گېرمانىيە ئىقتىسادىي مەنپىئەت ئۈچۈن “قايتا تەكرارلانمايدۇ” دېگەن ۋەدىسىنى قۇربان قىلماقچىمۇ؟

(ئالدۇلھەكىم ئىدرىس)

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدرىس 15-فېۋرال “زىمىستان” تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن سودا قىلىۋاتقان گېرمانىيەگە تارىختىن قايتا ساۋاق ئېلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە خىتاب قىلغان. توۋەندىكى شۇ ماقالىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

گېرمانىيە ھىتلەرنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى قوللىغان ئالدىنقى قاتارىدىكى شىركەتلىرى ئۇچۇن  كەچۇرۇم سورىدى. لىكىن ئۇ نىمىشقا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ، ئىرقى قىرغىنچىلىق ئەلىپ بەرىۋاتقان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بىلەن ئۆزارا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى خالايدۇ؟

خەلقارا جەمىيەتتە 2 – دۇنيا ئۇرۇشى پەيدا قىلغان جاراھەت ئىزلىرى تېخى ئۆچكىنى يوق. بولۇپمۇ ناتسىستلار گېرمانىيەسى قىلمىشلىرى ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر جاۋاپكارلىققا تارتىلىپ كەلمەكتە. بۇ بۈيۈك پاجىئە ھەممىگە ئايان بولغان بىر زاماندا، دۇنيا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يېڭى بىر رېئاللىقىغا دۇچ كەلمەكتە. خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر يېڭى دەلىل – ئىسپاتلار ھەر كۈنى دېگۈدەك ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان بۇ رېئاللىققا پەرۋاسىز ھالدا بۈگۈن  خىتاي بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان گېرمانىيە رەھبەرلىكىدىكى ياۋرۇپا ئىتتىپاقى چوڭ قىرغىنچىلىقتىن كېيىنكى <<قايتا تەكرارلانمايدۇ>> دېگەن ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ قالدى.

ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ 2 – دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى سىستېمىسىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىتى بىلەن بولغان ئوخشاشلىقى نەزىرىمىزگە چېلىقىدۇ. خىتاينىڭ دۇنياغا ھاكىم بولۇش يولىدا قۇرغان سىستېمىسىنى قوغداش ئۈچۈن جازا لاگىرلىرىغا قامىغان ۋە قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئەينى چاغدىكى ناتسىستلار بىلەن ھەمكارلاشقان شىركەتلەرگە قۇل كەبى ئەۋەتىلگەن ئىشچىلاردىن ماھىيەتلىك بىر پەرقى يوق. مەسىلەن: ھازىرقى دۇنياغا داڭلىق مودا كېيىملىرىگە ئۆزىنىڭ نامىنى قويغان ھۇگو بوسس 1923 – يىلى توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنى قۇرۇپ ئارىدىن 12 يىل ئۆتكەندە ناتسىستلارنىڭ سېپىگە قوشۇلغان.  نەۋ يورك ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ناتسىستلارنىڭ رەسمىي فورمىسى بۇ ماركىنىڭ ئىگىسى ھۇگو بوسس ھىتلېرنىڭ پارتىيىسىگە قوشۇلغاندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ زاۋۇتلىرىدا پولشا ۋە فرانسىيەدىن كەلتۈرۈلگەن ئىشچىلار مەجبۇرىي ئىشلىتىلگەن. دۇنيا جامائىتى بۈگۈنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر قىسمەتكە دۇچ كەلمەكتە. خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتتۇر. زارا، ماركس & سپەنكەر، نايكى، ئادىداس قاتارلىق داڭلىق ماركىلاردىكى مەھسۇلاتلار بېيجىڭ  ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرىنىڭ ئەتراپىغا قۇرۇلغان خام ئەشيا ۋە ئەمگەك كۈچى ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولغان رايونلاردا ئىشلەپچىقىرىلماقتا. كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىت قوغداشنى قىممەت قارىشى قىلغان غەرب شىركەتلىرى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار قۇل ئىسچى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان بۇ زاۋۇتلاردىن مەنپىئەتكە ئېرىشمەكتە. خۇددى ھۇگو بوسس ناتسىستلار ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ قارا داغلىرىنى ئۆچۈرەلمىگەڭە ئوخشاش، غەرپ شىركەتلىرىمۇ كېلىچەكتە بۇ داغنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.

ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىغا شېرك بولغان گېرمان شىركەتلىرىنىڭ يەنە بىر ئۆرنىكى كونتىنېنتالدۇر. كونتىنېنتال ماشىنا زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ شىركەت 2 – دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە جازا لاگىرلىرىغا قامالغان 10 مىڭلىغان ئىنساننى قۇل ئورنىدا ئىشلەتكەن. نەۋ يورك ۋاقتى گېزىتى ئۆتكەن ئاۋغۇست ئېيىدا لۇدۋىگ ماكسىمىلىئان ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پائۇل ئەركەرنىڭ تەتقىقات ماقالىسىغا ئورۇن بەردى. ماقالىغا كۆرە، 1871 – يىلى يەھۇدى بانكىرلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇ كونتىنېنتال شىركىتى 1933 – يىلىغا قەدەر يەھۇدىلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ زامانىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە نادىر شىركەتلىرىڭ بىرى ھالىغا كەلگەن. ناتسىستلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن يەھۇدىلار شىركەتنىڭ رەھبەرلىك ئورنىدىن ئايرىلغان. بۇ شىركەت 2 – دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمان ئارمىيەسىنىڭ ماشىنىلىرىغا بالون، تانكىلار ئۈچۈن ئوق ئۆتمەس يېقىلغۇ باكى ۋە زەھەرلىك گازدىن ساقلىنىش ماسكىلىرىنى ئىشلەپچىقارغان. كونتىنېنتال فرانسىيە ۋە بېلگىيەلەردىن قۇل ئىشچىلارنى ئەكىلىپ ئىشلەتكەن تۇنجى شىركەتلەردىن بىرىدۇر. ئەينى ۋاقىتتا بۇ شىركەت ماشىنا زاپچاسلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئەسكەرلەر ئۈچۈن كاۋچۇكتىن ياسالغان ئۆتۈكلەرنى ئىشلەپچىقارغان. بۇ ئۆتۈكلەرنى جازا لاگىرلىرىدىكى تۇتقۇنلاردا سىناق قىلغان. بۇ سىناقلار جەريانىدا گېرمان ئەمەلدارلىرى تۇتقۇنلارنى گېرمان ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربىي مارشىنى ئۈنلىك ئاۋازلاردا ئوقۇشقا مەجبۇرلىغان. ئارىدىن 75 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا گېرمان ماشىنا شىركەتلىرىدە ۋە جازا لاگىرلىرىدا داۋام قىلىۋاتقان مەجبۇرى ئەمگەك زۇلۇمىغا يەنە بىر قېتىم شاھىد بولماقتا. خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ تىزىملىكىدە گېرمان ماشىنا شىركەتلىرىدىن مەرسەدەس – بەنز،BMW لارنىڭ ئىسمى كۆزگە چېلىقماقتا. BMW نىڭ ئەڭ چوڭ پاي ھەسسىدارى قۇئاندت ئائىلىسىنىڭ 2 – دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە 50 مىڭ كىشىنى قۇل ئورنىدا ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. ب م ۋ نىڭ گېرمانىيە ئارمىيىسىنى ئەسكىرىي لازىمەتلىكلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن قۇل ئىشچىلاردىن پايدىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مەزكۇر شركەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇراسىمىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا <<بۇ زور ئازاپ – ئوقۇبەت ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان نۇرغۇنلىغان ئىشچىلارنىڭ تەقدىرى بۈگۈنگە قەدەر چۇڭقۇر پۇشايماننىڭ بىر تېمىسى بولماقتا>> دېيىلگەن. دەل مۇشۇ شىركەت بۈگۈن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە شېرك بولۇپ، قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەرىدىن مەنپىئەتكە ئېرىشمەكتە. 2 – دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ناتسىستلار قىرغىنچىلىقىغا ناملىرى قوشۇلۇپ تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن  گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ بۈگۈنمۇ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق تىزىملىكىدە ئىسىملىرى كۆزگە چېلىقماقتا. ئاۋىسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتى (ئاسپى) 2020 – يىلى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە دائىر دوكلاتىدا گېرمانىيەنىڭ يەنە بىر ماشىنا گورۇھى بولغان ۋولكىسۋاگېن (ۋۋ) نىڭ نامىمۇ تىلغا ئېلىنغان. ئەينى زاماندا گېرمان ئەمەلدارلىرى زاۋۇتلىرىدىكى قۇل كەبى ئىشلىتىلىۋاتقان يەھۇدىلارغا ھەر تۈرلىك زۇلۇملارنى سېلىپ، ئۇلارنى مارىش ئوقۇشقا مەجبۇرلىغانغا ئوخشاش، بۈگۈنمۇ خىتاي كوممۇنىستىك رېجىمىنىڭ  ئىجراچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى زاۋۇتلاردا ھاكىمىيىتىنىڭ تەلىماتلىرىنى مەجبۇرىي ئوقۇشقا زورلىماقتا.

