ئۇيغۇر ھەرىكىتى ئاخباراتى : بارىن قوزغىلىڭىدىكى شېھىتلەر بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات!

بۈگۈن 5- ئاپرېل — خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بارىن يېزىسىدا زەيدىن يۈسۈپ رەھبەرلىكىدە ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ئۈچۈن كۆتۈرۈلگەن خەلق قوزغىلىڭىنى قانلىق باستۇرغان 30 يىللىق ماتەم كۈنى. گەرچە خىتاينىڭ بۇ قانلىق باستۇرۇشىدا ۋاقىتسىز ئايرىلغان جانلارنىڭ ۋە شۇ سەۋەبلىك بىۋاستە ھەم ۋاستىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خەلقىمىزنىڭ ھەقىقى سانى تارىختا بىر سىر بولسىمۇ، بىز بارىندا گۇناھسىز تۆكۈلگەن قانلارنى، بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان جانلارنى مەڭگۈ ئېسىمىزدە ساقلايمىز. بارىن قوزغىلىڭىدىكى شېھىتلەر بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات. ئۇلارنىڭ روھى بىزنىڭ ۋەتەن، ئەركىنلىك،ئادالەت ۋە دېموكراتىيە يولىدا قىلغان كۈرەشلىرىمىزنىڭ ھەربىر قەدىمىدە بىز بىلەن بىللە!

خىتاي كومپارتىيىسى ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغان 70 يىل مابەينىدە،  خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىك، باراۋەرلىك يولىدا ئېلىپ بارغان ھەققانى قارشىلىقلىرىنى، ھەم شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزلىرى توقۇپ، ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان قالايمىقانچىلىقلىرىنى «تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش»،»قاتتىق زەربە بېرىش پائالىيىتى» دېگەندەك ھەرخىل قالپاقلارنى ئۇستىلىق بىلەن كىيدۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى گۇناھلىرىنى يېپىش ئۈچۈن ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىۋاتىدۇ.

ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە، ئىنسانىيەتكە ۋابا بولۇپ تارقىلىۋاتقان خىتاي ۋىروسى بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقىمىزگە بولغان ئەندىشىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، خەلقىمىزگە ئاپەتنىڭ ئۈستىگە ئاپەت بولىۋاتىدۇ.  جازا لاگىرلىرىدا ناچار تازىلىق شارائىتى، لاگىر سىرتىدا ئۈستى ئوچۇق تۈرمە ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈرىۋاتقان مەزلۇم خەلقىمىزنىڭ  غۇربەت كۈنلىرىنىڭ تېخىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىشى بىچارە خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى داۋام  ئېتىشىگىمۇ ئېغىر تەھدىت سالماقتا.

خىتايلار بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالماي، ۋەتىنىمىزدىكى ياش ئوغۇل – قىزلىرىمىزنى ۋىرۇس باسقان جايلاردىكى خىتاي زاۋۇتلىرىغا مەجبۇرى ئەمگەك كۈچى قىلىپ يۆتكەپ ئېلىپ كېتىپ، خەلقئارادىكى  83  داڭلىق ماركىنىڭ تەمىنات مۇلازىمىتىنى قىلىدىغان زامانىۋى قۇل قىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ خىتايلىرىنى بولسا ھەقسىز ئۆي- مۈلۈك، ھەقسىز داۋالاش، بالىلىرىغا ھەقسىز مائارىپ دېگەندەك ئېتىبار تەمىناتلار بىلەن بىزنىڭ ۋەتىنىمىزگە يەرلەشتۈرۈۋاتىدۇ. ۋەتىنىمىزدىكى خىتاينىڭ بۈگۈنگە يەتكەن زۇلۇمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبېك قاتارلىق تۈركىي قېرىنداشلىرىمىزنى كىشىلىك ھوقۇق، مەدەنىيەت ھوقۇقى، تىل ھوقۇقى، شۇنداقلا دىنى ئەركىنلىك كىرزىسلىرىدىن ھالقىغان ھايات – ماماتلىق كىرزىسىگە ئېلىپ كەلدى. لېكىن بىز ئىشىنىمىزكى، بۇ مەۋجۇدلۇق، ئەركىنلىك كۈرىشىدە بىز چوقۇم غەلبە قىلىمىز.

بۇ ماتەم كۈنىدە، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق تەشكىلاتلار، جۈملىدىن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى،  قايغۇلىرىمىزنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ۋەتەن، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە دېموكراتىيە يولىدىكى بۇ ئۈمۈدلىك كۈرەشلىرىمىزنى خەلقىمىز ئۈچۈن، ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن داۋام قىلىمىز. تارىختىن بۇيان ھاياتقا مېھىر – مۇھەببەت بىلەن قاراپ،ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە بويسۇنۇپ ياشاپ كەلگەن ئاق كۆڭۈل خەلقىمىز ھامان بىر كۈنى ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە بولغان ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ!

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

2 Responses

  1. Wetendiki herketler hitay oydurup
    chiqqan qalaymiqsnchiliq emes, Xitay mustemlikichiliki yaki zulumigha qarshi qozghalghan heqqaniy herket.
    (
    Kichikkine bir tüzütusj hergiz bu teshkilatning qiliwatqan yaxshi xizmetlirini inkar qilish emes)