ASPI نىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ «زامانىۋى قۇل» سۈپىتىدە سېتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى يېقىندا «ئۇيغۇرلار سېتىلىدۇ: قايتا تەربىيە-شىنجاڭدىن ھالقىغان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە نازارەت» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن زور ئىنكاس قوزغىدى. بۇ دوكلات خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخباراتلاردا خەۋەر قىلىندى. چۈنكى دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىسپاتلار كۆرسىتىلگەن. يەنە كېلىپ، بۇ ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ خەلقئارادىكى داڭلىق تاۋار ماركىلىرىنى مال بىلەن تەمىنلەيدىغان زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان بولۇشى دوكلاتنىڭ ئەڭ دىققەت قوزغىغان نۇقتىسى بولدى.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2017-2019-يىللىرى ئارىسىدا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن 80 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە يۆتكەپ كەتكەن ۋە بۇلارنىڭ بىر قىسمى بىۋاسىتە لاگېرلاردىن ئېلىپ كېتىلگەن. بۇ ئىشچىلار يۇرتلىرىدىن ئۇزاق جايلاردىكى بۇ زاۋۇتلاردا تامامەن ئايرىۋېتىلگەن ياتاق بىنالىرىدا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا سىياسىي ئۆگىنىش ۋە خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىدىكەن، قاتتىق نازارەت قىلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە مەخسۇس بېكىتىلگەن كىشىلەر ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى چەكلەپ تۇرىدىكەن.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاساسلىق ئاپتورلىرىدىن بولغان تەتقىقاتچى ۋىكى شۈ ئاۋسترالىيەنىڭ «ABC» قانىلىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەنلەر سانىنىڭ مۆلچەرلەنگەن نومۇردىن خېلىلا يۇقىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە بۇ 80 مىڭ دېگەن رەقەم ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھېسابلانغان. چۈنكى ئۇ پەقەت خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردىكى سانلىق مەلۇماتلارنىلا ئاساس قىلغان. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشتىكى ئاساسلىق مەقسەت ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ئۆزگىچە بولغان كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت»

بۇ دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي نىشان قىلغان «ئۆزگەرتىپ ياساش» قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى باسقۇچىنى ئاشكارىلاپ بېرىش بىلەن بىرگە خىتايدىكى بەزى زاۋۇتلارنىڭ دۆلەتنىڭ قوللىشى ئاستىدا مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىر ئۇچىنىڭ بۇ زاۋۇتلار مال بىلەن تەمىنلەيدىغان داڭلىق ماركىلارغا چېتىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقان ئەمگەك كۈچلىرى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» ناملىق سىياسىتى ئاستىدا يۆتكىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەمچىلىككە بېرىشنى رەت قىلىش ھوقۇقى يوق ئىكەن. كىشىنى ئەڭ چۆچۈتىدىغىنى شۇكى، يەرلىك دائىرىلەر ۋە خۇسۇسىي ۋاسىتىچىلەر ھەر بىر تىزىمغا ئېلىنغان ئەمگەك كۈچى ئۈچۈن ئادەم بېشىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتتىن پۇل ئالغان، ھەتتا ۋاسىتىچى شىركەتلەر بىۋاسىتە ھالدا بۇ ئىشچىلارنى سېتىش ئېلانى چىقارغان.

ۋىكى شۈ «ABC» قانىلىغا بۇ ھەقتە سۆز قىلغاندا بۇنىڭ «زامانىۋى قۇللۇق تۈزۈمى» دىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئىشچىلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان شىركەتلەر ئۆز ئالدىغا بۇ ئۇيغۇر ئىشچىلارنى باشقا شىركەتلەرگە يۆتكەشتە ۋاسىتىچى بولالايدۇ. مانا بۇمۇ زامانىۋى قۇللۇقنىڭ بىر تۈرى. بەزى ۋاسىتىچى شىركەتلەر ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئېلان چىقارغان. شۇنداق ئېلانلارنىڭ بىرىدە ‹قولىمىزدا خىتاينىڭ قەيەرىگە دېسە، شۇ يەرگە ئەۋەتىپ بېرىلىدىغان يۈزلىگەن ئىشچى بار› دېيىلگەن بولسا، يەنە بىر ئېلاندا ‹قولىمىزدا 16-18 ياش ئارىسىدىكى ئەمگەكچىلەر بار، شىركەتلەر ئەگەر زاكاز قىلسا، ئىشچىلار 7-15 كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ› دېيىلگەن. مانا بۇنىڭغا قارىغىنىڭىزدا، سىز بۇنىڭ ئىختىيارىي ئەمگەك ئەمەسلىكىنى بىلەلەيسىز.»

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەر مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقان زاۋۇتلار ئارىسىدا دۇنيا بويىچە داڭلىق ۋە نوپۇزلۇق ماركىلاردىن Volkswagen ،Sony ،Samsung ،Nike ،Huawei ،Gap ،BMW ،Apple قاتارلىقلار بار ئىكەن. يۇقىرىقى بۇ تەتقىقات ئورگىنىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان ۋەقەلەردىن قارىغاندا، «نىكە» ماركىلىق ئاياغلارنى ياسايدىغان زاۋۇتلاردا ئىشچىلارنىڭ كۆزىتىش مۇنارلىرى ۋە سىم توسۇقلار بىلەن ئورالغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ خىتاي ئىشچىلارغا ئوخشاش بايراملاردا ئۆيلىرىگە بېرىپ كېلەلمەيدىغانلىقى ئېنىقلانغان. يەنە بىر تەكشۈرۈشتە «Adidas» we «Fila» ناملىق ماركىلارغا مال چىقىرىدىغان زاۋۇتلاردىكى ئىشچىلارنىڭ بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردىن ئۇدۇل يۆتكەپ ئاپىرىلغانلىقى مەلۇم بولغان. «ئالما» شىركىتىگە زاپچاس ياسايدىغان بەزى زاۋۇتلاردىمۇ ئۇيغۇر ئىشچىلار بارلىقى ئاشكارىلانغان.

مەزكۇر تەتقىقات ئورگىنى دۇنيا مىقياسى بويىچە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسىگە چېتىلىپ قالغان جەمئىي 83 خەلقئارالىق ماركىنى ئېنىقلاپ چىققان. ۋىكى شۈنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ شىركەتلەر بىلەن ئالاقىلەشكەندە كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق ئەھۋالدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، چۈنكى خىتايدىكى تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنىڭ ئادەتتە قانداق ئىشچىلارنى ئىشلىتىدىغانلىقىدىن خەۋىرى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ۋىكى شۈ سۆزىدە ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ داۋاملىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن بۇ شىركەتلەرنىڭ دەرھال ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ۋىكى شۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاساسىي قانۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قويۇۋېتىشكە، ئۇلارنىڭ خالىغان يەردە ئىشلەش ياكى ئىشلىمەسلىك ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا چاقىرىمىز.»

ئامېرىكادىكى تونۇلغان تەتقىقاتچى گوردون چاڭ بولسا مەزكۇر ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «نېمىشقا خىتايغا قاتتىق جازا تەدبىرلىرى قويۇلمايدۇ. بىزنىڭ ھەقىقىي يوسۇندا ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز ئۈچۈن شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ئىنسانىيەتكە قارشى يەنە قانچىلىك جىنايەت ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىدى؟» دېگەن.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ئامېرىكادىكى «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»نىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بار

ئامېرىكادىكى «زاپاس ساقلاش دولقۇنى»نىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتى بار! خىتاي تاراتقۇلاردا ئامېرىكىغا قارشى قۇۋلۇق-شۇملۇقلارنى قانات يايدۇرماقتا. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئورگانلار ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى

خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى 75 زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى گېرمانىيەدىكى «دەر سپىئەگەل، ئامېرىكادىكى «نەۋ يورك تىمەس»، ئەڭىلىيەدىكى «تھە بۇرەئائۇ ئوف ئىنۋەستىگاتىۋە جوئۇرنالىسم»نىڭ بىرلىشىپ ئېنىقلىشىچە، خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسىدىكى

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭ-ﻧﻮﻣﯘﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﯞﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻥ ﻛﻪﻳﺪﯛﺭﯛﻟﺪﻯ.

«ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ: ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ

«ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ: ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «ﺳﯘﻧﻤﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ 3-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