ئارىدىن 75 يىل ۋاقىتنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىگە قارىماي، گېرمانىيەنىڭ ئىچكىي ھېسابلىرىنى داۋام قىلدۇرىۋاتقانلىقى ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە گېزىتلاردا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولماقتا. گېرمانىيەنىڭ بۇ ھېسابلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن تۈرك ئاكادېمىكى در. گونكا كىسمىرنىڭ ئەمگىكى بۇ نۇقتىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. كىسمىرنىڭ ئەسىرىدىن ئورۇن ئالغان مۇھىم بىر ئالاقىدار ئىنسان زامانىدىكى گېرمانىيە باش مىنىستېرى ۋىللي براندت بولۇپ، ئۇ 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى بولغان ۋارشاۋا يەھۇدى گەتتوسۇ قۇربانلىرى قەبرىستانلىقىغا تىكلەنگەن ھەيكەل ئالدىدا 1970 – يىلى 12 – ئاينىڭ 7 – كۈنى تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ پۈتۈن ئىنسانىيەتتىن كەچۈرۈم سورايدۇ. 15 يىلدىن كېيىن زامانىدىكى گېرمانىيە باش مىنىستېرى ھەلمۇت كوھل ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ پىرىزدېنتى رونالد رېگان بىلەن بىرلىكتە بىتبۇردىكى SS6 ئوفىتسىرلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىدۇ. بۇ يەرگە كۆمۈلگەن ئەسكەرلەر 2 – دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فرانسىيە پۇقرالىرى ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ زىيارەت كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى ۋە گېرمانىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ھېساب بېرىش خاتىرىسىدىن سەلبىي ھادىسە سۈپىتىدە ئورۇن ئالدى. ھەلمۇت كوھل دېگەن ئىسىم بۈگۈن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە شۇقەدەر پەرۋاسىزلارچە ھەرىكەت قىلىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن ئىككى ھەلمۇت ئىسمىدىن بىرى بولۇپ نەزىرىمىزگە چېلىدۇ. يەنە بىر ھەلمۇت، يەنى ھەلمۇت شىمىدت خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنياغا ھاكىم بولۇشىنى قوللىغان ئىسىملەردىن بىرىدۇر. شىمىدت ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى گەرھارد شۆرۆدەر <<Wandel durch Handel>> – ئىقتىساد ئارقىلىق ئۆزگەرتىش نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خىتاي باي بولسا، كوممۇنىزىم ۋە مۇستەبىتلىكتىن ۋاز كېچىدۇ، دەيدىغان خام خىيالدا بولدى.  پولوتىكو زورنىلىدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، خېمىيىلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى باسف  BASF شىركىتى 2020 – يىلى مايدا خىتايغا 10 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلغان. ئۇزۇن يىللارىدن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بۇ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ بارغانسىرى يۈكسىلىشى گېرمانىيەنى خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە پەرۋاسىز قاراپلا قالماي، خەلقارا ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگىمۇ سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى. خىتايدىن چىقىپ دۇنيانى ئاپەت قوينىغا گىرىپتار قىلغان ۋابا مەزگىلىدىمۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەمكارلىقىنىڭ يۈكسىلىشى سەۋەبلىك باش مىنىستېر ئانجىلا مەركىل خوڭكوڭ، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئىنكاس قايتۇرۇش تەبلىرىگە جاۋابەن زۇۋان سۈرمىدى.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە گېرمانىيە سانائىتى رەھبەرلىرىنىڭ مەسىلىلەرنى پەقەت ئىقتىسادىي نۇقتىدىنلا ئويلىشىدىغانلىقى سودا ساھەسىدىكى مىلياردىرلاردىن بىرى بولغان يۈرگېن ھەرائەئۇسنىڭ <<بىز خىتاينى مەدەنىيەت ۋە قىممەت قارىشىمىز بىلەن باھالىمايمىز>> دېگەن سۆزىدىن ئاشكارە بولدى. بۇ خىل روھىي ھالەت ئىككى ھەلمۇتتىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. نىمىلا بولمىسۇن، بۇ نۇقتا خەلقارادا كۆزگە چېلىقىدىغان ۋە ياۋروپا بىرلىكىنى قۇرغۇچى ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ بىرى بولغان گېرمانىيەدە 2 – دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھىتلېر بىلەن ھەمكارلاشقان سودا دۇنياسىغا ئوخشايدىغان بىر مەنزىرىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى نامايەن قىلماقتا. ئەمەلىيەتتە، زەھەرلىك گازلار بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن يەھۇدىلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن مۇرەككەپ تېخنىكىلار بىلەن ئالاھىدە جەسەد كۆيدۈرۈش ئوچاقلىرىنى لايىھىلەپ چىققان توپف ۋە سونس شىركەتلىرىنىڭ ناتسىست ئەمەلدارلىرى بىلەن يېزىشقان خەتلىرىدىكى <<سىزلەر بىلەن ھەمكارلاشماق ھوزۇردۇر>> دېگەن ئىبارىلىرىنى بىزگە خاتىرىلەتمەكتە. گېرمانىيە دولقۇنلىرىغا بۇ ھەقتە ماقالە يازغان جاكەك لەپىئارزنىڭ ئەسىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ شىركەتلەرنىڭ خوجايىنلىرى ئۇ يەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھالدا مەسىلىگە تىجارەت كۆزى بىلەن قارىغان ۋە ناتسىستلارنىڭ قەتلىئامىنى قولايلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش يولىدا خىزمەت قىلغان. شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى ناتسىستلار 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋالغان. توپف ۋە سونسنىڭ <<تىجارەت>> دەپ قاراپ مىڭلىغان ئىنساننىڭ كۆيۈشىنى تىزلىتىدىغان تېخنىكىلارنى ئىجاد قىلىپ تەمىنلىشى گېرمانىيە سانائىتى ۋە گېرمانىيە سىياسىي تارىخىدىكى ئۆچمەس بىر قارا داغ بولۇپ تارىخ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالدى.

ھىتلېر ھۆكۈمىتى بىلەن شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ زور ئوخشاشلىقى، ھەر ئىككىسىنىڭ خەلقارا جەمىيەتكە تۇتقان پەرۋاسىزلارچە مۇئامىلىسىدۇر. ياۋروپانى يەھۇدىلاردىن پۈتۈنلەي تازىلاش نىيىتىدە ئۇزۇن ساقلىغان ھىتلېر سوۋىت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، ئەنگىلىيە بىلەن سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغاندىن كېيىن، جىنايى پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىشنى تىزلەتكەن ھەمدە مىليونلىغان ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى.  يەھۇدىلارنى يوقىتىش پىلانىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە باشتا بولۇپ پۈتۈن دۇنيانىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىشىغا پەرۋە قىلمىغان ئىدى. شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىمۇ بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ خىتاي كوممۇنىست رېجىمىغا قارشى جازالىرىغىمۇ، خاھى ئەنگىلىيە، خاھى فرانسىيە پارلامېنتىنىڭ بېسىملارغىمۇ قىلچە پەرۋا قىلمىغان ھالدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار ۋە باشقا بارلىق مۇسۇلمان خەلقلەر ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى سىستېمىلىق ھالدا داۋاملاشتۇرماقتا.  بۇ ئىككى مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئارىسىدىكى بىردىن بىر پەرق بولسا؛ ھىتلېر رۇسىيا تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن خەلقارا جەمىيەت بىلەن بولغان كېلىشىم كۈچىدىن مەھرۇم بولۇپ قىرغىنچىلىقنى تىزلەتكەن بولسا، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى خەلقارا جەمىيەتنى ئىقتىسادىي مەنپىئەتكە باغلاپ، ئۇلارغا بەھوزۇر 3 مايمۇن ئويۇنىنى ئويناتماقتا. مەركىلنىڭ سۈكۈتى ۋە سودىگەرلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى پەقەت <<تىجارەت>> دەپلا قارىشى كەلگۈسىدە ئۇلارنى يەنە بىر قېتىملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمۇش، شەرىك بولۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىشتىن ساقلاپ قالامايدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، قۇرۇلۇش مەقسىدىدە ھەرزامان دېموكراتىيە ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان ياۋرۇپا بىرلىكى ھەمدە گېرمانىيەنىڭ  خىتايغا قارشى ساددا پوزىتسىيەسىدە ئاخىرقى يىللاردا ئۆزگۈرۈشلەر بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبىرى شى جىڭپىڭنىڭ 2018 – يىلى ئۆزىنى ئۆمۈرلىك رەھبەر دەپ ئاتىشى، گېرمانىيە سودا دۇنياسىدا ئازدۇر – كۆپتۇر ئويغۇنىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. بۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە سانائەت بىرلىكى (BDI) ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى فرەئىدولىن ستراكك 2019 – يىلىنىڭ باشلىرىدا بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ دوكلاتقا سەھىپىلىرىدىن ئورۇن بەرگەن پولىتىكو زورنىلىنىڭ ماتتھەۋ كارتنىستكنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان ماقالىدا خىتاينىڭ ھىچقاچان غەرب ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ئادىل، ئەركىن ئىقتىسادىي بازارغا ئىگە بىر دۆلەت  بولالمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ۋە 54 ماددىلىق بىر ئاگاھلاندۇرۇش تىزىملىكى تۇرغۇزۇلغان. يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ئومىد نوئۇرىپوئۇرمۇ گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە تىجارەتتىن بەكرەك، بېيجىڭنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە  ئەھمىيەت بېرىشىنى تىلغا ئالغان. نوئۇرىپوئۇر  بېرلىن ھۆكۈمىتىنى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قارىتا تېخىمۇ ئېنىق پوزىتسىيە تۇتۇشىنىڭ زۆرۈرلىكىدىن بىشارەتلەر بەرگەن. ئۆكتىچىلەرنىڭ بۇ چاقىرىقلىرىغا قارىماي، ئانجىلا مەركىل ھۆكۈمىتى بەختكە قارشى بۈگۈڭە قەدەر ئىجابىي بىر قەدەم باسمىدى. ئىقتىساد مىنىستېرى پەتەر ئالتمەئىر يۇقارقى زورنالغا قىلغان سۆزىدە ھەلمۇت شىمىدتنىڭ قاراشلىرىنىڭ ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، <<ئىقتىساد ئارقىلىق ئۆزگەرتىش>> كە ھازىرمۇ ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە باشقا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە گويا بۇلار باشقا بىر پىلانتتا يۈز بېرىۋاتقاندەك، ھىچ ئىشتىن خەۋىرى يوقتەك مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

