روشەن ئابباس دوختۇر گۈلشەن ئابباس خانىم تۇتۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىشى قىلدى

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس دوختۇر گۈلشەن ئابباس خانىم تۇتۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىشى قىلىپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يوللىغان تۋىتتېر ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «دوختۇر گۈلشەن ئابباس قانۇنسىز تۇتۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى ۋە 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاي لاگېرلىرىغا تاشلانغانلىقىغا قارشى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىۋاتىمەن.»

ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە قارىتىپ مۇنداق دېدى: «ئەلچى سۇي تيەنكەي، بىز ئائىلە ئەزالىرىمىزنىڭ تىنچ-ئامان ۋە تىزىدىن قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىزگە ئۇلارنىڭ ھايات ئىكەنلىكنى ئىسپاتلاپ بەر.»

جۈمە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىش، دىسنېي شىركىتى يېقىندا بازارغا سالغان «مۇلەن» فىلىمى دۇنياۋىي قارشىلىقلارغا ئۇچراپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دىققەت قايتىدىن مەركەزلەشكەن پەيتلەرگە توغرا كەلدى.

«مۇلەن» فىلىمىنىڭ بەزى كۆرۈنۈشلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۇرپان ۋىلايىتى تەۋەسىدە سۈرەتكە ئېلىنغان. فىلىم ئاخىرىدا تۇرپان ۋىلايەتلىك ج خ ئورگانلىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتىلغان.
كېيىن تۇرپاندا 8 ئورۇندا جازا لاگېرلىرى بارلىقى، فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ بۇلارنى كۆرمەي قېلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دىسنېي شىركىتىنىڭ بۇ قىلمىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن «مۇلەن» نى بايقۇت قىلىش سادالىرى ئۇلغايغان ئىدى.
روشەن ئابباس بۇ ھەقتە توختىلىپ دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ 2018-يىلىدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدىن تا ھازىرقىغىچە خەۋەر يوقلۇقىنى ئېيتتى ۋە مۇنداق دېدى: «مەن دىسنېينىڭ مۇلەن فىلىمى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئوقۇغاندىن، دىسنېي فىلىم گۇرۇپپىسى خادىملىرى ئاچام قامالغان لاگېرنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنمىدۇ، دەپ ئەجەبلەندىم.»

دوختۇر گۈلشەن ئابباس ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئۆز ئاچىسى بولۇپ، ئۇ ئىككى يىل ئاۋۋالقى بۈگۈنكى كۈندە روشەن ئابباسنىڭ ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان.

رادىئومىز ئىلگىرى گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەندىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﯞﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻥ ﻛﻪﻳﺪﯛﺭﯛﻟﺪﻯ.

«ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ: ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ

«ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ: ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «ﺳﯘﻧﻤﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ ﺳﺎﺑﺮﯨﻨﺎ ﺳﻮﮪﺎﺋﯩﻞ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺯﯗﻣﺮﻩﺗﺎﻱ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

«ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﺌﺎﺳﭙﻮﺭﺍﺳﯩﻐﺎ ﺧﻪﺕ»

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ: ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﺌﺎﺳﭙﻮﺭﺍﺳﯩﻐﺎ ﺧﻪﺕ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯚﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ

ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﭼﯩﮕﺮﺍ ﮪﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺳﯚﮪﺒﻪﺗﺘﻪ

ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﭼﯩﮕﺮﺍ ﮪﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺳﯚﮪﺒﻪﺗﺘﻪ 24-ﻣﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﭼﯩﮕﺮﺍ ﮪﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺳﯚﮪﺒﻪﺗﻜﻪ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ،