جازا لاگېرلىرىنى تاقاش تەلىپى ب د ت يىغىنىدا تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

جەنۋەدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 43-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى ئەيىپلىگەن. گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ماس خىتايدىن جازا لاگېرلىرىنى تاقاشنى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئارقىدىن ئەنگىلىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ سۆز ئېلىپ، جازا لاگېرلىرى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ جەنۋەدىن بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 43-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى دىققەتنى تارتقان مەسىلىلەردىن بىرى بولغان. ب د ت ۋە خەلقئارانىڭ بېسىمى سەۋەبلىك جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە قىيىن ۋەزىيەتتە قالغان خىتاي ھاكىمىيىتى ب د ت دا ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆزىنى ئاقلاش ۋە جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 43-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى 3 ھەپتە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، د ئۇ ق ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇ يىغىنلاردا ئىككى قېتىم سۆز قىلىش پۇرسىتىغا ئېرىشكەن. بۇ پۇرسەتتە ئۇلار جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى، كورونا ۋىرۇسىنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىش خەۋپى مەسىلىسى ھەمدە بۇ ۋىرۇس سەۋەبلىك ئۇيغۇر دىيارىدا پەيدا بولۇۋاتقان ئاچارچىلىق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشىنى يىللاردى بۇيان كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمدە د ئۇ ق نى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلگەن. گەرچە خىتاي ھاكىمىيىتى ئىلگىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىش تەلىپىگە قارشى چىقمىغان بولسىمۇ، بۇ تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە «خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا رىئايە قىلىش» شەرتىنى قويىۋالغانلىقى ئۈچۈن ب د ت خادىملىرى بۇ زىيارەتنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان دىققەتنى تارتىدىغان بىر يېڭىلىق خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسارى مىچېل باچېلېت خانىم باشچىلىقىدىكى بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى شەرتسىز زىيارەت قىلىشىغا قوشۇلۇشى بولغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ب د ت نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى نىشان قىلغان بۇ تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە خىتاينىڭ شەرت قويمايدىغانلىقىغا ماھايەت جەھەتتىن ئىشەنگىلى بولمىسىمۇ ھەمدە خىتاينىڭ يەنىلا تۈرلۈك ھىيلە-نەيرەڭلەر بىلەن ئويۇن ئوينايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن بولسىمۇ، ب د ت نىڭ «شەرتسىز تەكشۈرۈش» مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى داۋاملىق ھالدا زۆرۈر بولغان ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش ھەم ئىزچىل خىزمەت ئىشلەش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 43-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا د ئۇ ق نىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئالىي مەسلىھەتچىسى رىشات ئابباس، قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رېشىت، قۇرۇلتاينىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ۋە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس قاتارلىقلار قاتناشقان. رۇشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرى ب د ت ئىچىدە تۈرلۈك يىغىنلارغا قاتنىشىۋاتقان، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى بىلەن ھەمدە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان چاغلاردا ب د ت ئالدىغا تىكىلگەن «ئۇيغۇر ئەركىنلىك چېدىرى» دا خىزمەت قىلىۋاتقان دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتى ئارقىلىق خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسەتلىرىنى پاش قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. د ئۇ ق تەرىپىدىن ب د ت بىناسىغا ئالدىغا 24-فېۋرالدىن تارتىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئەركىنلىك چېدىرى» ناملىق بۇ رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتى 28-فېۋرال كۈنىگە قەدەر داۋام قىلىدىكەن.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى 8-ماي ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر ئامېرىكا پارلامېنتىنى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خادىملىرى ھىندونىزىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتتى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خادىملىرى ھىندونىزىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتتى مەركىزى ۋاشىڭتوندا بولغان ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى 28-ئاپرىلدىن 7-مايغىچە ھىندونىزىيەنىڭ بىرقاچە شەھەرلىرىدە زىيارەتتە

خىتاينىڭ ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى

خىتاينىڭ ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىنى پاش قىلدى. ئوبزوردا بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ستاندفورت ئۇنىۋېرسىتېتىكى ئوقۇغۇچى

ئورگان ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى

ئورگان ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 7-ماي ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى كىرىس سىمىت «ئورگان ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىدا

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى رىشات ئابباس ئەپەندى 6-ماي كۈنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىدا مۇھىم يىغىنغا

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۇنجى بولۇپ جاكالىغان مايىك پومپېئو بىلەن

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۇنجى بولۇپ جاكالىغان مايىك پومپېئو بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى رىشات ئابباس ئەپەندى ھەمدە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىدىن سابرىنا سوھائىل

فرىدىرك مەرز گېرمانىيەگە باش مىنىستېر بولۇپ سايلاندى

فرىدىرك مەرز گېرمانىيەگە باش مىنىستېر بولۇپ سايلاندى 6-ماي ئۆتكۈزۈلگەن گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى سايلامغا 630 پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان بولۇپ، مەخپىي بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا باش مىنىستېر نامزاتى فرىدىرك

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى دوللار بىلەن تەمىنلەشنى مەنئىي قىلىش قانۇن لايىھەسى»

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى دوللار بىلەن تەمىنلەشنى مەنئىي قىلىش قانۇن لايىھەسى» 5-ماي كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. بۇ قانۇن لايىھەسى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئالاقىدار بولغان ساھەلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى