خىتاينى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدىغان ۋاقىت كەلدى

(ئۆز خەۋەر ئانالىزىمىز)

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۆتكەن 71 يىل جەريانىدا ئۆز خەلقىنى باستۇرۇپ، ئىىنسانىيەتكە قارشى قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ كەلدى. خىتاي دېكتاتۇرا ئارقىلىق، مىللەتچىلىك ۋە … نى دۆلەت باشقۇرۇش ئەندىزىسى قىلدى.

شۇنداقتىمۇ خىتاي شۇنچە ئۇزۇندىن بېرى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن جىنايەتلىرى ھەم ۋەھشىلىكلىرىگە تاھازىرغىچە جاۋابكار بولغىنى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا، نەچچە مىليون ئادەم 50- يىللاردىكى ئاچارچىلىقتا ئۆلدى، يەنە نەچچە مىليون ئادەم بولسا بۈيۈك پرولتارىيات مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ رەھمسىزلەرچە قۇربانىغا ئايلاندى. خىتاينىڭ رەھىمسىزلىكلىرىنى تيەنئەنمېن ھەرىكىتىنىڭ باستۇرۇلۇشىدىن، فالۈنگۇڭ مۇرتلىرىدىن ۋەھشىلەرچە ئۆچ ئېلىشىدىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنى سېستېمىلىق ھالدا قەتلىئام قىلىشىدىن كۆردۇق. ھازىر خىتاي يەنە ئىلگىرى پەقەت يەھۇدى قىرغىنچىلىقىدىلا كۆرۈلگەندەك جازا لاگىرى ۋە جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى قۇرغان بولسىمۇ، بۇ دۇنيا يەنىلا سۈكۈتتە تۇرۇشنى تاللىدى. خىتايغا جازا يۈرگۈزۈش ياكى سوت ئېچىپ، ئۇنىڭ تۈگىمەس – پۈتمەس قىلمىشلىرىغا قارىتا جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ ئورنىغا، خىتايغا 2022 – يىلى قىشلىق ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى بېرىپ مۇكاپاتلىدى. دۇنيا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئىنساپەرۋەرلىك قىممەت قارىشى، يەنە دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، كۆپ خىللىق، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاممىبابلىق ئاساسىدا قۇرۇلغان ئىدى. لېكىن، 2022 – يىلىدىكى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزمەكچى بولغان بۇ دۆلەتتە بۇنداق قىممەت قارىشى يوق بولۇپلا قالماي، بۇنىڭغا نىسبەتەن ھەتتا ھۆرمەتمۇ يوق. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى خالىغانچە تۇتۇپ، ئۇلارنى جازا لاگىرىغا سولىدى. ئۇلار ئۆز دىنىدىن، تىلىدىن ھەم مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە زورلاندى. ئۇلار قورقۇنچلۇق، مەينەت ۋە قىستاڭ مۇھىتتا ياشاپلا قالماي، توختىماي قىيىن – قىستاققا، تەجرىبە قىلىنىشقا، باسقۇنچىلىققا ئۇچراش بىلەن، جىسمانىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن تۈگىشىدۇكى، يا شۇ كىشىلەرنىڭ سايىسىلا قالىدۇ ياكى ئۆلتۈرۈۋېتىلىدۇ. رەھىمسىز كورونا ۋىرۇسى نەچچە مىڭ ئىنساننىڭ بېشىغا چىقىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ئۇيغۇر ياشلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىدا قۇل قىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر قىز – يىگىتلىرىنى ۋېرۇسنىڭ تىغ ئۇچىدىكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەپ، ئۇلارنى قەستەن ۋىرۇسنىڭ ئوتىغا تاشلىدى. ماھىيەتتە، بۇ ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنگە باراۋەر. تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلار سودىدىكى پايدىسى بار مال قاتارىدا. ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى خىتايدىكى ۋە خەلقئارادىكى قاراڭغۇ بازارلاردا سېتىلىدۇ. خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە يوقىتىلىۋاتىدۇ، تېبەتلەر شىددەت بىلەن ئاسمىلاتسىيە قىلىنىۋاتىدۇ، خىتايلار بولسا دېموكراتىيەدىن، يەنى ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇق، ئادىل سوت، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكتىن مەھرۇم. بىر مىلياردتىن ئارتۇق بۇ كىشىلەر مىللەتچى فاشست رېجىمىدا قىينىلىدۇ.