 سودا ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە ئىشەنگەن گېرمانىيە باشچىلىقىدىكى ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بۇ قاراشنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە خىتاي بىلەن ئۆزارا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ئىمزالاش ئالدىدا. بۇ كېلىشىم ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇش پەلىسەپىسىگە ئوچۇقلا قارشى بولغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن ئىمزالانغانلىقى ئۈچۈن قارشىلىقلارنى قوزغىدى. گەرچە بۇ كېلىشىمدە خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، ئادىل بازار رىقابىتىنى يولغا قويۇش، مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش، دۆلەت تولۇقلىمىسىدىن قالايمىقان پايدىلىنىشقا چەك قويۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ تەلىبىگە كۆرە ئىجابىي قەدەملەرنى باسىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنسىمۇ، خەلقارا جەمىيەتتە يەنىلا زور مەسىلىلەر داۋام قىلماقتا. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋام قىلدۇرماقتا. خوڭكوڭدىكى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشتىن توختىغىنى يوق. ئەگەر بۇ كېلىشىم بارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ كۈچكە ئىگە بولسا، ياۋرۇپا شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىقتىسادىي  چەمبىرىكى ئىچىگە كىرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۈگۈنگە قەدەر بارلىق خەلقارالىق ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلغان خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرىنى تاقاشنىڭ، مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ ئەكسىچە، بۇ زۇلۇمنى  تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىدۇ. خىتاينىڭ ئىنسانلارنى مەجبۇرىي قۇل ئورنىدا ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنىڭ رۇشەن ئالامىتى جازا لاگىرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىنا قىلىنغان سانائەت رايونلىرى كۆلىمىنىڭ بارغانسىرى كېڭىيىشىدۇر.

