرى ھەمدە بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك ئىنكاسلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەلۇم بولۇشىچە، «قىيىن سۆھبەتلەر» پروگراممىسى ئۆزىنىڭ مۇھاكىمە ئىشتىراكچىلىرى كۈتمىگەن قىيىن سوئاللارنى ۋە شەرھلەش ئاسانغا چۈشمەيدىغان كەسكىن تېمىلارنى ئاساس قىلىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن غەرب دۇنياسىدا زور شۆھرەتكە ئىگە ئىكەن. ئىلگىرىمۇ بۇ سۆھبەت پروگراممىسى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە بىرنەچچە قېتىم مەخسۇس مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.