«مۇنبەر 2000» يىغىنىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنتەرتىپنى ئىگىلىگەن

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 31-ئاۋغۇست كۈنى 1 يىلدىن بۇيان باستۇرۇپ قويغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت دوكلاتنى ئېلان قىلىپ خەلقئارادا زور غۇلغۇلىلارغا سەۋەب بولۇۋاتقان بىر چاغدا، چېخىيە پايتەختى پىراگادا 26-نۆۋەتلىك «مۇنبەر 2000» يىغىنى چاقىرىلىۋاتاتتى. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردىكى داڭلىق سىياسىي پائالىيەتچىلەر، دىپلوماتلار، تەتقىقاتچىلار قاتناشقان بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس قاتارلىقلارمۇ تەكلىپكە بىنا´ئەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان.

بۈگۈن 1-سېنتەبىر پىراگادىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئالدى بىلەن «مۇنبەر 2000» يىغىنىدا بولۇپ ئۆتكەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالغان مۇھىم تېما بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مەزكۇر يىغىندا ئۆزىنىڭ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى، پۈتۈن دۇنيانى خىتاي ئاپىتىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «مەن سۆزۈمدە، شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلاپ ئۇيغۇرنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، يەنە مىليونلاپ ئۇيغۇرنى قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، مىليونلىغان نارەىسىدىلەرنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ تاشلاپ، ئۇلارغا مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش تەربىيەسى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاينىڭ يالغۇز شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بىر ئاپەت بولۇپلا قالماي، پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئاپەت بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردۈم. بۇنىڭ ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر مىللەتنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپلا قالماي، ئىچكى موڭغۇلىيە، تىبەت، خوڭكوڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىقلىرىنى، تەيۋەنگە شەكىللەندۈرۈۋاتقان تەھدىتلىرىنى، قەرز توزىقى ئارقىلىق نامرات ئەللەرنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇۋاتقانلىقىنى مىسال قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، غەربنىڭ دېموكراتىيەسى، ئەركىنلىكى، ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشىغا جەڭ ئېلان قىلىۋاتقان خىتاينىڭ شۇم نىيىتىنى دۇنيانىڭ تېخىچە يېتەرلىك دەرىجىدە چۈشىنىپ يىتەلمەيۋاتقانلىقىنى، غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار ئارقىلىق قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن گۆر قېزىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدىم. خىتايدىن ئىبارەت بۇ ئاپەتنى يوقاتماي تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدىم».

يىغىنغا مەركىزى پىراگادىكى «كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» تەشكىلاتىنىڭ مەست´ئۇللىرىدىن ئىۋېتا خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز قاتناشقان بۇ مۇھىم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سىياسىي تەسىرى كۈچلۈك بولغان شەخسلەر خىتاينىڭ جىنايەتلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق سۆزلەپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تارتتى. بۇلاردىن بىرى، روشەن ئابباس خانىم بولدى. يىغىندا يەنە 31-ئاۋغۇست ب د ت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ مۇزاكىرىسىمۇ ئېلىپ بېرىلدى. بىز بۇ نۇتۇقلار ۋە دوكلاتتىن شۇنى ھېس قىلدۇقكى، پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى ناھايىتى كۆپكەن. بىز ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئالاقىسى بولغان خىتايلارنى خەلقئارا سوتقا تارتىشقا تېرىشىش بىلەن بىرگە، خەلقئارادىكى خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىچىدە تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەر ۋە شىركەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا شېرىك بولۇشتىن توسۇشنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنى ئىزدەپ تېپىشقا دەرھال تۇتۇش قىلىشىمىز لازىمكەن. بىز يەنە خىتاينىڭ تۈرلۈك ساختا تەشۋىقاتلىرىغا ئالدىنىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرگە قارىتا تەشۋىقاتىمىزنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ تونۇپ يەتتۇق».

«مۇنبەر 2000» يىغىنى چېخىيەنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ۋە مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋاسلاۋ خاۋېل، ياپونىيەلىك ساخاۋەتچى يوھېي ساساكاۋا، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ئېيلى ۋىزېل تەرىپىدىن 1996-يىلى ئورتاق قۇرۇلغان بولۇپ، ھەر يىلى چاقىرىلىدىغان بۇ يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى كىشىلىك ھوقۇق، ئېتىقاد ئەركىنلىكى، مەدەنىي ۋە ئىرقىي ساھەلەردە يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

ۋاسلاۋ خاۋېل «مۇنبەر 2000» يىغىنىنىڭ قۇرۇلۇش ئاساسى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «يالغۇز يەرشارىنىڭ ھەر يەرلىرىدىن، ئوخشىمىغان قىتئەدىن، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتتىن، ئوخشىمىغان دىنىي ئېتىقاد ساھەسىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانىي ئىلىمنىڭ ئوخشىمىغان تۈرلىرىدىن نېسىۋە ئالغان ئەقىللىق ئىنسانلار قەيەرلەرگىدۇر جەم بولۇپ، خاتىرجەم مۇنازىرە ئېلىپ بارالىسا، بۇ نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى-ھە؟»

خەۋەرنىڭ تولۇقىنى ئوقۇڭ: https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/irqiy-qirghinchiliq-09022022143945.html

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.