جېمىسقا توغرا سوئال: <>

DW
DW

(ئالدۇلھەكىم ئىدرىس)

يېقىندا ، تەنتەربىيە دۇنياسىدىكى ئىككى چوڭ ئىسىم ئوتتۇرىسىدا قىزىقارلىق مۇنازىرە بولۇپ ئۆتتى. ئامېرىكىلىق داڭلىق ۋاسكېتبول ماھىرى (LeBron James) لې برون جېمىس بىلەن شىۋىتسىيە پۇتبول ماھىرى زلاتان ئىبراھىموۋىچ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ئاخىرىدا: «مەن خاتا كۆرگەنلىرىمگە ھەرگىز سۈكۈت قىلمايمەن» دېدى جېمىس. دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ۋاسكېتبولچىلارنىڭ بىرى دەپ قارالغان جېمىسنىڭ بۇ سۆزلىرى شۈبھىسىزكى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ. خاتا كۆرگەن ھەممە نەرسىگە سۈكۈت قىلمايدىغان جېمىسقا ئادىل سوئال سوراش كېرەك. ئۇنداقتا ، جېمىس خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلنىشى توغرۇلۇق قاچان سۆزلەيدۇ؟

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك مۇزېيلارنىڭ بىرى ئافرىقا تارىخ مۇزېيىدۇر. بۇ مۇزېيدا ئافرىقىدىن قۇل قىلىنىپ ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتەسىگە ئېلىپ كېلىنگەن ۋە قۇل سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلەر توغرۇلۇق ئازابلىق ۋە ئىنسانىيەتكە داغ كەلتۇرىدىغان رەسىملەر مەۋجۇت. ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ قاراڭغۇ نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغان قۇللۇق تۈزۈمى بۈگۈن تىرىلدۈرۈلمەكتە. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان ئادەمنى زاۋۇتلاردا قۇللارغا ئوخشاش مەجبۇري ئىشلەتمەكتە. ئۇيغۇر ، قازاق ، قىرغىز ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ قۇل سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتلار خەلقارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ھەر كۈنى دەلىللەنمەكتە. ئامېرىكىدىكى ئافرىقا ئەسەللىك بولغان كىشىلەر بىر چاغلار دۇچ كەلگەن كەمسىتىش، تۈۋەن كۈرۈلۈش بولسا بۈگۈنكى كۈندە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلىنغىنىدەك، خىتاينىڭ ئىچكى جايلىرىدا ئافرىقىلىقلارنىڭ چەتكە قېقىلىشى، ھۇجۇم قىلىنىشى داۋاملىق كۆرۈلۈۋاتقان بىر ھال. ئۇنداقتا نېمىشقا بۇ ۋەھشىيلىكلەر ئامېرىكا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى (NBA) چولپىنى لې برون جېمىس تەرىپىدىن كۆرۈلمەيدۇ؟

ئۆتكەن يىلى ئاۋىستىرالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ، ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر غەرب شىركەتلىرى ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلاردا قۇل سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىدىن نەپ ئالىدىغان شىركەتلەرنىڭ بىرى، ئاۋىستىرالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ ماقالىسىدە تىلغا ئېلىنىشچە (NIKE) نايكى دۇر. نايكى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ تەنتەربىيە كىيىم-كېچەك ماركىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ يەنە جېمىسنىڭ «خاتا كۆرگەن ئىشلارغا سۈكۈت قىلمايدىغان» ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ بىرى. فوربېس جورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدا جېمېسنىڭ 2015-يىلى نايكى بىلەن بىر ئۆمۈر قوللاش ئېلان كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى بايان قىلىنغان. جېمېس 64 ياشقا كىرگۈچە قوللايدىغانلىغىنى بىلدۇرگەن بۇ كېلىشىمنىڭ جۇغلانما ئومۇمىي قىممىتىنىڭ بىر مىليارد دوللار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. جېمېسنىڭ نايكى بىلەن بولغان تۇنجى سودىسىنىڭ مىقدارى 90 مىليون دوللار ئەتراپىدا. بۇ نۇقتىدا ماقالىنىڭ تېمىسىدىكى سوئالنى يەنە بىر قېتىم سوراشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر جېمىس ئىجتىما’ئىي مەسۇلىيەت ئۈچۈن مۇھىم ۋە قوللاشقا ئېھتىياجلىق بولغان خاتا دەپ قارىغان ھەممە نەرسىنى سۆزلەشنى توختاتمىسا ، ئۇ، ئۇچاغدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكى توغرىسىدا بىر نەرسە دېيەلەمدۇ؟ ياكى نايكىنىڭ مىليارد دوللارلىق قوللاش كېلىشىمى سەۋەبىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنى ئىشلىتىشىگە سەل قاراۋاتامدۇ؟ ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئافرىقىدىن غەربكە مەجبۇرى ئەلىپ كىلىنىپ قۇل قىلىنغان ئافرىقىلىقلارغا ئوخشاش قۇل قىلىنىۋاتقانلىقىغا كوز يۇمۇۋاتامدۇ؟

