«ئۇلارنى جىمىقتۇرساق ئۇيغۇر مەسىلىسى قالمايدۇ» دەپ خام خىيال قىلمىسۇن!

(ئابدۇلھەكىم ئىدرىس)

ئىنسانلارنىڭ ناھەقچىلىق ئالدىدا سۈكۈت قىلمايدىغانلىقى ۋە زالىملارنىڭ ھامان مەغلۇب بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن سىرىيەلەردىن بىرسى  «بىز سۇكۇت قىلساق، ئۇلار مەسىلە قالمايدۇ دەپ خام خىيال قىلىشىدۇ»  دىگەن سىرىيەدۇر. ھالبۇكى بىز جىم تۇرساق تارىخ جىم تۇرمايدۇ. تارىخ جىم تۇرسىمۇ ھەقىقەت جىم تۇرمايدۇ. يېقىنقى ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلگەن ئەڭ زور ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشلىغان كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشقا قارشى چىققان ئايالىم روشەن ئابباس ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى جازالاۋاتىدۇ. ئۇلار، مۇستەبىت خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ جىنايەتلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتقان سىڭلىسىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنى«تېررورلۇققا قاتنىشىش»تۆھمىتى بىلەن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ئەمما زالىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھالى كىرىش سۆزىمىزدىكى ئىبارىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئۇلار ئۆمۈر بويى كېسەل داۋالاپ ئۆتكەن، بىر چۈمۈلىگىمۇ ئازار بەرمىگەن، بىرەر قاتناش قائىدىسىگىمۇ خىلاپلىق قىلمىغان بىر پېنسىيونېر دوختۇرنى تۈرمىگە تاشلىغاندىن كېيىن ئايالىم روشەن ئابباس، مەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى يوقاپ، بىر چەتتە قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرىدۇ دەپ خام خىيال قىلىشىدۇر. ھالبۇكى زالىم خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىقى بىزلەرنى ھەم ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ غەزەب بىلەن كۈرەشكە ئاتلاندۇرىدۇ. خۇددى روشەن خانىمنىڭ ئېيتقىنىدەك «ئىككى يىل بۇرۇن نېمە دېگەن بولسام ھازىرمۇ شۇنى دەيمەن. ھەدەمنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش! سەنلەرنىڭ ھاماقەتلىقى، ئىنسانى ئەخلاقنىنىڭ يوقلىقى تۈپەيلىدىن «خىتاي» دېگەن  بۇ سۆز قەبىھلىك ۋە  ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دىگەن سۆز بىلەن  مەنىداش بۇلىۋاتىدۇ».

تور ۋە تېلېفون تېخنىكىسى ھاياتىمىزنى تامامەن قاپلىغان بىر دەۋردە ياشاۋاتقان بولساقمۇ شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن ئۇنى بىلدۈرۈشنىڭ پايدىسى بار. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كىندىكى، ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاندا ناتىسىتلار دەۋرىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتىدۇ. ھېچكىم «ئۇنداقتا گاز قويۇپ بېرىش ئۆيى قەيەردە؟»دېمىسۇن. چۈنكى، بىر مىللەتنىڭ ئاياللىرى، ئەمدى نەسلىڭ قۇرۇپ كەتسۇن دەپ تۇغماس قىلىۋېتىلسە؛ مىليونلارچە ئىنسان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالسا؛ بۇ لاگېرلاردا ياش قىزلار باسقۇنچىلىققا ئۇچرىسا؛ كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە خىتايلار قونۇپ، ئاياللىرى بىر كارىۋاتتا يېتىشقا زورلانسا؛ پەقەت ساقال قويغانلىقى ئۈچۈنلا تۈرمىگە تاشلانسا؛ ئانىلارنىڭ قورسىقىدىكى بالىلار چۈشۈرۈۋېتىلسە؛ بالىلار ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلىپ، كومۇنىزىم تەربىيەسى ئېلىش ئۈچۈن يېتىمخانىلاردا زورلاپ ياتقۇزۇلسا؛ قىزلار خىتايلارغا تېگىشكە مەجبۇرلانسا؛ كىشىلەر چەت ئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلەشتى دەپ لاگېرلارغا سولانسا، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. ئەگەر بۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلار بولسا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى»نى قايتا بىر ئوقۇپ باقسۇن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەققىدە گەپ بولغاندا شۇنى دەپ قويغان ياخشى. مەزكۇر تەشكىلات ناتسىستلارنىڭ دۇنياغا ھاكىم بولۇش ئۈچۈن مىليونلارچە ئىنسانغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن باشلىغان 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىستلار ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلغۇچى ئەمەلدارلاردىن بىرى، ھىتلېرنىڭ ھەر قانداق زۇلۇمىنى جائىز كۆرىدىغان تەشۋىقات مىنىستېرى  گوبلېسنىڭ كاتىپى بولغان بۇرخىلد پومسەل، ئۆلۈشتىن ئاۋۋال «مۇھاپىزەتچى»گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن، بۇ ئىشتىن ھېچقانداق خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:« دوستۇم ئېۋا بىلەن بىز، غايب بولغان يەھۇدىيلارنىڭ سۇدېتانلەند رايونىغا ماكانلىشىشقا ئەۋەتىلگەنلىكىگە ئىشنەتتۇدۇق. چۈنكى بۇ ئىش بىزگە نورمال كۆرۈنگەنىدى».  پومسەلنىڭ بۇ گېپى بۈگۈنكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرىدۇ. چۈنكى مۇستەبىت خىتاي كوممۇنىستلىرى 2014-يىلدا قۇرۇشقا باشلىغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى 2017-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندە ھەممە ئادەم «بۇ دەۋردىمۇ مۇشۇنداق ئىش بولامدۇ؟»دەپ سوئال قويۇشقانىدى. خىتاي مۇستەبىتلىرى رەزىل ھەم كۈچلۈك بولغاچقا تەپ تارتماستىن «شۇنداق، بىز يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇردۇق، ئەمما نېمىشقا قۇرغانلىقىمىزنى سوراڭلار» دەپ، ئۆزىنىڭ ئۇياتسىزلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئاندىن كېيىن «بىز بۇ لاگېرلاردا ئادەم تەربىيەلەۋاتىمىز» دېدى. مەيلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياكى ئىسلام دۆلەتلىرى بولسۇن، بىرەرسى چىقىپ «بۇ دەۋردە نەدە بۇنداق تەربىيەلەش لاگېرلىرى بولسۇن؟ بىز قايسى ئەسىردە ياشاۋاتىمىز؟» دېمىدى. ھەتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىغا بويالغان پۇللىرىغا دۈم چۈشكەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋەلى ئەھدىسى مەھەممەد بىن سالمان خىتايغا بېرىپ، خىتاينىڭ گېپىنى قىلدى. ھەر كۈنى تېلىۋىزورلىرىدا قۇرئان تىلاۋىتى بېرىدىغان ئىران موللىلىرى «قۇرئان كەرىم ئوقۇغانلىقى ئۈچۈنلا لاگېرغا سولايدىغان ئىش بارمۇ؟» دەپ سوراپ بېقىشنىڭ ئورنىغا، شى جىنپىڭنىڭ يالغان-ياۋداقلىرىغا ئىشىنىپ يۈردى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاينىڭ پۇلى ئالدىدا ئاغزىنى تۇۋاقلاشقا مەجبۇر بولدى. چۈنكى ئۇلار ئۈچۈن، گوبلېسنىڭ كاتىپى ئۆز ۋاقتىدا بولغان ئىشلارنى ۋىجدانىغا خىلاپ ھالدا يوشۇرغىنىدەك، خىتاينىڭ يالغانلىرىغا ئىشىنىش ئاسانراق تۇيۇلىدۇ. ئەگەر بۇ دۆلەتتە دوكتور گۈلشەن ئابباستەك دوختۇرلار، راھىلە داۋۇتتەك پروفېسسورلار، خۇرسەن ھەسەندەك رىژىسورلار،ئابدۇقادىر جالالىددىن،  يالقۇن روزىدەك يازغۇچىلار لاگېرلارغا سولانسا، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ نەق ئۆزىدۇر. بۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلەر قۇياشنىڭ شەرقتىن چىقىشىغىمۇ ئىشەنمىسە بولىدۇ.

