دۇنيا جامائىىتىگە شەرقىي تۈركىستاندا بولىۋاتقان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئاڭلىتىش داۋاملاشماقتا

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﭼﺎﺗﻤﺎ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺮﻯ

2021-ﻳﻠﻰ 16- ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ

ﭼﺎﺗﻤﺎ ﺧﻪﯞﻩﺭ 1

ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﺩﻩ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ “ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ” ﺩﻩ 12- ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، “ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﮪﻪﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﯞﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ” ﺳﻪﺭﻟﻪﯞﮪﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﻩ، ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ، ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺶ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ “ﮪﻪﺭﮔﯩﺰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻧﻤﺎﻳﺪﯗ” ﺩﯨﮕﻪﻥ ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﮕﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﮪﻪﻗﯩﻘﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺟﺎﻣﺎ’ﺋﻪﺕ ﭘﯩﻜﺮﻯ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﮕﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﻳﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ.
ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﻩ “ﮪﻪﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ” ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﮪﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﻚ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﺩﻩ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.

ﭼﺎﺗﻤﺎ ﺧﻪﯞﻩﺭ 2-

ﭼﯧﺨﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﭘﺮﺍﮔﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ 7-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﻳﯩﻐﯩﻨﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭘﻼ، 16- ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯧﺦ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﺳﯩﻨﯩﯔ ﭘﺮﻭﮔﯩﺮﺍﻣﻤﺎ ﺳﯘﻧﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ﻟﯩﻨﺪﺍ ﻛﺎﺑﺮﯨﻠﻮﯞﺍ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭼﯧﺦ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﺗﺘﻰ. ﭼﯧﺦ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﺳﻰ، ﭼﯧﺦ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮪﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﭼﺎﺗﻤﺎ ﺧﻪﯞﻩﺭ 3-

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻧﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﯩﺪﺭﯨﺲ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺩﯗﻕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ، ﭼﯧﺦ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﺋﺎﻟﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ. 16- ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺑدۇلھەكىم ﺋﯩﺪﺭﯨﺲ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ ﺋﺎﻣﻪﺭﯨﻜﺎ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ 2 ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ، ﭼﯧﺦ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻟﻮﻣﯘﭺ ﺷﻪﮪﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﻧﯟﯨﺮﺳﯩﺘﯩﺖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ “ﻣﯧﻨﯩﯔ ﮪﻪﺩﻩﻡ ﻧﻪﺩﻩ؟” ﮪﻮﺟﺠﻪﺗﻠﯩﻚ ﻓﯩﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻐﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻟﯩﻜﺴﯩﻴﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ. ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﻣﻮﮪﯩﻢ ﺩﯙﯞﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﮪﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯧﺦ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻧﯟﯨﺮﺳﯩﺘﯩﺖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻐﺎﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯘﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻐﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺵ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﺍﯞﺍﺳﯩﻨﻰ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﺩﯙﯞﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺸﺘﻪ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ.

 

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.