خىتاي تاشپولات تېيىپ ھەققىدە مەلۇمات بەردى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۈچىشى بىلەن بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى تاشپولات تېيىپ ھەققىدە قىسمەن مەلۇمات بېرىپ، ئۇنىڭغا مەخپىي سوت ئېچىپ، ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. جۈمە كۈنى خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە قانىلى قىسقا فىلىم تارقىتىپ: «غەرب تاراتقۇلىرى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە پىتنە-ئىغۋا تارقىتىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن.
گېرمانىيە ئاۋازى تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «تاشپولات تېيىپ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ھوقۇقى قانۇن بويىچە قوغدالدى».
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىلان قىلىشىچە، تاشپولات تېيىپ 2017-يىلىدىن بېرى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بولۇپ، دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن سوتلانغان. بۇ تەشكىلات ئۇنىڭ مەخپىي ھەم ئادالەتسىز سوتتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىدىن ئىزچىل ئەندىشە قىلىپ كەلگەن.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى 26-دېكابىر (پەيشەنبە) بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تاشپولات تېيىپنىڭ قامالغان جايىنى ئاشكارىلاشقا ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇ زاتنى يوقلىشىغا رۇخسەت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.
«فرانكفورت گېزىتى»نىڭ 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ماقالىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، تاشپولات تېيىپ 2017-يىلى يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەنىڭ بېرلىنغا بارماقچى بولغان بولۇپ، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي تەرەپنىڭ تەشۋىقاتىدا 87 زىيالىينىڭ «ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىگە زەھەرلىك مەزمۇن قوشقان» دەپ تۇتۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.