قۇياشنىڭ شەرقتىن چىقىپ غەربكە پېتىشىدەك ھەقىقەت بولغان بۇ پاكىتلارنى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ 21-ئەسىردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئايالىم روشەن ئابباس 2017-يىل 9-ئايدا ئامېرىكىدىكى بىر مۇھاكىمە يىغىنىدا بۇ زۇلۇمنى خەلقئاراغا جاكارلىدى. ئايالىم ئۆزىنىڭ قېينانىسى ۋە قېيناتىسىنىڭ 2017-يىل 4-ئايدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە ئاڭلاتقانىدى. خىتاي كوممۇنىستلىرى قانداق قىلدى؟ ئۇلار بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىنكار قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن ئايالىمنىڭ ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلدى. خەلقئارا قانۇننىڭ پرىنسىپى شۇكى، بىر ئادەم جىنايىتى ئىسپاتلانغانغا قەدەر گۇناھسىزدۇر. يەنى ئوتتۇرىدا بىرەر جىنايەت ۋە بۇ جىنايەتنىڭ دەلىللىرى بولۇشى كېرەك. مۇشۇنداق ئەقەللىي پرىنسىپلارنىمۇ كۆزگە ئىلمىغان، جاھانگىرلىك قارا نىيىتى ئۈچۈن بارلىق خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە ئەمەل قىلمىغان خىتاي ھۆكۈمىتى «دوكتور گۈلشەن ئابباسنىڭ گۇناھى نېمە؟» دېگەن سوئالغىمۇ جاۋاب بېرەي دېمىدى. ئۇنىڭ سىڭلىسى ۋە قىزلىرى كۈنلەرچە، ئايلارچە سۈرۈشتە قىلىپ، ھېچقانداق جاۋاب ئالالمىدى. بىر ئىنسان جىنايەتچى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ئۇنى سۈرۈشتۈرۈشى، دائىرىلەردىن ئۇچۇر ئالماقچى بولۇشى ئەڭ ئەقەللىي تەلەپتۇر، مۇشۇنىمۇ ئورۇنلىمىغان خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچكىمگە جاۋاب بەرمىدى. بىر ياندىن مەھەللىنى ئالۋاڭ-سېلىققا بوغۇپ قويغان پومىشچىكتەك پۈتۈن دۇنياغا «ئورتاق تەقدىر گەۋدىسى»، «تەڭ تەرەققىيات ۋە باياشاتلىق»، «قانۇن دۆلىتى» دېگەن سەپسەتىلىرىنى بازارغا سېلىشقا باشلىدى. ئارىدىن نەچچە ئايلار ئۆتكەندىن كېيىن دوكتور گۈلشەن ئابباسنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر كېلىدۇ.

دوكتور گۈلشەن ئابباس 2019-يىل 3-ئايدا «تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى»دېگەن تۆھمەت بىلەن سوتلىنىپ، 20 يىللىق كېسىۋېتىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ جىنايەت نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ ئۇنى بىلىدىغانلار بارمۇ-يوق؟ ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەكىللىرى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيبلىگەندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى مۇخبىرلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، گۈلشەن ئابباسنىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇنىڭ رويتېرىس ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا بەرگەن جاۋابى، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇن پرىنسىپلىرى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ھەق-ھوقۇقى مەسىللىرىدىن قانچىلىك خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاي باياناتچىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش، تېررورىستلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ياردەم بېرىش، ئادەم توپلاپ ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقان قىلىش جىنايىتى» بىلەن سوتلانغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئارقىدىن مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت. قانۇنسىز پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى جازاغا تارتىلىدۇ. ئامېرىكىلىق سىياسەتچىلەر بۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشى، ئارقىدىن گەپ تاپماسلىقى كېرەك؛ شىنجاڭنى تۇتىۋېلىپ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك». مانا بۇ گەپلەر خىتايدەك مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ تەشۋىقاتىدۇر. نەگىلا قارىسا تەشۋىقات سىڭىپ كەتكەن ۋە يالغانچىلىق، ساختىلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان بۇ چۈشەندۈرۈشلەر خىتاينىڭ ئۆز جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ. دوكتور گۈلشەن ئابباسنى ئاساسسسىز ئەيبلەشنىڭ بىرىنچىسى، «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش». گۈلشەن ئابباس دەم ئېلىشقا چىققان بىر دوختۇر، كېچە-كۈندۈز كېسەل داۋالاش بىلەن بولۇپ سالامەتلىكىدىن ئايرىلىپ، بالدۇر دەم ئېلىشقا چىققان، خىتايچىنى پىششىق بىلىدىغان ۋە قانۇن بىلىدىغان بىر ئىنسان. كېسەل سەۋەبىدىن دەم ئېلىشقا چىقىپ، ئۆز تۇرمۇشى بىلەنلا يۈرگەن بىر ئايال قانداقتۇر بىر تەشكىلاتقا ئەزا بولغان بولسا بۇ تەشكىلات جەزمەن ئىنسانلارغا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان خەيرىيەت  تەشكىلاتى بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىسا، كوممۇنىست خىتاينىڭ ھېچقانداق دەلىل-پاكىت كەلتۈرمەيلا تاڭغان بۇ جىنايىتى پۈتۈنلەي تۆھمەتتۇر. ئىككىنچى ئەيبلەش بولسا، «تېررورلۇق تەشكىلاتى»غا ياردەم بېرىش». ئەگەر دوكتور گۈلشەن ئابباس دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزىلىرىدىن كەلگەن بىرەر كېسەلنى باشلاپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويغان بولسا،  خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇنى تەشكىلاتقا ياردەم بېرىش دەپ قاراپ جىنايەت ئارتتىمۇ، بۇنى بىلمەيمىز. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى دوكتور گۈلشەن ئابباسنىڭ سىڭلىسى، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى روشەن ئابباس، قىزى زىبا مۇراتنىڭ پائالىيەتلىرىنى «تەشكىللىك ھەرىكەت»، ئايالىم بىلەن بىز بىرلىكتە قۇرغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى ئاتالمىش «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ قارىغان بولسا، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيادا ئەڭ زالىم ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. چۈنكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بولسا خىتاي تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋە جۈملىدىن دوكتور گۈلشەن ئابباس قاتارلىقلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئاۋازىدۇر.

ئامېرىكىدىكى قىزىنى زىيارەت قىلىپ قايتقاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئۆز كۈنىنى ئۆزى ئېلىپ ياشاۋاتقان، ئاندىن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنغان دوكتور گۈلشەن ئابباسنىڭ «كىشىلەرنى توپلاپ ئىجتىمائىي تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيبلەنگىنى تېخىمۇ كۈلكىلىك. گۈلشەن ئابباس ئۆز ئەتراپىغا ئادەم توپلىغان بولسا، ئۈرۈمچىنىڭ ھەر كۇۋادرات مېتىر يېرىنى كۆزىتىدىغان كامېرالارغا چۈشۈپ قالمىغىنى قىززىق. ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئادەم توپلاشقان ئەھۋال كۆرۈلدى دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ دوختۇرخانىدا ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە خىزمەتداشلىرى ئۇنى ھۆرمەتلەپ ئوتتۇرىغا ئېلىۋالغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر خىتاينىڭ «ئىجتىمائىي تەرتىپنى بۇزغان» دېيىشتىكى غەرىزى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرى روشەن ئابباس،دوكتۇر رىشات ئابباس ۋە بىزنىڭ پائالىيەتلىرىمىزنى ئەيبلەش بولسا، شۇنى بىلسۇنكى، بىز ئۇلارنىڭ زالىم ھاكىمىيىتىنىڭ تەرتىپىنى بۇزۇش ۋە ئۇلارنى بىئارام قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. خىتاي باياناتچىسى خىتاينى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت دېگەنىكەن، ئۇ ھالدا ئاتالمىش سوت مەھكىمىسى ئويدۇرغان چىقارغان تۆھمەت ۋە ئۇنىڭ دەلىللىرىنى ئاشكارىلىسۇن. ئەگەر «بىز قانۇن دۆلىتى» دېيىش كۇپايە بولسا، ھىتلېردىن سورىسىڭىزمۇ، «مەن قانۇن بويىچە يەھۇدىيلارنى قىردىم»دېيەلەيدۇ.