شۇنى تەكرار تىلغا ئېلىش زۆرۈركى، ياۋرۇپانىڭ يىتەكچى دۆلىتىدىن بىرى بولغان گېرمانىيەدە ناتسىستلار تەرىپىدىن يەھۇدىلار، سىگانلار، جەمىيەتنىڭ باشقا ئەزالىرى ۋە كېسەللەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىق جىنايىتى  ھازىرغا قەدەر خاتىرىلەردە ئېنىق ساقلىنىپ تۇرماقتا. بۇ سەۋەبتىن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخ ئالدىدا زور مەسئۇلىيىتى بار. ناتسىستلار ئىشلىگەن جىنايەتنىڭ ھېسابىنى تولۇق بېرىش ئۈچۈن گېرمانىيە بۈگۈن ياۋرۇپاغا باش بولۇپ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختۇتۇش سەپەرۋەرلىكىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. بۇ مەسئۇلىيەت گېرمانىيە ئۈچۈن خەلقارا جەمىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشىنى قوغداش ۋە 2 – دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ناتسىستلارنىڭ جىنايىتىنى يۇيۇشتىكى تارىخىي پۇرسەتتۇر. گېرمانىيە <<ئەمدى ھەرگىز قايتىلانمايدۇ>> دېگەن ۋەدىسىنى ئورۇنلاپ خىتايغا ۋە بېيجىڭنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختات دېسە، غەربنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ئىگە چىققانلىقىنى ئىپادە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولىدۇ

One Comment

  1. Pingback:جېمىسقا توغرا سو'ئال: - ئۇيغۇر ھەرىكىتى

ئىنكاس تاقاق