ئەگەر جېمېس پورتلاند ترائىل بلازېرس مۇسابىقىسىدىن كېيىن ئېيتقىنىدەك ، «ئۆز خەلقى» گە مۇناسىۋەتلىك  مەسىلىلىئەردە جىم تۇرمايدىكەن ، جەمىيەتتىكى ئاممەۋىي ئادالەتسىزلىك توغرىسىدا سۆزلەيدىكەن ، ئۇ يەنە كوۋىد -19  پەيدا بولغاندىن كىيىن خىتايدىكى ئافرىقىلىقلارنىڭ  ھۇجۇم، خورلاش ۋە پاراكەندىچىلىكلەرگە مۇپتىلا بولغانلىقلىرىنى سۆزلىيەلىدىمۇ؟ مەسىلەن ، ئۇيغۇر ھەرىكىتى (CFU) غا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىغا شاھىت بولغان بىر ئافرىقىلىق ياشنىڭ تۆۋەندىكى بايانلىرىغا ئىنكاس بىرەلىدىمۇ؟ «سىرتقا چىققاندا ھەر ۋاقىت يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولىدىغان بىر دۆلەتتە ياشاش ھەقىقەتەن تەس. مەن چەتەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قىيىنلاشتۇرۇشتا خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. خىتايدا چەتەللىك بولۇپ ياشاش دوزاختا تۇرغانغا ئوخشاش ». جېمېس يەنە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ چاقىرىقىنى قوللاپ ، ئوزىنىڭ ئافرىقا ئەسەللىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ، ئۇلار بىلەن خىتاينى خاتا قىلىۋاتىسەن دەپ ئوتتۇرغا چىقالىدىمۇ؟

<<مەن تەنھەرەكەت سپور بىلەنلا قالمايمەن ، چۈنكى مەن بۇ مەيدان ۋە ئاۋازىمنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىمەن>> دېگەن جېمىسقا يەنە بىر سوئال قويۇلۇشى كېرەك. خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى نەچچە يۈزمىڭلىغان شەرقىي تۈركىستان ئاياللىرىنى جازا لاگېرلىرىغا سولىۋېلىپ چېچىنى چۈشۈرۈپ ، بۇ چاچتىن ياسالغان سۈنىي چاچنى ئامېرىكىغا سېتىش ، ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماسلىق قىلىش ، ئانىنىڭ قورسىقىدىكى بالىلارنى ئۆلتۈرۈش ، ياش قىزلارنىڭ مەجبۇرىي توي قىلىشى ۋە سان ساناقسىز غەيرى ئىنسانى جىنايەتلەر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، كانادا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دەپ قوبۇل قىلىندى. قانداقلا بولمىسۇن ، جېمىس خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قوبۇل قىلىنغان زىيانكەشلىكلىرىگە سۈكۈت قىلدى. ئۇنداقتا جېمىسنىڭ كۈچلۈك ئاۋازى خىتايغا كەلگەندە نەدە؟، كانىيى بوغۇلۇپ قالدىمۇ؟. خىتاي يېڭىدىن تەسىس قىلغان قۇللۇقتىن نەپ ئالغان نايكى قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ قوللىشى بىلەن تۆكۈلگەن مىليون دوللار جېمىسنىڭ ئاۋازىنى تۇساپ قويدىمۇ؟ قىسقىسى ، بېيجىڭنىڭ قانغا بويالغان پۇلى لې برون جېمىسقا ئوخشاش داڭلىق شەخسلەرنى سەتىۋالدىمۇ؟

لېبرون جېمىس ۋە باشقا داڭلىق ئارتىسلارنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى خەلقارا جەمىيەت ئۈچۈن ئەلۋەتتە مۇھىم. ئەمما دۇنيا تارىخى ئىككىنچى قېتىم ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ۋەھشىيلىكىگە دۇچ كەلمەكتە، ئەمما خىتاينىڭ بۇ قەتلى ئامىغا گەپ قىلمىغانلار كەلگۈسىدە «ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ سۇكۇت قىلغان» دەپ تارىخقا ئويۇلىدۇ.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.