خىتاينىڭ خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ساھىپخانلىق قىلىشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى مۇكاپاتلىغانلىقتۇر!

(ئاخبارات باياناتى)

خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، پەقەتلا خەلقئارا ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ نىزامنامىسى ۋە پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىش يىتەرلىك ئەمەس. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى مىللەتلەرگە قاراتقان كىشىلىك ھەق – ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىغا ۋە خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىكىنىپ قالغان يەرشارى خارەكتىرلىق شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىغا ئىقرار بولمايۋاتقانلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كىرەك. خىتاي كۈچلۈك بولغانلىقى ۋە يالغان – ياۋىداق تەشۋىقاتلارنى بولىشىغا قىلالىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي نىمە دىسە خەلقئارا ئىشەنگەنلىكى سەۋەپلىك، ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ جىنايەتلەر داۋام قىلماقتا.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس بەچ مۇنداق دەيدۇ: «ئاشكارىلىقنى كۈچەيتىش ، ياخشى باشقۇرۇش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش 2020-يىللىق ئولىمپىك كۈن تەرتىپىنىڭ مۇھىم ئامىللىرى. بۇ پرىنسىپلارغا قوشۇمچە يەنە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى« ساھىبخانلىق شەھەر توختامى » كىرگۈزۈلگەن. بۇ توختام كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بەلگىلىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەچ، خىتاي ھۆكۈمىتى ساقلاپ قالالمىغان ، ھەتتا ھۆرمەت قىلمايدىغان بارلىق پرىنسىپلار ۋە قىممەت قاراشلارنى تىزىپ چىقتى. كەڭ كۆلەمدە تارقىلىۋاتقان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسقا قارىتا ئوچۇق- ئاشكارە بولماسلىق ياكى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ئەلبەتتە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىمۇ شۇنداق. خىتاي يەنە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ۋەھشىيانە باستۇرۇشى ئۈچۈنمۇ ھىچقانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمىدى، ئەلۋەتتە كىشىلىك ھوقۇقنىمۇ ھەم قوغدىيالمىدى. ئەگەر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئولىمپىكنى پەقەت مۇشۇ ئاساسىي پرىنسىپلاردا چىڭ تۇرىدىغان دۆلەتلەردىلا ئۆتكۈزسە، ئۇنداقتا جۇڭگو 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەن ئەڭ ئاخىرقى دۆلەت بولۇپ قالىدۇ.

ئۇيغۇرلار ھەركىتى تەشكىلاتى (CFU) نىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى رۇشان ئابباس خانىم، خىتاينىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىققا تاللانغانلىقىنى «1936-يىلدىكى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىنىڭ تەكرارلىنىشى، گىتلېرنىڭ مۇسابىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغىنىغا ئوخشاش» دەپ تەسۋىرلىدى. ئۇ يەنە «بۇ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ قىممەت قارىشى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئېتىقادى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىغا قويۇلغان بىر سۇئال» دىدى.

ئۇيغۇرلار ھەركىتى تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىدۇ، بۇ پەقەت ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دۇنياغا يامراۋاتقان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسقا قارىتا ئوچۇق- ئاشكارە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۆز قىلمىشىغا يارىشا جاۋاپكارلىققا تارتىلىشنىڭ ئورنىغا، ئەكسىچە ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت شەرەپ بىلەن مۇكاپاتلانماسلىقى كىرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇ ئۈمىدسىزلىككە تولغان پەيتلەردە، خىتاينىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ قۇربانى بولىۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭلارنى ئۆتىنىمىز

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

One Response