خىتاينىڭ خەلقئارادا كۆرسىتىدىغان باشقا بىر يۈزى بار. ئۇنىڭ بۇ يۈزىنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن كىشىلەرنى، تاراتقۇلارنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالدايدىغان يالغان خەۋەرلىرى ۋە ساختا بايانلىرى قوغداپ تۇرىدۇ. شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت، ھەتتا دېموكراتىك ئەللەرمۇ تا ھازىرغىچە ھېچنېمە قىلالمايۋاتىدۇ.

دەل خىتاينىڭ ئەخلاقسىزلىقى بۈگۈنكى ۋابانىڭ خەلقئارادا كەڭ تارقىلىشىغا سەۋەپ بولدى ۋە بۇ يۇقۇم دۇنيا مىقياسىدا ۋەھىمە ھەم قورقۇنچ پەيدا قىلدى. ھازىر خىتاينىڭ يالغانچىلىقلىرى ۋە ئۇچۇر كونتروللۇقى پەقەت خىتاي رېجىمىدىكى شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە خوڭكوڭغىلا ئەمەس، ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ.

جون ف. كېننېدى:« بىر ئادەمنىڭ ھوقۇقى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا، ھەممە ئادەمنىڭ ھوقۇقى تەڭ ئازىيىدۇ.» بىز خىتاينىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارنى دەپسەندە قىلىشىغا قاراپ تۇرۇپ، ئۆز ھوقۇقىمىزدىنمۇ تەڭ ئايرىلساق بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئۆز ھوقۇقىمىزنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشىغا يول ئېچىپ بەرگىنىمىز بولىدۇ.

ئەمدى خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىدىغان ۋاقىت كەلدى. خىتاينىڭ 2022- يىلىدىكى قىشلىق ئولىمپىكنى ئۆتكۈزىدىغان ھېچقانداق سالاھىيىتى يوق. خىتاينىڭ قىلمىشلىرى ئولىمپىك روھىغىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتكە قىلغان ھاقارەتتۇر. بىز ھەممىمىز بىر سەپتە نىداسى ئۆچكەنلەرنىڭ ئاۋازى بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقى، قىممىتى ۋە ئىنسانلىقىمىزغا بولغان تەھدىتكە بىللە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ﻣﺎﻧﻔﺮﯦﺪ ﯞﯦﺒﯧﺮ: ﻳﺎ ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﻤﯩﺰ، ﻳﺎ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ

ﻣﺎﻧﻔﺮﯦﺪ ﯞﯦﺒﯧﺮ: ﻳﺎ ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﻤﯩﺰ، ﻳﺎ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻧﺴﯧﺮﯞﺍﺗﯩﭙﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺧﻪﻟﻖ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﻣﺎﻧﻔﺮﯦﺪ ﯞﯦﺒﯧﺮ(Manfred Weber)، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﺍ

ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺗﺎﮪﺎ ﻛﯧﻠﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ

ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ Taha Kılınç ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺩﯨﺮﯦﻜﺘﻮﺭﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﮭﺎﻛﯩﻢ ﺋﯩﺪﺭﯨﺴﻠﻪﺭ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺗﯚﮪﭙﯩﻠﻪﺭ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ Taha

ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبلىك 60 ئىقتىسادىي گەۋدىگە قايتىدىن تاموجنا بېجى قويماقچى

ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبلىك 60 ئىقتىسادىي گەۋدىگە قايتىدىن تاموجنا بېجى قويماقچى ئامېرىكا پرىزدېنتى ترامپنىڭ چەت ئەل تاۋارلىرىغا قويغان تاموجنا بېجى جازاسىنىڭ مۇددىتى 7-ئايدا توشىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا سودا ۋاكالەتچىلىك

تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 37 يىللىقىدا

تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 37 يىللىقىدا بۈگۈن ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خېلى كۆپ دۆلەتلەردە، بۇندىن 37 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 37 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر، باياناتلار

خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاش: زامانىۋىي قۇللۇق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى

«خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاش: زامانىۋىي قۇللۇق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نورۋېگىيەدە چاقىرىلغان 2026-يىللىق «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنى جەريانىدا، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى «خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاش: زامانىۋىي قۇللۇق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» دېگەن

دىنىي ئىتىقادى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار مۇنبىرىدا 

«دىنىي ئىتىقادى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار» مۇنبىرىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم بۈگۈن 2026-يىللىق «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ «دىنىي ئىتىقادى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە مۇنبىرىدە سۆز

ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى يىغىنىدا

ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى يىغىنىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، CFU تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى ئىشلار يۇقۇرى دەرىجىلىك خادىمى Franz Matzner، مەھلىيا چەتىنكايا ھەمدە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى