ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرىى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ «خىتاينىڭ يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرى ، مەجبۇرى ئەمگەك ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى

ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرىى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ «خىتاينىڭ يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرى ، مەجبۇرى ئەمگەك ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىدىن روشەن ئابباس

2020-يىل 11-مارت

پارلامېنت ئەزاسى مېكگوۋېرن، كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىئو ۋە كومىسسىيەنىڭ ھۆرمەتلىك ئەزالىرى ، بۈگۈن مەن يوقاپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرىمغا ۋە خىتتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ،شۇنداقلا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكىدە غايىب بولىۋاتقان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە سېلىنىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن گۇۋاھلىق بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمگە رەھمەت ئېيتىمەن.

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىك خەلىقلىرى يۈزلىنىۋاتقان زۇلۇملار، كىشىلەر ئاساسەن ئورتاق بىلىدىغان مەسىلىلەردۇر. ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى كەمسىتىلىپ، خىتتاي ھۆكۈمىتى دىننى رادىكاللىقنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئىلغار تېخنىكا قوراللىرى ۋە «جۇڭخۇا مىللەتچىلىكى »نى خەلقىمنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىنسانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، ئەركىنلىگى ۋە ياشاش ھوقۇقىغا جەڭ ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ.

مېنىڭ ھەدەم گۈلشەن ئابباس، پىنسىيەگە چىققان تىببىي دوختۇر بولۇپ بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، مەن خادسون ئىنستىتۇتىدا «خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە» سۆزلەپ 6 كۈندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى مەندىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، 2018-يىلى 9-ئايدا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. خىتتاي ھۆكۈمىتى ھەدەم غايىب بولغاندىن بۇيان ھىچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىشىغا يول قويمىغان، ھەتتا ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى ۋە ھايات ئىكەنلىگى بىلەنمۇ تەمىنلىمىگەن.

خىتتاي بۇ كەڭ-كۆلەمدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئۈگۈنۈش مەركىزى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ يالغان. قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدىكى تېببىي دوختۇرلار ، ئاكادېمىكلار ، سودىگەرلەر ۋە كەسپىي خادىملار، شۇنداقلا كىچىك بالىلار ۋە ياشانغانلار بولۇپ ھېچقايسىسى كەسپىي ئۈگۈنىشكە موھتاج ئەمەس.

يېقىندىن بۇيان تەپسىلىي تەتقىق قىلىنىپ يېزىلغان دوكلاتلاردا بۇ لاگېرلارنىڭ كىشىلەرنىڭ روھىنى بۇزۇش ۋە ئۇلارنى زور مىقداردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ئۇنداقتا، GAP, L.L. Bean, Calvin Klein, or H&M: مېنىڭ سىلەردىن سورايدىغىنىم، مېنىڭ ھەدەمنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى سېتىۋالغۇچى قايسىڭلارنىڭ ھۆددىگەرلىرىدىن؟ سىلەر بۈگۈن بىر دوختۇرنى مەجبۇرىي ئەمگەكچى سۈپىتىدە توقۇمىچىلىق ئىشچىسىغا ئايلاندۇرىۋاتامسىلەر؟

Nike: مېنىڭ بىرى سېستىرا، يەنە بىرى ئوقۇتقۇچى بولغان قېينى سىڭىللىرىم خوتەن لاگىرلىرىدىن ئېلىپ كېلىنىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ  بىرى بولۇش سۈپىتىدە خىتتايدىكى ئەڭ چوڭ زاۋۇتلىرىڭلاردا زامانىۋى قۇللارغا ئايلىنىپ،ئايىغىڭلارنى ئىشلەپچىقىرىۋاتامدۇ؟ ياكى يوقاپ كەتكەن ئۈچىنچى قېينى سىڭلىمغا  ئوخشاش  ئائىلە ئايالى بولغان ئاياللارنى ئەۋلاد قالدۇرغۇزماسلىق ئۈچۈن ، ئۆيدىن نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى خىتتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان ياش ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خالىغىنىڭلارمۇ؟!

مېنىڭ ھەدەم  خىتتاي تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەندە ۋە ھەدەمنىڭ ئىز-دىرىكىنى قىلىۋاتقىنىمدا، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى غايىب بولۇشلارغا ،ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە شېرىك ئىكەنلىكىنى بايقايدىغىنىمنى خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باقمىغانىدىم.

بۇندىن 75 يىل ئىلگىرى يەھۇدىيلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ ئىشلەتكەن شىركەتلەردىن Siemens, BMW ۋە Volkswagen قاتارلىق شىركەتلەر ھازىرمۇ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى قىلىپ ئىشلىتىشىگە يەنە بىر قېتىم شېرىك بولۇپ، بۈگۈنكى جازا لاگېرلىرىنى پايدا ئالىدىغان كارخانىغا ئايلاندۇرىۋاتىدۇ. ئەمما ، بۇ قېتىم دۇنيادىكى باشقا داڭلىق شىركەتلەرمۇ مۇشۇنداق شېرىكلىككە سەپ تارتىپ قوشۇلغان.

ئامېرىكا قانۇنى بولغان يەرشارى ماگنىتسكىي قانۇنى، شەخسىي جىنايەتچىلەرگە جازا يۈرگۈزۈشىنى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان مەھسۇلاتلارنىڭ سودىسىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلىدۇ .ئۇنداقتا بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا كىم توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ؟ شى جىنپىڭغا ئامېرىكا قانۇنىغا قارىتا رەت قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنمۇ؟ «ھەرگىز قايتىلانمايدۇ!» نىڭ قايسى قىسمى، بۈگۈنكى جازا لاگېرلىرىنىڭ خىتتاي جىنايەتچىلىرىگە جازا بەرمەسلىك ۋە ئۇلارنى تەمىنلىگۈچىلەردىن ئايرىماسلىق دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ؟

خىتتاي كورونا ۋىرۇسىنىڭ يەنە بىر ئاقىۋىتى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى بىلەن خىتتاي ئۆلكىلىرىدىكى بىكار زاۋۇتلارنى قايتا ئېچىشقا ۋە ئۇيغۇرلارنى ۋۇخەنگە ئەۋەتىش بولىۋاتىدۇ. دەل خىتتاينىڭ مۇستەبىت ئىنكاسى ھەمدە خىتتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئىنكار قىلىش، سۈكۈت قىلىش، خاتا ئۇچۇر بېرىش، ئاشكارىلىغۇچىلارنى جازالاش ۋە زەربە بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى بۇ يەرشارى خاراكتېرلىك تارقىلىشچان ۋابا كېسىلىنى پەيدا قىلدى! بۈگۈنكى كۈندە ، خىتتاي ئىنسانلارنىڭ ھايات ماماتلىغى ئۈچۈن، جازا لاگېرلىرىنى يەنىلا بوشاتمىدى.

دۇنيا خەلقىدىكى رېئاللىقىنىڭ قاتتىق رەھىمسىزلىكى، يەنى ئۇلارنىڭ مېنىڭ خەلقىم ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇپلا قالماي، بەلكى 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىنى بېرىش بىلەن خىتتاينى بۇ «مۇكاپاتقا» ئېرىشتۈرىشى مېنى قاتتىق ئېچىندۇرىدۇ. مېنىڭ ھەدەم ۋە باشقا مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا سودا كېلىشىمى ۋە ئىقتىسادىي پايدىنىڭ كېپىللىك زىيانلىرىغا ئايلىنىشى مېنى غەزەپلەندۈرىدۇ. خىتتاينىڭ سودا تەھدىتلىرى، بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانىنىڭ كۈچى، قەرز توزىقى دىپلوماتىيىسى ۋە ب د ت ئىچىدىكى كونترول قىلىش كۈچى قاتارلىقلار بىلەن، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان كۈچلۈك قول دۆلىتىگە ئايلىنىشى مېنى ئەندىشىگە سالىدۇ.

ئۇندىن باشقا يەنە، خىتتاي دۇنيادىكى بىر قىسىم مۇھىم سىياسىئونلار، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تەتقىقاتچى-ئالىملارغا پارا بېرىپ، خەلقئارالىق جامائەتنىڭ خىتتاينى ئىنسانىيەتكە قارىتا نومۇسسىز جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جىمىقتۇرۇپ كەلمەكتە. ئەگەر بۇ داۋاملاشسا، دۇنيانىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟

بۈگۈنكى كۈندە خىتتاي بىلەن نورمال سودا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇش ۋە خىتتاينىڭ مۇستەبىت كوممۇنىزم مىللەتچىلىكىنىڭ دۇنياغا كېڭىيىشىنى قوللاش دىمەكتۇر. تارىخ جىنايەتنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلەرنى ۋە سۈكۈتنى تاللىغانلارنى خاتىرلەيدۇ. كېيىنكى قەدەمدە كېلىش ئالدىدىكى ئىشلارغا ھەممىمىز مەسئۇل!

رەھمەت سىلەرگە

روشەن ئابباس

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.