‎بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى


بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر ھەرىكىتى (Campaign for Uyghurs – CFU) نىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتاسىدا تەستىقلانغان ۋە پرېزىدېنت ترامپ ئىمزالىغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنىڭ قانۇنىي ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن جازا چاقىرىقى نامايىشىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ئامېرىكا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى (NBA )، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ھەتتا ھوللىۋودنى ئاۋاز چىقىرىشتىن چەكلىيەلىگەن بىلەن، بىزنى سۈكۈت قىلدۇرالمايدۇ!”
‎ئۇيغۇر ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇر يىغىلىشى تەشكىلاتلىرى  (Uyghur Rally) تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ناھەقچىلىق ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ يۈرۈشتە ، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەئىسى رۇشەن ئابباس مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مەن سۆزۈمنى، ئەگەر مەن خىتايدا بولسام ، بۇ سۆزنى ئىشلەتكىنىم ئۈچۈن تۇتۇلۇپ كېتىشىم مۈمكىن بولغان بىر سۆز بىلەن، يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ باشلايمەن.” رۇشان ئابباس يەنە بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىسپاتلايدىغان بارلىق پاكىتلارنىڭ ئوتتۇرىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: “بۈگۈن بىز بۇ سۆزنى بۇ ئەركىن تۇپراقتا ئىشلىتىشتىن قورقىدىغانلارغا ئېيتىمىزكى بۇ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق، شۇنداق، بۇ ھەممەيلەننىڭ قۇلىقىغا ياڭرىسۇنكى بۇ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق”.

‎ئۇيغۇر سۆزىنىڭ قۇلاقتا ياڭرىشىنىلا ئەمەس، بەلكى قەلبتە ھېس قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلغان رۇشەن ئابباس يەنە سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «گۈزەل خەلقىمىزنى بۈگۈنكى خىتاي فاشىست ھاكىمىيىتى بىر مەسىلە دەپ قارايدۇ. بىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى قوبۇل قىلماسلىقىمىز ئۇلارغا نىسبەتەن بىزنىڭ ھالاكىتىمىزدىن دېرەك بەرگەن ئىدى. شىزاڭدا ، شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن ئىشلارغا قاراڭ. كىم خىتاينىڭ بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىغا ھەقىقىي ئىشىنەلەيدۇ؟ بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ قىلغانلىرىغا شاھىت بولغان نۇرغۇن كىشىلەر بار ».

‎روشەن ئابباس بۈگۈن خىتاينىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىق نامىدا سانسىزلىغان جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «مەجبۇرىي نىكاھ ، ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان ئومومى باسقۇنچىلىق، بوۋاقلارنى مەجبۇرىي ئۆلتۈرۈش ، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، قولغا ئېلىش ، ئۇرۇش، قىيناش ، بالىلارنى تۇتقۇن قىلىش ، مېڭە يۇيۇش ، ئەزا ئەتكەسچىلىگى، كىشىلەرنى يوقۇتىۋېتىش، قىسقىسى ، ئېرقىي قىرغىنچىلىق. نۇرغۇن گۇۋاھچىلارنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەن ئاشكارلانغان بۇ پاكىتلارنى گەرچە خىتاي ئىنكار قىلسىمۇ ، دۇنيا ئىنكار قىلالمايدۇ».

‎رۇشەن ئابباس ب د ت نىڭ سابىق باش كاتىپى كوفى ئانناننىڭ ئافرىقىدىكى رىۋاندادا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن كېيىنكى سۆزىنى ئەسلىتىپ مۇنداق دېدى: «كوفى ئانان مۇنداق دېگەن ئىدى:”ئەگەر ئىككىنجى بىر رۋاندا مەسىلىسى كۆرۈلسە، دۇنيا يەنە بارلىق پاكىتلار ئالدىدىمۇ ھەركەتسىز قېلىشى مۈمكىن”، بۈگۈن بۇ سۆز دەلىللەنمەكتە. قارىغاندا دۇنيا ھازىر ھەركەتكە كېچىكىپ قالغاندەك قىلىدۇ. ھەتتا بەكمۇ كېچىكتى، بۇ دۇنيانىڭمۇ جىنايەتنىڭ شېرىكى بولغانلىغىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ». ‎1989-يىلدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە قىلغىنىغا ئوخشاش، خىتاي ‎2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى ۋەقەلەردىن كېيىن ، ئۇيغۇرلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن قانداق ئويۇنلارنى ئويناپ كەلگەنلىگىنى ئېيتىپ، رۇشەن ئابباس يەنە مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ بۇنى تونۇپ يېتىشى ئۈچۈن خىتاي يەنە قانچە قېتىم ئوخشاش جىنايەتنى تەكرارلىشى كېرەك؟ بىز دۇنياغا قانچە قېتىم ئاڭلىتىمىز؟ خەلقىمىزنىڭ قېنى قانچە قېتىم تۆكۈلىشى لازىم؟»

