ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم قېرىنداشلار:

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىمىز (CFU) ، ئىنىستىگرامدا (Instagram) » شەرقىي تۈركىستان خانىم – قىزلىرى » تېمىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى. ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك ۋەتەندە كوممۇنىست خىتايلار مىللىتىمىزنى مىللەت سۈپىتىدە يەر شارىدىن يوق قىلىشقا ئۇرىنىۋاتقان، تىلىمىزنى، دىنىمىزنى، ئۆرۈپ ئادىتىمىزنى يوقۇتۇپ خىتايلاشتۇرىۋاتقان، تۈركۈم – تۈركۈملەپ ياشلىرىمىزنى قۇل ئىشچى سۈپىتىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە سۈرگۈن قىلىپ ئۇلارنىڭ ئورنىغا ساپاسىز، بىلىمسىز قارا خىتايلارنى مىللىيونلاپ ۋەتىنىمىزگە يەرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا سەپلەپ، ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ، ناخشا – ئۇسسۇللىرىمىزنى ئوينۇتۇپ خەلقئاراغا خۇددى ئۇيغۇرلار ناھايىتى بەختلىك ياشاۋاتقاندەك خاتا ئۇچۇرلارنى تارقىتىۋاتقان مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتلەردە؛ مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئوت يۈرەك خانىم قىزلىرىمىزنى، شەرقىي تۈركىستانلىق خانىم قىزلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي قەھرىمانلىق ئوبرازى، ئېسىل ئەخلاق – پەزىلىتى ۋە يۇقۇرى بىلىم – ساپاسى، ھەقىقىي چىن گۈزەل سىماسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۇنيا مىقياسىغا ئۇيغۇرلارنى توغرا تونۇتۇدىغان، بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز. بۇ پائالىيىتىمىزنى قوللاپ، ئىنىستىگرام بېتىمىزگە ئەگىشىشىڭلارنى ۋە ئەتراپىڭلاردىكىلەرگىمۇ كەڭ تۈردە تەۋسىيە قىلىپ قويۇشۇڭلارنى سورايمىز.

بېتىمىزدىن ئورۇن ئېلىپ، بۇ پائالىيەتكە ئاۋاز قوشۇشنى خالايدىغانلار، بۇ يەردىن ئىنىستىگرام ېتىمىزگە كىرىپ ياكى تۆۋەندىكى ئەلخەت ئادرىسىى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن «ئۇيغۇر ھەركىتى » تەشكىلاتى (Campaign for Uyghurs)

ئەلخەت ئادرىسىمىز: contact@campaignforuyghurs.org

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.