ئاخىرقى ئەيبلەش شۇكى، باشقا دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىن پايدىلىنىۋاتقانمىش. ئەگەر بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق ھەققىدە گەپ بولسا، خىتايغا ئەڭ ئاخىرقى نۆۋەت گەپ قىلىش پۇرسىتىنى بېرىش كېرەك. بېرمىدىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىنى پەردە ئارقىسىدىن باشقۇرغان، ئىراندا كورونا ۋىرۇسى ھەققىدە خىتاينى ئەيبلىگەن باياناتچىنى ئاگاھلاندۇرغان، مالايسىيادىكى كېڭەيمىچىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن باش ئەلچىسىنى سىياسىي پارتىيەلەر يىغىنلىرىغا ئەۋەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتى نومۇس قىلماستىن «ئىچكى ئىشىمىزغا ئارىلاشماڭلار» دەيدۇ. شۇڭا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى كرىس سىمىتنىڭ «شى جىنپىڭنىڭ قىلىۋاتقانلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر» دېگەن سۆزى خىتاينىڭ زۇلۇمىنى بىر جۈملە بىلەن خۇلاسىلەيدۇ. ئالدىنقى كۈنى بۇ ھەقتە ئېچىلغان يىغىندا سۆز قىلغان زىبا مۇرات:«ئۆزىنى خەلقئاراغا قانۇنلۇق دۆلەت دەپ تونۇشتۇرغان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ھېچقانداق جىنايەتكە ئارىلاشمىغان بىر ئىنساننى سەۋەبسىز ھالدا تۈرمىگە تاشلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەيدۇ. روشەن ئابباسنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى بولسا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قەبىھ سىياسەتلىرى ئالدىدا قانداق مەغلۇب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «دۇنيانىڭ بۇنداق ئىبلىس ھاكىمىيەتكە يول قويۇشىغا ھەيرانمەن. بىز بۇ كۈرەشتە مۇشۇنداق مەغلۇب بولامدۇق؟ شۇ ئاندا دۇنيانىڭ ۋىجدانى سىناققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يەردە مېنىڭ ھەدەم ياكى باشقا يېقىنلىرىملا ئەمەس، ئىنسانلىقنىڭ ئۆزى يوقىتىلىشقا ئۇچراۋاتىدۇ».

ئاخىردا شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ھىتلېرنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرى گوبلېس مۇنداق دېگەن: «يالغان تەشۋىقاتنى قىلىۋېرىڭلار، ئىشىنىدىغانلار چوقۇم چىقىدۇ. مەغلۇب بولساڭلارمۇ سۆزلەشنى داۋام قىلىڭلار». بۈگۈنكى ئەھۋالغا قارىغاندا، ئىسلام دۇنياسى رەھبەرلىرى، غەربنىڭ دۆلەت ئەربابلىرى، ئالىم-تەتقىقاتچلىرى،مال دۇنياسى، جاھان ئاھالىسى بۇ زالىم ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشەنگەندەك قىلىدۇ. خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشەنمەيدىغان بىزلەر، بىزگە ئوخشاش ئىنسانىيەتپەرۋەرلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان  كۈرەشلىرى ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ ۋە ھامان خىتاينىڭ ۋەھشىي جىنايەتلىرى بىر-بىرلەپ ئاشكارىلىنىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە ھېچكىم «بۇ ئىشتىن خەۋىرىمىز يوق ئىكەن» دېيەلمىگىنىدەك، بۇ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلغانلارمۇ تارىخنىڭ ۋىجدان مەھكىمىسىدە سوتلىنىدۇ ۋە ئۇلارغا «شېرىك جىنايەتچى» تامغىسى مۇھەققەق ئۇرۇلىدۇ.

 

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.