‎بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ نېمىشقا خىتاينى توسۇپ قالالمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالنى ئەسلىتىپ رۇشەن ئابباس مۇنداق دېدى: «ئۇلار قاتىلنى ئۆزىنڭ جىنايىتىگە ھۆكۈم قىلىشقا تەكلىپ قىلغاندەكلا ئىش قىلىۋاتىدۇ. باشقا دۆلەتلەردە ئاتالمىش ​​مەبلەغ سېلىش نامى بىلەن ئېرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان بىرىنى بۇ يەرلەرگىچە تەكلىپ قىلىپ، يۇقۇرى ئورۇندا ئولتۇرغۇزۇش، ب د ت نى قانداق بىر ئئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ؟! خىتاينىڭ كومۇنىزم پەلسەپەلىرىگە قارشى بىر يوللار بىلەن قازانغان پۇللىرىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئەۋزەللىككە ئېرىشىش ئۈچۈن قوللىنىشى بۇ دۆلەتلەردىكى كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ھاياتىنى بۇلغىغانلىق بولمامدۇ؟ ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزگە قارشى ئىشلىتىلىشىگە، ئۇنىۋېرسىتېتلىرىمىزنى كونتورول قىلىۋېلىشىغا ۋە مەدەنىي قىرغىنچىلىق قىلىشىغا قانداقمۇ سۈكۈتتە تۇرغىلى بولىدۇ؟!».

رۇشەن ئابباس خىتايغا قارىتىلغان جازانىڭ بالدۇرراق باشلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇننى ماقۇللىغىنىغا چەكسىز رەھمەت ئېيتىمىز. يەنە تاشلىنىدىغان نۇرغۇن قەدەملەر بار. بۈگۈن لاگېر ۋە تۈرمىلەردە سولانغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ قۇلدەك ئىشلىتىلىشى توختىتىلىشى كېرەك. ھەدەم در. گۈلشەن ئابباس ئەركىنلىككە چىقىشى كېرەك».

‎خىتاينىڭ ب د ت ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ، ھوللېۋۇد ۋە ئولىمپىك كومىتېتىنى قاتارلىقلارنى ئاۋاز چىقىرىشتىن چەكلەۋاتقىنىنى ئېيتقان رۇشەن ئابباس: «ئەمما بىز سۈكۈت قىلمايمىز» دېدى. خىتاينىڭ بۇ گۇناھلىرىنى ئېچىنىشلىق ھالدا مۇھاپىزەت قىلىۋاتقانلار ھامان بىر كۈنى ئاللاھ ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئابباس: «بىز بۇ ھېساباتنى ئېلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز» دېدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈزگەن قانۇن بىلەن ، ئابباس خىتاي ھاكىمىيىتىنى يۈرگىزىۋاتقان، بۇ ئالۋاستى جىنايى قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغانلارنى جازالاش ئۈچۈن كېرەكلىك ئىشلارنى قىلىشقا چاقىردى. ئاخىرىدا رۇشەن ئابباس سۆزىنى «بىز ئامېرىكا خەلقىنىڭ خىتاي بىلەن خاتا ئىشتا ئوخشاش تەرەپتە بولۇپ قالماسلىغىنى تەۋسىيە قىلىمىز. بىز ھامان غەلىبە قىلىمىز » دەپ ئاياغلاشتۇردى.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.