دۇنيا بالىلار كۈنىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قىسمىتى

بۈگۈن دۇنيا بالىلار كۈنى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بۈگۈن ئىنسانلارنى 500 مىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىرىدۇ. بۇ پاجىئە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىنى زېدە قىلدى ۋە ئۆچمەس داغ پەيدا قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتايغا پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى داۋاملىق كونترول قىلىشقا رۇخسەت قىلغان بۈگۈنكى كۈندە بۇ بالىلار خىتاينىڭ دەرھال ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش نىشانىغا ئايلاندى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بولسا ئېغىر روھىي ئازابتا قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، «بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئەھدىنامىسى»گە تۈپتىن خىلاپلىق قىلدى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى يېقىندا تۈركىيەدە پائالىيەتتە بولدى، تەشكىلات خادىملىرى ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن كۆرۈشتى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلىپ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ئىستانبۇلدا باش پاناھسىز قالغان.  ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى:«مەن بالىلارنىڭ كۆزىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئېغىر ئازابىنى كۆردۈم. ئاتا-ئانىسىز قېلىپ، تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكىنى بالدۇرلا زېممىسىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولغان بۇ ياشلار كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇنىڭغا خىتاي سەۋەبچى، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنىدۇر».

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى تەشۋىقات ئىشلىرى مەسئۇلى جۇليا مىلسەپ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا  بۇ قېتىملىق تۈركىيە سەپىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق يازىدۇ: «مەن كۆزلىرىدىن ئۈمىدسىزلىك، قايغۇ-ھەسرەت چىقىپ تۇرغان  17، 18 ياشلاردىكى  بۇ بالىلارنىڭ ئۆيىنى كۆرگەندىكى ھېسسىياتىمنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. بۇ بالىلار بۇ يېشىدا ئەسلىدە ھاياتىنىڭ ئەڭ خۇشال ۋاقىتلىرىدىن بەھىرلىنىشى كېرەك ئىدى. بىز ھەممىمىز بۇ بالىلار ئۈچۈن بىر ئىش قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك، چۈنكى بىز قىلالايمىز».

بىز بالىلىرى بىلەن جەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنى، ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بەلكىم ئەمدى جەم بولالمايدىغان بالىلارنى كۆردۇق، ئاڭلىدۇق، دەردىنى بىلدۇق. بىز خىتاينىڭ تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز بۇ قەبىھ زوراۋانلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن قەتئىي كۈرەش قىلىمىز. دۇنيا بالىلار كۈنى دۇنيا بەلكىم ئويغىنىپ مۇنداق بىر رېئاللىقنى، يەنى خەلقئارا ئورگانلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇقىغا داۋاملىق كۆز يۇمۇۋاتقان بىر رېئاللىقنى چۆچۈش ئىلكىدە كۆرۈشى مۇمكىن. ئۇ پەقەت ئابستراكىت سىياسىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى بالىلارنىڭ پاجىئەسى، بالىلارنىڭ ئازابىدۇر. ئەگەر ھەممىمىز بىرلىشىپ ئۇنى توسمىساق، قورقۇنچلۇق كەلگۈسى يېتىپ كېلىدۇ.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ئامېرىكا-خىتاي باشلىقلار يىغىنىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلامدۇ؟

ئامېرىكا-خىتاي باشلىقلار يىغىنىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلامدۇ؟ مەتبۇئاتلاردا بايان قىلىنىشىچە، مارتنىڭ 15-كۈنى پارىژدا ئامېرىكا-خىتاي سودا ساھەسىنىڭ سۆھبىتى باشلانغان. ئىككى كۈنلۈك بۇ سۆھبەت ئامېرىكا پرىزدېنتى ترامپ بىلەن

نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» قانۇنى ھەققىدىكى بايانلىرى

«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» قانۇنى ھەققىدىكى بايانلىرى: . «مىللىي بىرلىك» توغرىسىدىكى قانۇن: شى جىنپىڭنىڭ بىرلىككە كەلگەن مىللىي كىملىك ​​قۇرۇش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقلىرى خىتاي رەھبىرى شى

خىتاي ئاسسىمىلاتسىيەنىڭ يەنە بىر زالىم قانۇنىي قورالىنى ماقۇللىدى

خىتاي ئاسسىمىلاتسىيەنىڭ يەنە بىر زالىم قانۇنىي قورالىنى ماقۇللىدى . ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎ’ﺋﯩﺪﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻘﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﯞﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﭼﯩﻠﻪﺭ

ﮔﯚﺭﯛﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﻦﻏﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﮪﻪﻕ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻦﻏﺎﻧﻼﺭ ﻛﯜﻧﯩﺪﻩ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ

ﮔﯚﺭﯛﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﻦﻏﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﮪﻪﻕ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻦﻏﺎﻧﻼﺭ ﻛﯜﻧﯩﺪﻩ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﯞﺍﺷﯩﻦﮔﺘﻮﻧﺪﺍ 9-ﻣﺎﺭﺕ «ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎﻧﯩﯔ ﮔﯚﺭﯛﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﻦﻏﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﮪﻪﻕ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻦﻏﺎﻧﻼﺭ ﻛﯜﻧﻰ»ﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ. ﺗﺎﺷﻘﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺭﻭﺑﯩﻴﻮ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎﻧﯩﯔ ﭼﻪﺕ

ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻗﻮﺭﺍﻝ-ﻳﺎﺭﺍﻕ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﻮﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩﺒﻰ

ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻗﻮﺭﺍﻝ-ﻳﺎﺭﺍﻕ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﻮﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩﺒﻰ ﺳﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺳﺘﻮﻛﮭﻮﻟﯩﻢ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺗﯧﻨﯩﭽﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ (SIPRI) ﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻗﻮﺭﺍﻝ-ﻳﺎﺭﺍﻕ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﻮﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﯨﻜﻰ 5 ﺩﯙﻟﻪﺕ

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رامزان ئېيىدىكى باستۇرۇشى سەۋەبىدىن، شىنجاڭدا 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قولغا ئېلىندى

«خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رامزان ئېيىدىكى باستۇرۇشى سەۋەبىدىن، شىنجاڭدا 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قولغا ئېلىندى» . بېيجىڭ، 7-مارت (IANS) خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسى رامزان ئېيىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە دۇچ

ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻠﯩﻖ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﺩﻩ

«ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻠﯩﻖ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ» ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﺩﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺗﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺟﯘﯕﮕﻮ-ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﻰ 7-ﻣﺎﺭﺕ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﺩﻩ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻥ. ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻦﻏﺎ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﺩﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻠﯩﻘﻼﺭ» ﯞﻩ «ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻠﯩﻖ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ»ﻣﯘ