دۇنيا بالىلار كۈنىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قىسمىتى

بۈگۈن دۇنيا بالىلار كۈنى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بۈگۈن ئىنسانلارنى 500 مىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىرىدۇ. بۇ پاجىئە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىنى زېدە قىلدى ۋە ئۆچمەس داغ پەيدا قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتايغا پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى داۋاملىق كونترول قىلىشقا رۇخسەت قىلغان بۈگۈنكى كۈندە بۇ بالىلار خىتاينىڭ دەرھال ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش نىشانىغا ئايلاندى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بولسا ئېغىر روھىي ئازابتا قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، «بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئەھدىنامىسى»گە تۈپتىن خىلاپلىق قىلدى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى يېقىندا تۈركىيەدە پائالىيەتتە بولدى، تەشكىلات خادىملىرى ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن كۆرۈشتى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلىپ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ئىستانبۇلدا باش پاناھسىز قالغان.  ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى:«مەن بالىلارنىڭ كۆزىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئېغىر ئازابىنى كۆردۈم. ئاتا-ئانىسىز قېلىپ، تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكىنى بالدۇرلا زېممىسىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولغان بۇ ياشلار كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇنىڭغا خىتاي سەۋەبچى، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنىدۇر».

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى تەشۋىقات ئىشلىرى مەسئۇلى جۇليا مىلسەپ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا  بۇ قېتىملىق تۈركىيە سەپىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق يازىدۇ: «مەن كۆزلىرىدىن ئۈمىدسىزلىك، قايغۇ-ھەسرەت چىقىپ تۇرغان  17، 18 ياشلاردىكى  بۇ بالىلارنىڭ ئۆيىنى كۆرگەندىكى ھېسسىياتىمنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. بۇ بالىلار بۇ يېشىدا ئەسلىدە ھاياتىنىڭ ئەڭ خۇشال ۋاقىتلىرىدىن بەھىرلىنىشى كېرەك ئىدى. بىز ھەممىمىز بۇ بالىلار ئۈچۈن بىر ئىش قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك، چۈنكى بىز قىلالايمىز».

بىز بالىلىرى بىلەن جەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنى، ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بەلكىم ئەمدى جەم بولالمايدىغان بالىلارنى كۆردۇق، ئاڭلىدۇق، دەردىنى بىلدۇق. بىز خىتاينىڭ تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز بۇ قەبىھ زوراۋانلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن قەتئىي كۈرەش قىلىمىز. دۇنيا بالىلار كۈنى دۇنيا بەلكىم ئويغىنىپ مۇنداق بىر رېئاللىقنى، يەنى خەلقئارا ئورگانلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇقىغا داۋاملىق كۆز يۇمۇۋاتقان بىر رېئاللىقنى چۆچۈش ئىلكىدە كۆرۈشى مۇمكىن. ئۇ پەقەت ئابستراكىت سىياسىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى بالىلارنىڭ پاجىئەسى، بالىلارنىڭ ئازابىدۇر. ئەگەر ھەممىمىز بىرلىشىپ ئۇنى توسمىساق، قورقۇنچلۇق كەلگۈسى يېتىپ كېلىدۇ.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.