ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز!

ماي ئېينىڭ ئىككىنچى يەكشەنبە كۈنى يەنى 5-ئاينىڭ  10-كۈنى، بارلىق مېھرى-مۇھەببىتىنى سۆيگەن كىشىلىرىگە ئاتا قىلغان ئاياللارنى ھۆرمەت بىلەن تەبرىكلەيدىغان كۈن. ئۇلارنىڭ جەمئىيىتىمىزگە قوشقان تۈگىمەس تۆھپىسى ۋە رولىنى مىننەتدارلىق ئىچىدە تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز. ئانىلار، كۆيۈنۈش، مېھرىبانلىق، ھامىيلىق ۋە مۇھەببەتنىڭ مەڭگۈلۈك سىمۋولىدۇر. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قولىدا مىليونلىغان گۇناھسىز ئۇيغۇر ئانىلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى، جازا لاگىرلىرىغا، مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىغا، يېتىم-يېسىرلار ئۆيىگە قامالدى ۋە ھازىرغىچە ئۇلاردىن ھېچ خەۋەر ئالالمىدۇق. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئاتا مېھرىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلغان بالىلىرىمىز بار. بۇ بالىلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئاتا-ئانا قۇچىقى ۋە ئىللىق ئائىلىلىرىدىن ئايرىۋېتىلىپ،خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەمگەك كۈچى قۇلى بولۇشقا مەجبۇرلانماقتا .…Read More

ئۇيغۇر ھەرىكىتى ئاخباراتى : بارىن قوزغىلىڭىدىكى شېھىتلەر بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات!

بۈگۈن 5- ئاپرېل — خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بارىن يېزىسىدا زەيدىن يۈسۈپ رەھبەرلىكىدە ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ئۈچۈن كۆتۈرۈلگەن خەلق قوزغىلىڭىنى قانلىق باستۇرغان 30 يىللىق ماتەم كۈنى. گەرچە خىتاينىڭ بۇ قانلىق باستۇرۇشىدا ۋاقىتسىز ئايرىلغان جانلارنىڭ ۋە شۇ سەۋەبلىك بىۋاستە ھەم ۋاستىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خەلقىمىزنىڭ ھەقىقى سانى تارىختا بىر سىر بولسىمۇ، بىز بارىندا گۇناھسىز تۆكۈلگەن قانلارنى، بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان جانلارنى مەڭگۈ ئېسىمىزدە ساقلايمىز. بارىن قوزغىلىڭىدىكى شېھىتلەر بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات. ئۇلارنىڭ روھى بىزنىڭ ۋەتەن، ئەركىنلىك،ئادالەت ۋە دېموكراتىيە يولىدا قىلغان كۈرەشلىرىمىزنىڭ ھەربىر قەدىمىدە بىز بىلەن بىللە!

خىتاي كومپارتىيىسى ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغان 70 يىل مابەينىدە،  خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىك، باراۋەرلىك يولىدا ئېلىپ بارغان ھەققانى قارشىلىقلىرىنى، ھەم شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزلىرى توقۇپ، ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان قالايمىقانچىلىقلىرىنى “تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش”،”قاتتىق زەربە بېرىش پائالىيىتى” دېگەندەك ھەرخىل قالپاقلارنى ئۇستىلىق بىلەن كىيدۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى گۇناھلىرىنى يېپىش ئۈچۈن ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىۋاتىدۇ.

ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە، ئىنسانىيەتكە ۋابا بولۇپ تارقىلىۋاتقان خىتاي ۋىروسى بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقىمىزگە بولغان ئەندىشىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، خەلقىمىزگە ئاپەتنىڭ ئۈستىگە ئاپەت بولىۋاتىدۇ.  جازا لاگىرلىرىدا ناچار تازىلىق شارائىتى، لاگىر سىرتىدا ئۈستى ئوچۇق تۈرمە ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈرىۋاتقان مەزلۇم خەلقىمىزنىڭ  غۇربەت كۈنلىرىنىڭ تېخىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىشى بىچارە خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى داۋام  ئېتىشىگىمۇ ئېغىر تەھدىت سالماقتا.

خىتايلار بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالماي، ۋەتىنىمىزدىكى ياش ئوغۇل – قىزلىرىمىزنى ۋىرۇس باسقان جايلاردىكى خىتاي زاۋۇتلىرىغا مەجبۇرى ئەمگەك كۈچى قىلىپ يۆتكەپ ئېلىپ كېتىپ، خەلقئارادىكى  83  داڭلىق ماركىنىڭ تەمىنات مۇلازىمىتىنى قىلىدىغان زامانىۋى قۇل قىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ خىتايلىرىنى بولسا ھەقسىز ئۆي- مۈلۈك، ھەقسىز داۋالاش، بالىلىرىغا ھەقسىز مائارىپ دېگەندەك ئېتىبار تەمىناتلار بىلەن بىزنىڭ ۋەتىنىمىزگە يەرلەشتۈرۈۋاتىدۇ. ۋەتىنىمىزدىكى خىتاينىڭ بۈگۈنگە يەتكەن زۇلۇمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبېك قاتارلىق تۈركىي قېرىنداشلىرىمىزنى كىشىلىك ھوقۇق، مەدەنىيەت ھوقۇقى، تىل ھوقۇقى، شۇنداقلا دىنى ئەركىنلىك كىرزىسلىرىدىن ھالقىغان ھايات – ماماتلىق كىرزىسىگە ئېلىپ كەلدى. لېكىن بىز ئىشىنىمىزكى، بۇ مەۋجۇدلۇق، ئەركىنلىك كۈرىشىدە بىز چوقۇم غەلبە قىلىمىز.

بۇ ماتەم كۈنىدە، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق تەشكىلاتلار، جۈملىدىن “ئۇيغۇر ھەرىكىتى” تەشكىلاتى،  قايغۇلىرىمىزنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ۋەتەن، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە دېموكراتىيە يولىدىكى بۇ ئۈمۈدلىك كۈرەشلىرىمىزنى خەلقىمىز ئۈچۈن، ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن داۋام قىلىمىز. تارىختىن بۇيان ھاياتقا مېھىر – مۇھەببەت بىلەن قاراپ،ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە بويسۇنۇپ ياشاپ كەلگەن ئاق كۆڭۈل خەلقىمىز ھامان بىر كۈنى ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە بولغان ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ!

خىتاينىڭ خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ساھىپخانلىق قىلىشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى مۇكاپاتلىغانلىقتۇر!

(ئاخبارات باياناتى)

خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، پەقەتلا خەلقئارا ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ نىزامنامىسى ۋە پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىش يىتەرلىك ئەمەس. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى مىللەتلەرگە قاراتقان كىشىلىك ھەق – ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىغا ۋە خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىكىنىپ قالغان يەرشارى خارەكتىرلىق شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىغا ئىقرار بولمايۋاتقانلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كىرەك. خىتاي كۈچلۈك بولغانلىقى ۋە يالغان – ياۋىداق تەشۋىقاتلارنى بولىشىغا قىلالىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي نىمە دىسە خەلقئارا ئىشەنگەنلىكى سەۋەپلىك، ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ جىنايەتلەر داۋام قىلماقتا.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس بەچ مۇنداق دەيدۇ: «ئاشكارىلىقنى كۈچەيتىش ، ياخشى باشقۇرۇش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش 2020-يىللىق ئولىمپىك كۈن تەرتىپىنىڭ مۇھىم ئامىللىرى. بۇ پرىنسىپلارغا قوشۇمچە يەنە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى« ساھىبخانلىق شەھەر توختامى » كىرگۈزۈلگەن. بۇ توختام كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بەلگىلىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەچ، خىتاي ھۆكۈمىتى ساقلاپ قالالمىغان ، ھەتتا ھۆرمەت قىلمايدىغان بارلىق پرىنسىپلار ۋە قىممەت قاراشلارنى تىزىپ چىقتى. كەڭ كۆلەمدە تارقىلىۋاتقان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسقا قارىتا ئوچۇق- ئاشكارە بولماسلىق ياكى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ئەلبەتتە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىمۇ شۇنداق. خىتاي يەنە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ۋەھشىيانە باستۇرۇشى ئۈچۈنمۇ ھىچقانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمىدى، ئەلۋەتتە كىشىلىك ھوقۇقنىمۇ ھەم قوغدىيالمىدى. ئەگەر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئولىمپىكنى پەقەت مۇشۇ ئاساسىي پرىنسىپلاردا چىڭ تۇرىدىغان دۆلەتلەردىلا ئۆتكۈزسە، ئۇنداقتا جۇڭگو 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەن ئەڭ ئاخىرقى دۆلەت بولۇپ قالىدۇ.

ئۇيغۇرلار ھەركىتى تەشكىلاتى (CFU) نىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى رۇشان ئابباس خانىم، خىتاينىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىققا تاللانغانلىقىنى «1936-يىلدىكى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىنىڭ تەكرارلىنىشى، گىتلېرنىڭ مۇسابىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغىنىغا ئوخشاش» دەپ تەسۋىرلىدى. ئۇ يەنە «بۇ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ قىممەت قارىشى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئېتىقادى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىغا قويۇلغان بىر سۇئال» دىدى.

ئۇيغۇرلار ھەركىتى تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىدۇ، بۇ پەقەت ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دۇنياغا يامراۋاتقان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسقا قارىتا ئوچۇق- ئاشكارە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۆز قىلمىشىغا يارىشا جاۋاپكارلىققا تارتىلىشنىڭ ئورنىغا، ئەكسىچە ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت شەرەپ بىلەن مۇكاپاتلانماسلىقى كىرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇ ئۈمىدسىزلىككە تولغان پەيتلەردە، خىتاينىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ قۇربانى بولىۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭلارنى ئۆتىنىمىز

ASPI نىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ «زامانىۋى قۇل» سۈپىتىدە سېتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى يېقىندا «ئۇيغۇرلار سېتىلىدۇ: قايتا تەربىيە-شىنجاڭدىن ھالقىغان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە نازارەت» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن زور ئىنكاس قوزغىدى. بۇ دوكلات خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخباراتلاردا خەۋەر قىلىندى. چۈنكى دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىسپاتلار كۆرسىتىلگەن. يەنە كېلىپ، بۇ ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ خەلقئارادىكى داڭلىق تاۋار ماركىلىرىنى مال بىلەن تەمىنلەيدىغان زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان بولۇشى دوكلاتنىڭ ئەڭ دىققەت قوزغىغان نۇقتىسى بولدى.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2017-2019-يىللىرى ئارىسىدا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن 80 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە يۆتكەپ كەتكەن ۋە بۇلارنىڭ بىر قىسمى بىۋاسىتە لاگېرلاردىن ئېلىپ كېتىلگەن. بۇ ئىشچىلار يۇرتلىرىدىن ئۇزاق جايلاردىكى بۇ زاۋۇتلاردا تامامەن ئايرىۋېتىلگەن ياتاق بىنالىرىدا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا سىياسىي ئۆگىنىش ۋە خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىدىكەن، قاتتىق نازارەت قىلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە مەخسۇس بېكىتىلگەن كىشىلەر ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى چەكلەپ تۇرىدىكەن.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاساسلىق ئاپتورلىرىدىن بولغان تەتقىقاتچى ۋىكى شۈ ئاۋسترالىيەنىڭ «ABC» قانىلىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەنلەر سانىنىڭ مۆلچەرلەنگەن نومۇردىن خېلىلا يۇقىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
…Read More

خىتاي تاشپولات تېيىپ ھەققىدە مەلۇمات بەردى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۈچىشى بىلەن بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى تاشپولات تېيىپ ھەققىدە قىسمەن مەلۇمات بېرىپ، ئۇنىڭغا مەخپىي سوت ئېچىپ، ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. جۈمە كۈنى خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە قانىلى قىسقا فىلىم تارقىتىپ: «غەرب تاراتقۇلىرى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە پىتنە-ئىغۋا تارقىتىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن.
گېرمانىيە ئاۋازى تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «تاشپولات تېيىپ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ھوقۇقى قانۇن بويىچە قوغدالدى».
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىلان قىلىشىچە، تاشپولات تېيىپ 2017-يىلىدىن بېرى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بولۇپ، دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن سوتلانغان. بۇ تەشكىلات ئۇنىڭ مەخپىي ھەم ئادالەتسىز سوتتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىدىن ئىزچىل ئەندىشە قىلىپ كەلگەن.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى 26-دېكابىر (پەيشەنبە) بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تاشپولات تېيىپنىڭ قامالغان جايىنى ئاشكارىلاشقا ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇ زاتنى يوقلىشىغا رۇخسەت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.
«فرانكفورت گېزىتى»نىڭ 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ماقالىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، تاشپولات تېيىپ 2017-يىلى يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەنىڭ بېرلىنغا بارماقچى بولغان بولۇپ، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي تەرەپنىڭ تەشۋىقاتىدا 87 زىيالىينىڭ «ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىگە زەھەرلىك مەزمۇن قوشقان» دەپ تۇتۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.