خىتاي تاشپولات تېيىپ ھەققىدە مەلۇمات بەردى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۈچىشى بىلەن بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى تاشپولات تېيىپ ھەققىدە قىسمەن مەلۇمات بېرىپ، ئۇنىڭغا مەخپىي سوت ئېچىپ، ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. جۈمە كۈنى خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە قانىلى قىسقا فىلىم تارقىتىپ: «غەرب تاراتقۇلىرى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە پىتنە-ئىغۋا تارقىتىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن.
گېرمانىيە ئاۋازى تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «تاشپولات تېيىپ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ھوقۇقى قانۇن بويىچە قوغدالدى».
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىلان قىلىشىچە، تاشپولات تېيىپ 2017-يىلىدىن بېرى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بولۇپ، دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن سوتلانغان. بۇ تەشكىلات ئۇنىڭ مەخپىي ھەم ئادالەتسىز سوتتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىدىن ئىزچىل ئەندىشە قىلىپ كەلگەن.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى 26-دېكابىر (پەيشەنبە) بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تاشپولات تېيىپنىڭ قامالغان جايىنى ئاشكارىلاشقا ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇ زاتنى يوقلىشىغا رۇخسەت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.
«فرانكفورت گېزىتى»نىڭ 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ماقالىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، تاشپولات تېيىپ 2017-يىلى يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەنىڭ بېرلىنغا بارماقچى بولغان بولۇپ، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي تەرەپنىڭ تەشۋىقاتىدا 87 زىيالىينىڭ «ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىگە زەھەرلىك مەزمۇن قوشقان» دەپ تۇتۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ خىتاي پاھىشە گورۇھى پاش قىلىندى

ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ خىتاي پاھىشە گورۇھى پاش قىلىندى . بىريۇسسېلدىن تارقالغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولىشىچە، بېلگىيە ساقچى دائىرىلىرى 8 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، كۆلىمى بېلگىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسارىيە،

كانادادا چاقىرىلىۋاتقان گ7 باشلىقلار يىغىنىدىكى خىتايغا قارشى بەزى كېلىشىملەر

  كانادادا چاقىرىلىۋاتقان گ7 باشلىقلار يىغىنىدىكى خىتايغا قارشى بەزى كېلىشىملەر ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ يىل 7-ئاينىڭ 24-25- كۈنلىرى خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدىن بۇرۇن، ئىككى

Thomas Richard Suozzi گۈلشەن ئابباس ھەققىدىكى بايانلىرى

ئامېرىكا كونگرېس ئەزاسى Thomas Richard Suozzi نىڭ گۈلشەن ئابباس ھەققىدىكى بايانلىرى بۈگۈن دوكتۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ 63 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى. ئۇ ئۇدا 7 يىل خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئادالەتسىز

ئامېرىكا كونگرىسىدا گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇغۇلغان كۈنى

ئامېرىكا كونگرىسىدا گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئامېرىكا كونگرېس ئەزاسى، ھېلسىنكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، كوممۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئامېرىكا كونگرسىدىكى دوستلۇق گورۇپپىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىتتىپاقىدىكى ئورتاق رەئىسى Joe Wilson، بۈگۈن گۈلشان

7-قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنىنى خىتاي تۈرمىسىدە ئۆتكۈزىۋاتقان گۇناھسىز ئايال

7-قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنىنى خىتاي تۈرمىسىدە ئۆتكۈزىۋاتقان گۇناھسىز ئايال ئۇيغۇر ھرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم بۇندىن 7 يىل ئىلگىرى خۇدسون ئىنىستىتۇتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پاش قىلىپ بىر

Donald trump بىلەن Elon musk

سەھنىلەردە Donald trump بىلەن Elon musk جىدىلىدىن كېيىن يەنە شى جىنپىڭ . دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھوقۇقدار بىلەن ئەڭ چوڭ باينىڭ جىدىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتى يەنە Donald trump

خۇدسون ئىنىستىتۇتىدىكى ئولىۋىيا ئېنوسنىڭ بايانلىرى

خۇدسون ئىنىستىتۇتىدىكى Olivia Enos نىڭ بايانلىرى 7 يىل ئىلگىرى، رۇشەن ئابباس خۇدسون ئىنىستىتۇتىغا كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتتى. بىرقانچە كۈندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەدىسى گۈلشەن ئابباس خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن قولغا