«خىتايدا كۈچىيىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەھدىتى» دېگەن تېمىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

خىتايدا ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتىقادچى خەلققە كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىك خەلقئارادىكى دىنىي ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھەمدە دىنىي داھىيلارنى بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراشقا مەجبۇر قىلماقتا.

بۇ يىل 21-ئاۋغۇست، ئامېرىكادىكى خرىستىئان مىللىي ۋە دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى (ERLC) «خىتايدا كۈچىيىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەھدىتى» دېگەن تېمىدا تور سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. بۇ سۆھبەتكە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئەلچىسى سەمىيۇل برۋونبەك، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس، خرىستىئان مىللىي ۋە دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى دوكتور رۇسسېل مور، ئاممىۋى سىياسەت ۋە ئومۇمىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تراۋىس ۋۇسوۋ قاتارلىقلار قاتناشتى.

يىغىننىڭ چاقىرىقنامىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈن خىتاي كومپارتىيەسى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى لاگېرغا سولىدى. ئۇ يەردىكى قەبىھ قىلمىشلار شاھىتلار ۋە ۋىدىيو ئىسپاتلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ. كومپارتىيە ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇرلارغا شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى مەجبۇرىي تېڭىۋاتىدۇ. يېقىندا تىرامپ ھۆكۈمىتى يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈش ئارقىلىق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق، جۈملىدىن دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش جىنايىتىگە قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باستى. خرىستىئان مىللىي ۋە دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئېتىقادچى خەلقنى، جۈملىدىن خرىستىئانلارنى باستۇرۇشىغا داۋاملىق قارشى تۇرۇشىنى قوللايدۇ».

سۆھبەتتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئەلچىسى سەمىيۇل برۋونبەك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىر ئىنسانىيەتكە قارشى قەبىھ كۈچ بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلەپ، «مىليونلىغان ئىنساننى لاگېرغا قامىغان، مۇستەبىت تۈزۈم ئارقىلىق دۇنياغا خوجايىن بولماقچى ۋە ئۆزىدەك مۇستەبىت دۆلەتلەرگە ئۈلگە بولماقچى بولغان خىتايغا بىز نېمە ئۈچۈن يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىپ بېرىمىز؟ بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى باستۇرۇشىغا ياردەم قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟» دېدى، ئاندىن خىتايغا ئىقتىساد ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق، جۈملىدىن دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە ئەگەر خىتاي مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئۇچراۋاتقان پاجىئەگە ئەتە دۇنيانىڭ ئۇچرايدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ جىنايەتنى قەتئىي توختىشىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتايغا بېسىم قىلىش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ياۋروپا ئەللىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ خۇاۋېي قاتارلىق شىركەتلىرىنى چەكلەش ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئىقتىساد جەھەتتىن جازالاش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خرىستىئان مىللىي ۋە دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى دوكتور رۇسسېل مور، خىتاينىڭ ئۆز بايلىقى ۋە كۈچىگە تايىنىپ دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى ۋە دۇنيانى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «بىز دۇنيادا ئۇنداق كۈچ-قۇدرەت ۋە پۇلدىنمۇ ئۇلۇغ نەرسىنىڭ بارلىقىنى بىلىدىغان بولۇشىمىز لازىم. بەزىلەر خىتاينى ھەممىدىن كۈچلۈك دەپ قارايدۇ، ئەمما بىز خۇدانى ھەممىدىن كۈچلۈك دەپ قارايمىز. بەزىلەر خۇدانى ئۆزىگە تەۋە دەپ ئويلايدۇ، ئەمما بىز ئىنسانلار خۇداغا تەۋە دەپ ئويلايمىز. شۇڭا بىز خۇدا ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، ھوقۇقدار كىشىلەرنى بۇ خىل باستۇرۇش ۋە زۇلۇمنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىمىز. بەزىلەر: مەن ھوقۇقدار ئەمەس، ئۇلار ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمەن؟ دەيدۇ، ئۇلارغا دەيمەنكى، ئەتراپىڭلاردىكى سىلەر كۆرەلمەيۋاتقان، تەھدىت ۋە زۇلۇمغا ئۇچراتقان كىشىلەرنى ئىزدەپ ياردەم قىلىڭلار».

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى ۋە بۇنى دەرھال توختىتىشنىڭ ۋىجدانىي مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاندىن خىتاي زاۋۇتلىرىدا «قۇل ئىشچى» بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىياسىيونلارنىڭ بۇ ئىشتا ئۆز مەيلىچە سىياسەت ئوينىماي، ھەق تەرەپتە تۇرۇپ ئىش قىلىشى، دۆلەت مەجلىسىدىكى ۋەكىللەرگە تېلېفون قىلىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھىسى» نى ماقۇللىتىشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاندىن خىتاي ھەر خىل نام بىلەن ئاتاۋاتقان لاگېرنىڭ زادى قانداق جاي ئىكەنلىكىنى ئېنىق بېكىتىش كېرەكلىكىنى، ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تامامەن دىنسىزلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى لاگېر ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇچراۋاتقان زۇلۇم، خورلۇق ۋە پاجىئەلىرىنى ئاڭلاتتى. ئۇ سۆزىدە لاگېردىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بالىسىنىڭ ئالدۇرۇۋېتىلىدىغانلىقى، ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن مەجبۇرىي ھالدا تۇغماس قىلىۋېتىلىدىغانلىقى، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن چىدىغۇسىز قىيناشلارغا ئۇچرايدىغانلىقى، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئەرلىرى لاگېرلارغا سولىنىپ كەتكەن بولغاچقا لاگېر سىرتىدىكى ئاياللارنىڭمۇ ھەر ۋاقىت جىنسىي خورلۇققا ئۇچرايدىغانلىقى، خىتاي ئەرلىرىگە تېگىشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقى، بالىلىرىنىڭ يېتىمخانىلارغا سولىنىپ، ئۆز ئائىلىسى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىنى ئۆچ كۆرىدىغان نەسىللەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈلۈۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جىنايەتلەرنى زور كۈچ قوللاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. روشەن ئابباس خانىم بۇ جىنايەتلەرنىڭ تامامەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىۋاتقان دۇنياغا، ئاياللار ۋە بالىلار ھوقۇقىنى قوغدايدىغان تەشكىلاتلارغا، خىتايغا سېتىلغان ھوللىۋود چولپانلىرىغا خىتاب قىلدى، ئاندىن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بۈگۈن قايتا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قۇتۇلدۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.

روشەن ئابباس خانىم بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا تونۇتۇش ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دۇنيا كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى ئىنسانلىق مەسىلىسى، ۋىجدان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققان ھەققانىيەتچى دۆلەتلەر، تەشكىلاتلار ۋە دىنلار بىلەن ھەمكارلىشىش كېرەكلىكىنى، بۇ سۆھبەتنىڭ بۇ يولدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلىنىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.